غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى (1)

ئەركىن سىدىق
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى

مەن يېقىندا «ناپولىيون خىلنىڭ چۈشەندۈرۈشىدىكى ئۆزىگە تارتىشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى» دېگەن بىر ئىنگلىزچە كىتابنى ئوقۇدۇم.  بۇ كىتابنىڭ ئىنگلىزچە ئاتىلىشى «تھە سەكرەت لاۋ ئوف ئاتتراكتىئون ئاس ئەخپلائىنەد بي ناپولەئون ھىلل» بولۇپ، ئۇنىڭدا «ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر قانۇنىيەت، يەنى ئىنسانلار ئۆزى ئىستەيدىغان نەرسىلەرنى قانداق قىلىپ ئۆزىگە تارتىپ ئەكىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئۆز غايىسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالايدىغانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.  تۆۋەندە مەن بۇ كىتابنىڭ ئىسمىنى قىسقارتىپ، «ناپولىيوننىڭ كىتابى» دەپلا ئاتايمەن.  بۇ كىتابتا دېيىلىشىچە، يېقىنقى زاماندا كەڭ تارالغان مەدەنىيەتكە ئەڭ زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن نەرسىلەرنىڭ بىرى ئاشۇ قانۇنىيەت بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپ تاكى ھازىرقى زامانغىچە ئۆتكەن مەشھۇر ئادەملەرنىڭ ھەممىسى غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ بۇ «سىرى» نى بىلىدىغان بولسىمۇ، ئۇلار باشقىلاردىن قىزغىنىپ، بۇ سىرنى ئاشكارىلىماي قوغداپ كەلگەن ئىكەن.

مەن مەزكۇر ماقالىدە، ئاشۇ كىتابتا بايان قىلىنغان «ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى» نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.  بۇ قانۇنىيەت غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش توغرىسىدا بولغاچقا، مەن ئۇ قانۇنىيەت بىلەن « غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش قانۇنىيىتى» نى ئوخشاش مەنىدە ئىشلىتىمەن. بۇ كىتابتا جەمى 200 بەت، 11 باپ بار بولۇپ، ئۇنىڭدىكى «ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى» جەمى 16 قانۇنىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.  شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن ناپولىيون بۇ قانۇنىيەتنىڭ ئىسمىغا «قانۇنىيەتلىرى» دېگەن كۆپ سانلىقنى ئىپادىلەيدىغان سۆزنى ئىشلەتمەي، «قانۇنىيىتى» دېگەن بىرلا نەرسىنى ئىپادىلەيدىغان يالغۇز سانلىق سۆزنى ئىشلەتكەنلىكى ئايدىڭ ئەمەس.  مېنىڭ پەرىزىمچە، بۇنىڭ سەۋەبى ئاشۇ 16 قانۇنىيەتلەرنىڭ ھەممىسى « غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش قانۇنىيىتى» دىن ئىبارەت بىرلا قانۇنىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقى، ياكى ئۇلار ئۆز-ئارا چەمبەرچاس باغلانغانلىقى ئۈچۈن بولىشى مۇمكىن.  شۇڭلاشقا مەن ئوقۇرمەنلەردىن مەزكۇر ماقالىدا تونۇشتۇرۇلىدىغان قانۇنىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى «غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش قانۇنىيىتى» تىن ئىبارەت بىرلا ئاساسىي مەزمۇننىڭ بىر قىسمى، دەپ چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  مەن مەزكۇر ماقالىدا ئاشۇ 16 قانۇنىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىمكانقەدەر تولۇق تونۇشتۇرۇشقا تىرىشىمەن. 

«ناپولىيون خىلنىڭ چۈشەندۈرۈشىدىكى ئۆزىگە تارتىشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى» دېگەن كىتاب 2008-يىلى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ناپولىيون خىل 1928-يىلى يازغان 8 توملۇق «مۇۋەپپەقىيەت قانۇنىيىتى» («لاۋ ئوف سۇككەسس») دېگەن كىتاب بىلەن 1937-يىلى يازغان «ئويلاپ باي بولۇش» («تھىنك ئاند گروۋ رىچ») دېگەن 2 كىتابقا ئاساسەن «ھىغروئادس مەدىئا» دېگەن نەشىر شىركىتى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن.  كىتابنىڭ ھەر بىر بابىدا يۇقىرىدىكى ناپولىيوننىڭ ئىككى كىتابىدىن ئەينەن ئېلىنغان ئابزاسلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا نەشىر قىلغۇچىلار كىرگۈزگەن چۈشەندۈرۈشلەر بار بولۇپ، ئادەم ئۇنى ئوقۇغاندا، كىتاب مەزمۇنىنىڭ تۈزىلىشى ئانچە راۋان ئەمەستەك بىر ھېسسىياتقا كېلىدىكەن.  شۇڭلاشقا مەن مەزكۇر ماقالىدە بۇ كىتابتىكى ئۇقۇملارنى ئاساسەن ئەينەن ئالغان ئاساستا، مەزمۇنىنى رەتلىك قىلىشقا تىرىشىمەن.  شۇنداقلا مەن بۇ ماقالىنى بىر قانچە قىسىمغا بۆلۈپ يېزىپ پۈتتۈرىمەن.

بىر كىتابتىكى مەزمۇنلارنى بىر پارچە ماقالە ئارقىلىق تونۇشتۇرغاندا، كىتابتىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار جەزمەن چۈشۈپ قالىدۇ.  شۇنداق بولغاچقا، مەن ئىنگلىزچە بىلىدىغان قېرىنداشلارغا ناپولىيوننىڭ ئەسلىدىكى ئىنگلىزچە كىتابىنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشنى تەۋىسىيە قىلىمەن.  ھەمدە ۋەتەندىكى ئىمكانىيىتى بار قېرىنداشلاردىن بىرسىنىڭ مەزكۇر كىتابنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، نەشىر قىلدۇرۇش يولىدا تىرىشىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەن ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتىنىڭ قانداق مەيدانغا كەلگەنلىكىنى چۈشىنىش، مەزكۇر قانۇنىيەتنىڭ ئۆزىