غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى (2)

ئەركىن سىدىق
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى

4. ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى قانداق ۋە نېمە ئۈچۈن ئۈنۈم بېرىدۇ؟

ناپولىيوننىڭ كىتابىدا «چەكسىز ئەقىل» ئۇقۇمى ئىنتايىن كۆپ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇ ئۇقۇمنى مۇكەممەل چۈشىنىۋېلىش، مەزكۇر ماقالىنىڭ قالغان قىسمىنى توغرا ۋە تولۇق چۈشىنىۋېلىش ئۈچۈن ناھايىتىمۇ زۆرۈر.  شۇڭلاشقا مەن مۇشۇ بۆلۈمدە ئاشۇ ئۇقۇم ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىمەن.  شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇشۇم كېرەككى، ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى كام دېگەندىمۇ ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرۇس ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۆتۈلىدىغان بىر دەرس بولالايدىغان ئىلىم بولۇپ، ناپولىيوننىڭ كىتابىدىكى بىر قىسىم ئۇقۇملارنى بىر قېتىم ئوقۇش بىلەنلا تولۇق چۈشىنىپ كېتىش بەزىدە مۇمكىن ئەمەس.  شۇڭلاشقا ئوقۇرمەنلەرنىڭ بەزى ئۇقۇملار توغرىسىدىكى مەزمۇننى سەۋرچانلىق بىلەن بىر قانچە قېتىم ئوقۇشىنى، ئوقۇغاندا ئىشلىتىلگەن ھەر بىر سۆزگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىنى سورايمەن.

ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى ئىككى خىل ئايرىم-ئايرىم فۇنكىسىيىنىڭ بىرلەشمىسى ئارقىلىق ئۈنۈم بېرىدۇ. ئۇنىڭ بىرى «چەكسىز ئەقىل»، يەنە بىرى بولسا «كائىنات ئادەت كۈچى».  سىز كۆڭلىڭىزدە ساقلىغان بىر ئوي ئۆزى بىلەن ئېكۋىۋالېنت (تەڭداش) بولغان فىزىكىلىق نەرسىنى ئۆزىگە تارتىدۇ.  مۇشۇ جەرياندا كائىنات ئادەت كۈچى كۆڭلىڭىزنى ئاشۇنداق قىلىش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەپ، چەكسىز ئەقىل بولسا سىزنىڭ ئويىڭىزنىڭ تارقىلىشى بىلەن ئۇنىڭغا قايتۇرۇلغان ئىنكاسنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى تەمىنلەيدۇ. 

مەن بۇ ماقالىنىڭ 1-قىسمىدا تىلغا ئەلىپ ئۆتكىنىمدەك، ئاندرۇ ناپولىيونغا پۈتۈن زېھنىنى مۇۋەپپەقىيەت پەلسەپىسىنى قانداق قوللىنىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۈنۈم بېرىدىغانلىقى مەسىلىسىدىن قەتئىي ساقلىنىشنى ناھايىتى قاتتىق تاپىلىغان.  بۇنىڭ سەۋەبى، ئاندرۇ بۇ پەلسەپىنى ھەممە دىندىكىلەرنىڭ ئوخشاش يوسۇندا پايدىلىنىشىنى ئارزۇ قىلغان بولۇپ، ئۇنى بىرەر ئېتىقادقا باغلاپ قويغاندا، ئوقۇرمەنلەرنىڭ شۇ زامانلا نەچچىگە بۆلۈنۈپ كېتىدىغانلىقىدىن ئەنسىرىگەن.  ئەمما، ناپولىيون «ئويلاپ باي بولۇش» دېگەن كىتابىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر يەنىلا خىيالنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى مەلۇم بىر كۈچنىڭ تەسىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىكەن، دېگەن تونۇشقا كەلگەن.  شۇڭلاشقا ناپولىيون ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار بولغان خاتا چۈشەنچىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى قارار قىلغان.  شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ «ئويلاپ باي بولۇش» دېگەن كىتابىدىن كېيىن بەرگەن لېكسىيىلىرىدە بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئېنىق ۋە ئاشكارە چۈشەنچە بەرگەن.

(1) چەكسىز ئەقىل

ئىلىم-پەننىڭ ھازىرغىچە ئېنىقلىشىچە، پۈتۈن كائىنات مۇنداق تۆت نەرسىدىن تۈزۈلگەن: ۋاقىت، بوشلۇق، ماددا، ۋە ئېنېرگىيە.  شۇنداقلا يەر شارى، بەدىنىڭىزدىكى مىلياردلىغان ھۆجەيلەرنىڭ ھەر بىرى، ھەمدە جىسىملاردىكى ھەر بىر ئاتومدىنمۇ كىچىك بولغان زەررىچە قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئەڭ دەسلىۋىدە مەلۇم بىر شەكىلدىكى ئېنېرگىيە شەكلىدە ۋۇجۇتقا كەلگەن.  ئاسماندىكى ئەڭ چوڭ يۇلتۇزدىن تارتىپ ھەر بىر ئادەمگىچە بولغان ھەر بىر نەرسە ئېنېرگىيە بىلەن ماددىنىڭ بىرىكمىسى ئارقىلىق پەيدا بولغان.

ئىستەك دېگىنىمىز بىر تەپەككۈر ئىمپۇلسى (ئىلگىرى سۈرۈش كۈچى) بولۇپ، تەپەككۈر ئىمپۇلىسلىرى بولسا مەلۇم شەكىللەردىكى ئېنېرگىيىدىن ئىبارەتتۇر. سىز ئىستەكنىڭ تەپەككۈر ئىمپۇلسىدىن پايدىلىنىپ، بىر پۇل تېپىش جەريانىنى باشلىغاندا، سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرماقچى بولغان «نەرسە» بىلەن تەبىئەت مۇشۇ يەر شارىنى، ھەمدە سىزنىڭ بەدىنىڭىز ۋە تەپەككۈر ئىمپۇلىسلىرى ئىش ئەلىپ بارىدىغان مېڭىڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كائىناتتىكى ھەر بىر شەكىلدىكى جىسىملارنى بەرپا قىلىش ۋاقتىدا ئىشلەتكەن «نەرسە» لەر ئوپمۇ-ئوخشاش بولىدۇ. يەنى، ئېنېرگىيە بىلەن ماددا ئوخشاش نەرسىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، پەقەت ئۇلارنىڭ شەكلىلا بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ.  كائىناتتىكى ھەر بىر نەرسە بىلەن باشقا نەرسىلەر ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش «چەكسىز ئەقىل» دىن ئىبارەتتۇر.

(2) چەكسىز ئەقىل ۋە يوشۇرۇن ئاڭ

چەكسىز ئەقىلنى بىر يانفۇن سىستېمىسىغا ئوخشاش «سىستېما» دەپ چۈشىنىشكە بولىدىغان بولۇپ، ئۇ چاغدا يوشۇرۇن ئاڭ سىزنى ئاشۇ سىستېما بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرىدىغان نەرسە بولىدۇ. يوشۇرۇن ئاڭ بۇنداق رولنى تۆۋەندىكى 3 خىل شەكىلدە ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ:
--سىز ئۆز تۇرمۇشىڭىزغا نېمىنى تارتىپ ئەكەلمەكچى ئىكەنلىكىڭىز توغرىسىدىكى بىر ئىدىيىنى تارقاتقان ۋاقتىڭىزدا، يوشۇرۇن ئېڭىڭىز بىر «سىگنال تارقىتىش پونكىتى» بولىدۇ.
--چەكسىز ئەقىلدىن سىزگە قايتىپ كەلگەن ئىدىيىلەر ئۈچۈن، ئۇ سىزنىڭ «سىگنال قوبۇل قىلىش پونكىتى» ڭىز بولىدۇ.
--شۇنداقلا ئۇ سىزنىڭ يېڭى چارىلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بارلىق ئۇچۇر ۋە ئىدىيىلىرىڭىزنى ساقلاپ بېرىدىغان ئۇچۇر ئىسكىلاتىڭىزمۇ بولىدۇ.

تۆۋەندە مەن يوشۇرۇن ئاڭنىڭ بۇ ئۈچ خىل رولىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن.

سىزنىڭ ئېڭىڭىز (ياكى ئاساسىي ئېڭىڭىز) ھەر خىل ئۇچۇرلارغا سىزنىڭ سىلاش، كۆرۈش، ئاڭلاش، تېتىش ۋە پۇراشتىن ئىبارەت بەش خىل سىزىمىڭىز ئارقىلىق ئېرىشىدىغان بولۇپ، ئۇلارنى بىر قېتىم سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن قوبۇل قىلىدۇ. سىزنىڭ ئاساسىي ئېڭىڭىزگە كىرگەن ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى يوشۇرۇن ئېڭىڭىزگىمۇ كىرىدىغان بولۇپ، يوشۇرۇن ئېڭىڭىز ئۇ ئۇچۇرلارنى سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزمەيلا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوبۇل قىلىپ ساقلايدۇ.  سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىز ئۇ ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى باھالىمايدۇ. ئۇلارنى ياخشى ۋە ناچار دېگەن، ياكى ئىجابىي ۋە سەلبىي دېگەن تۈرلەرگە ئايرىمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەينەن قوبۇل قىلىدۇ، ھەمدە ئۇلارنىڭ ھېچ قايسىسىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.  سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان نەرسە، ئۇنىڭغا بىر ئىدىيىنى قاچىلىغان ۋاقىتتىكى سىزنىڭ قىزغىنلىقىڭىزنىڭ دەرىجىسى بولۇپ، ئۇ ئىدىيىگە ھەمرا بولغان ھېسسىيات قانچە كۈچلۈك بولسا، ئۇ ئىدىيىمۇ كۆزگە شۇنچە ئاسان چېلىقىدىغان ياكى يوشۇرۇن ئېڭىڭىزنىڭ شۇنچە بەك ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشىدىغان بولىدۇ.

سىز ئۆز-ئۆزىڭىزگە بەرگەن ھەر قانداق تەكلىپ «ئاپتوماتىك تەكلىپ» («autosuggestion») دەپ ئاتىلىدۇ.  ئەگەر سىز ئۆزىڭىزگە ئائىت مەلۇم بىر نەرسىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز، ئۇنى سىز ئۆز-ئۆزىڭىزگە ئويلاش ياكى ھەركەت قوللىنىش جەھەتتە ئاشۇنداق بىر ئۆزگىرىشنى ھاسىل قىلىشنى دەيدىغان بىر تەكلىپنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز.  سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن بۇ تەكلىپنى ئىجابىي ھالدا مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ياكى ئىجادىي ھالدا كۆز ئالدىغا ئەكىلىش تەرىقىسىدە ئىچىڭىزدە قايتا-قايتا تەكرارلاش ئارقىلىق، ئۇ يېڭى ئىستەك سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا كىرگۈزۈلگەن بىر نەرسىگە ئۆزگىرىپ، ئاپتوماتىك ھالدا چەكسىز ئەقىل سىستېمىسىنىڭ بىر تەركىۋى قىسمىغا ئايلىنىدۇ.  شۇنداق قىلىپ سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىز سىزنىڭ تەپەككۈر دولقۇنىنى تارقىتىدىغان «تارقىتىش پونكىتى» ڭىز بولۇپ، ئاپتوماتىك-تەكلىپ بولسا سىزنىڭ «تارقىتىش پونكىتى» ڭىزنىڭ رولىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان نەرسە بولىدۇ.

سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىز سىزنىڭ «قوبۇل قىلىش پونكىتى» ڭىزمۇ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزدا ساقلىنىۋاتقان ئۇچۇر بىلەن ئىدىيىلەر بىر يەرگە كېلىپ، سىزنىڭ ئىجادىي تەپەككۈرىڭىزدا ۋال-ۋۇل قىلىپ پەيدا بولۇپ قالغاندا، سىز يوشۇرۇن ئېڭىڭىزدىكى ئاشۇ ئوينى قوبۇل قىلىسىز.   ئۇچۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى سىزنىڭ ئاساسىي ئېڭىڭىز تەرىپىدىن شاللىۋېتىلگەن ۋە ئۇنتۇلغان بولىدۇ.  لېكىن سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىز ئۇچۇرلارنى ھەرگىز ئۇنتۇلمايدىغان بولۇپ، ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزدا ساقلاقلىق تۇرىدۇ.  سىزنىڭ كۆڭلىڭىز بىر ئىدىيىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە بىر سىگنال بەرگەندە، بۇ سىگنال سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزدىكى ئۇچۇرلارنى قوزغىتىپ، بىر يېڭى ئىدىيە بەرپا قىلىدۇ.  بۇ يېڭى ئىدىيە سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە ۋال-ۋۇل قىلىپ پەيدا بولىدۇ. 

كۆڭلىڭىزدە پەيدا بولغان بەزى تۇيغۇلار سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىز ساقلىغان ئۇچۇرلاردىن كەلمەيدۇ. سىزنىڭ بەش سىزىمىڭىزدىنمۇ كەلمەيدۇ.  بەلكى چەكسىز ئەقىلدىن كېلىدۇ. يەنى،

--ئىنسانلار مەلۇم بىر ئىدىيە ئۈستىدە تەپەككۈر قىلىپ، يېڭى ئىدىيىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەندە، كۆڭۈل ۋە مېڭە ھەرىكىتى ئارقىلىق ئېنېرگىيە ئىمپۇلىسلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.

--بىر ئىدىيە پەيدا قىلغان بۇ ئېنېرگىيە ئىمپۇلىسلىرى تەپەككۈر قىلغۇچىدىن سىرتقا قاراپ تارايدىغان دولقۇنلارنى تارقىتىدۇ.  بۇ دولقۇن خۇددى بىر ئانتېننىدىن تارقالغان رادىئو دولقۇنلىرىغا ئوخشايدۇ.

--رادىئو دولقۇنلىرى ئېلېكتىر-ماگنىتلىق سپېكتر نىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ھەر ۋاقىت بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا ۋە بىزنىڭ ئىچىمىزدە توختاۋسىز ئۇيان-بۇيان يۆتكىلىپلا تۇرىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، تەپەككۈر دولقۇنلىرىمۇ چەكسىز ئەقىلنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا ۋە بىزنىڭ ئىچىمىزدە ھەر ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

--سىزنىڭ كۆڭلىڭىز بىلەن مېڭىڭىز پەيدا قىلغان ئېنېرگىيە ئىمپۇلىسلىرى مەلۇم بىر چاستوتا (ياكى دولقۇن ئۇزۇنلىقى) غا ئىگە بولىدۇ.

--باشقا بىر ئادەم چەكسىز ئەقىل ئارقىلىق تارقاتقان ئىدىيىنىڭ ئېنېرگىيە ئىمپۇلىسلىرىنىڭ چاستوتىسى سىزنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالسا، سىزنىڭ كۆڭلىڭىز بىلەن مېڭىڭىز ئاشۇ ئىدىيىنى چەكسىز ئەقىل ئارقىلىق قوبۇل قىلىدۇ.

--سىزنىڭ فىزىكىلىق مېڭىڭىز ئاشۇ دولقۇنلارنى قوبۇل قىلغاندا، ئاشۇ دولقۇنلارغا يۈكلەنگەن ئىدىيە بىلەن ئۇچۇرلار سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزدا ساقلىنىۋاتقان ئىدىيىلەرنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىدۇ. 

--سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزنىڭ ئىچىدە، ئەسلىدە بار بولغان ۋە سىرتتىن يېڭىدىن كىرگەن ئۇچۇر ۋە ئىدىيىلەر توختاۋسىز ھالدا ئۆز-ئارا باغلىنىپ ۋە گۇرۇپپىلىشىپ، سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزدا ئەسلىدە يوق بولغان يېڭى ئىدىيە ۋە چارىلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ.

سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا سىرتتىن كىرگەن نەرسىلەر تۇيغۇ، تەبىئىي خۇسۇسىيەت، گۇمان، ئاپىنىڭ بىۋاستە تۇيغۇسى، ئالدىن تۇيغۇ، ئورتاقلىق، بىرىنچى تەسىر، بىر كۆرۈپلا ئۆچ بولۇپ قېلىش، ۋە بىر كۆرۈپلا كۆيۈپ قېلىش قاتارلىقلار بولىشى مۇمكىن.  ئىشقىلىپ چەكسىز ئەقىل ئارقىلىق سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا كىرىپ، كۆڭلىڭىزدە ۋال-ۋۇل قىلىپ پەيدا بولۇپ قالغان ئۇچۇر سىز ئۈچۈن بىر نورمالسىز ئىشتەك تۇيغۇ بېرىپ، سىز ئۇ ئىدىيىنى نىمىشقا ئويلاپ تاپقانلىقىڭىزنى ئانچە چۈشىنەلمەي قالىسىز.  ئۇ سىز بىلىدىغان ئىشلارغا ئاساسلانغان بىر لوگىكىلىق نەتىجە ئەمەستەك ھېسسىياتقا كېلىسىز.  بۇنىڭ سەۋەبى ئۇ ئىدىيە سىزنىڭ ئىدىيىڭىز ئەمەس بولۇپ، ئۇ سىزنىڭ ئۆز تەجرىبىڭىزلىرىدىن ياكى ئۆز كەچۈرمىشلىرىڭىزدىن كەلمىگەن.  ئۇ ئەسلىدە چەكسىز ئەقىل ئارقىلىق تارقىلىپ يۈرگەن تەپەككۈر دولقۇنى بولۇپ، ئۇنىڭ چاستوتىسى سىزنىڭ كۆڭلىڭىز بىلەن مېڭىڭىز پەيدا قىلغان ئېنېرگىيە ئىمپۇلىسلىرىنىڭكىگە توغۇرلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزدىكى ئۇچۇرنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالغان.  سىزنىڭ ئاساسىي ئېڭىڭىز ئوخشاش ماھىيەتلىك ئىدىيىلەرگە مەركەزلەشكەندە، يوشۇرۇن ئېڭىڭىزگا سىرتتىن كىرگەن ئۇ ئىدىيە سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىزدا ۋال-ۋۇل قىلىپ پەيدا بولىدۇ.

(3) كائىنات ئادەت كۈچى

ناپولىيون ئۆزىنىڭ «ئويلاپ باي بولۇش» دېگەن كىتابىنى بېسىپ تارقىتىشتىن بۇرۇن «كائىنات ئادەت كۈچى» نى تەخى بايقىمىغان بولۇپ، ئۇنى كېيىن بايقاپ، ئۆز لېكسىيىلىرىدە ئوتتۇرىغا قويغان. 

كارنىگى سىرى، ياكى غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش قانۇنىيىتى كائىناتتىكى مەلۇم بىر كۈچنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن ئۈنۈم بېرىدىغان بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ بىر تاسادىپىيلىقتىن ئۈنۈم بېرىپ قالغان ئەمەس.  شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۈنۈم بېرىشى ھەرگىزمۇ بىر سىرلىق ياكى سېھرىي ئىشمۇ ئەمەس.  بۇنىڭدا مۇتلەق رول ئوينىغىنى ئادەتتە «ئادەت كۈچى» دەپ ئاتىلىدىغان كۈچتىن ئىبارەت.

كائىناتتىكى ھەممە نەرسىلەرنىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي ئادىتى بار بولىدۇ.  ھەر بىر جىسىم، ھەر بىر مەخلۇق ۋە ھەر بىر كۈچ باشقا بىر نەرسە كېلىپ ئۆزگەرتمىگىچە، ئۆزىنىڭ ئاشۇ تەبىئىي ئادىتى بويىچە ئىش ئېلىپ بارىدۇ. ئىنسان كۆڭلىنىڭمۇ ئۆزگىچە تەبىئىي ئادىتى بار.  ئۇ بولسىمۇ كۆڭۈلگە پۈككەن ھەر قانداق بىر ئوي ياكى ئىستەكنى ئۇنىڭ ماددىي نۇسخىسىغا، ياكى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىش، بىر ئوينى بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.

كانىئات ئادەت كۈچى بىر تەبىئەت قانۇنىيىتىدۇر.  مەلۇم بىر قۆزغاتقۇچى كۈچ ھەر قېتىم، تەكرار ھالدا ئوخشاش بىر نەتىجىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەندە، «ماۋۇ ئىش ئاۋۇ ئىشنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ» دېگەن جەريان بىر تەبىئەت قانۇنىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  ئوينى ئەمەلىي نەرسىگە ئايلاندۇرۇش كۆڭۈلنىڭ قىلىدىغان ئىشى، ياكى كۆڭۈلنىڭ ئادىتىدۇر. 

ناپولىيون 30 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان كىشىلەردىن نەچچە مىڭنى تەتقىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەقىدىسى بىلەن ئۇلار قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئانالىز قىلغان.  نەتىجىدە ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى بىلەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنىڭ ئىزچىل تۈردە بىر خىل بولغانلىقىنى بايقاپ، كۆڭۈلنىڭ ئۆزىگە پۈكۈلگەن بىر ئويغا كۆرسەتكەن ئىنكاسى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىقتىن يۈز بەرگەن بولماستىن، بەلكى ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولىدىغان بىر تەبىئەت قانۇنىيىتى بويىچە نەتىجىلەنگەنلىكىگە تولۇق ئىشەنگەن. 

ئادەمدىن تۆۋەن تۇرىدىغان جانلىقلارنىڭ ھەممىسى بىز «تەبىئىي پرىنسىپ» دەپ ئاتايدىغان كائىنات ئادەت كۈچىنىڭ بىۋاستە تەسىرى بىلەن ياشايدۇ، كۆپىيىدۇ، ۋە دۇنيالىق ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىدۇ.  پەقەت ئىنسانلارغىلا تاللاش ئەركىنلىكى بىلەن ياشاش ئادىتى تەڭ ۋە ئۆز-ئارا باغلانغان ئاساستا ئاتا قىلىنغان بولۇپ، بۇ خىل ھالەتنى ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.  سىز پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ ئويىنى ئۆزىڭىز تۇرغۇزۇش ۋە ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىمتىيازىڭىزنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىقلا ئۆز تەقدىرىڭىزنى جاھاننى زىل-زىلگە سالىدىغان دەرىجىدە كونترول قىلالايسىز.  سىزنىڭ ئويلىرىڭىز بىر ئېنىق شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن ھامان، ئۇنى كانىئات ئادەت كۈچى ئۆزىگە ئۆتكۈزۈۋېلىپ، بىر مەڭگۇلۇق ئادەتكە ئايلاندۇرىدۇ.  ئاندىن ئۇ ئادەت باشقا كۈچلۈكرەك ئوي شەكىللىرى تەرىپىدىن سىقىپ چىقىرىلغىچە ئۆز پېتىچە ساقلىنىپ ماڭىدۇ. 

كائىنات ئادەت كۈچى بىر تەبىئەت قانۇنىيىتى بولۇپ، ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، سىزنىڭ بىر ئادىتىڭىز كۆپ قېتىم تەكرارلانغاندا ئۇ سىزنىڭ بىر تەبىئىتىڭىزگە ئايلىنىدۇ.  ئەگەر سىز مەلۇم ئىدىيىلەرنى ئۆز كۆڭلىڭىزدە تەكرارلاۋېرىدىكەنسىز، ئۇلارنى كائىنات ئادەت كۈچى ئۆزىگە ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئۇلارنى سىزنىڭ تەبىئىتىڭىزگە ئايلاندۇرىدۇ. 

ئادەت سىزگە پايدىلىق ئۈنۈممۇ بېرىدۇ، زىيانلىق ئۈنۈممۇ بېرىدۇ.  سىزنىڭ كۆڭلىڭىز ئۆزىگە كەلگەن ھەر قانداق ئىدىيىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ.  ئەگەر كۆڭلىڭىز مەغلۇپ بولۇش ئەندىشىسى بىلەن تولغان بولسا، كۆڭلىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولىدىغىنىمۇ دەل ئاشۇ مەغلۇبىيەت بولىدۇ.  ئەمما سىز مەقسەتلىك ھالدا ئۆزىڭىزنىڭ ئويىنى ئۆزگەرتىپ، كۆڭلىڭىزنى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈمىدىگە مەركەزلەشتۈرىدىكەنسىز، كۆڭلىڭىز سىزگە مۇۋەپپەقىيەت ئادا قىلىش يولىدا تىرىشىدۇ.  سىزنىڭ كۆڭلىڭىز ئۆزىگە مەيلى مەغلۇبىيەتنى تارتسۇن ياكى مۇۋەپپەقىيەتنى تارتسۇن، سىزنىڭ كۆڭلىڭىز ئوينى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتىكى سەۋەب كانىئات ئادەت كۈچىدىن ئىبارەتتۇر.

مەزكۇر بۆلۈمنى تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلاش مۇمكىن:

--ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتىنىڭ دېيىشىچە، سىز بىر ماگنىتقا ئوخشاش بولۇپ، سىز ئىستىگەن ۋە كۆڭلىڭىزنى مەركەزلەشتۈرگەن ھەر قانداق بىر نەرسىنى ئۆزىڭىزگە تارتىسىز.

--كۆڭلىڭىزدىكى بىر ئوي ياكى ئىستەك ئۆزىڭىزگە سىز ئىستىگەن رېئال نەرسىنى تارتىپ ئەكىلىشتىكى سەۋەب، ئوي بىلەن رېئاللىق ئۆز-ئارا باغلانغان بولىدۇ.

--بۇنداق باغلىنىش چەكسىز ئەقىل ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان بولۇپ، پۈتۈن كائىناتتىكى ھەممە نەرسىلەرنى ئۆز-ئارا باغلاپ تۇرىدىغان نەرسىمۇ دەل ئاشۇ چەكسىز ئەقىلدۇر.

--ھەر بىر ئىندىۋىدۇئال نەرسە ئېنېرگىيىنىڭ بىر خىل شەكلى بولغانلىقى ئۈچۈن، دۇنيادىكى ھەممە نەرسىلەر ئۆز-ئارا باغلانغان بولىدۇ.  ھەر بىر جىسىم، ھەر بىر مەخلۇق، ۋە ھەر بىر كۈچ ئوخشاش بىر نەرسە—ئېنېرگىيىنىڭ ئوخشىمىغان نۇسخىسىدىنلا ئىبارەت.

--ھەر بىر ئىندىۋىدۇئال نەرسىنىڭ بىر ئۆزىگە خاس مايىللىقى، تەبىئىي ئادىتى ياكى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ھالىتى بولىدۇ.  ھەر بىر مەخلۇق، جىسىم، ياكى كۈچ ئۆزىنىڭ تەبىئىي ئادىتى ياكى تەبىئىي خۇسۇسىيىتى بويىچە ئىش تۇتىدىغان بولۇپ، پەقەت باشقا بىر نەرسە كېلىپ ئۆزگەرتكەندىلا بۇ خىل ئەھۋالمۇ ئۆزگىرىدۇ.

--ئىنسان كۆڭلىنىڭمۇ ئۆزىگە خاس تەبىئىي ئادىتى ياكى مايىللىقى بار.  ئۇ بولسىمۇ ھەر قانداق بىر ئوي ياكى ئىستەكنى ئاشۇ ئوينىڭ فىزىكىلىق نۇسخىسىغا ئايلاندۇرۇش.  بۇ مايىللىق كائىنات ئادەت كۈچى دەپ ئاتىلىدۇ.

--ئىنسانلار ئۆز ئويىنى ئۆزى ئاڭلىق ھالدا ئۆزگەرتەلەيدىغان ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئۆزىنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى بويىچە ئىش تۇتىدىغان باشقا نەرسىلەرگە ئوخشىمايدۇ.  شۇڭلاشقا كۆڭلىڭىزنى نېمىگە مەركەزلەشتۈرۈشنى سىز ئۆزىڭىز كونترول قىلالايسىز.  شۇ ئارقىلىق كائىنات ئادەت كۈچىدىن ئۆزىڭىزگە پايدىلىق ھالدا پايدىلىنالايسىز.

قىسقىسى، سىز كۆڭلىڭىزگە قايسى ئىدىيىنى تۇرغۇزۇشنى ئۆزىڭىز كونترول قىلالايدىغان بولۇپ، كۆڭلىڭىزنىڭ تەبىئىي ئادىتى كۆڭلىڭىزدىكى ئاشۇ ئوينى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.  شۇڭلاشقا ئەگەر سىز بىر ئوينى ئاڭلىق ھالدا كۆڭلىڭىزگە پۈكىدىكەنسىز، ئۇ ھالدا كۆڭلىڭىز ئاپتوماتىك ھالدا پايدىلىنىشقا بولىدىغان بارلىق ئاماللاردىن پايدىلىنىپ ئاشۇ ئوينى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىدۇ.

بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بەتلىرىدە ئېلان قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ.

(داۋامى بار)


© Copyright 2004 Uyghur Meripet  Torbeti 

Wheelchair
Wheelchair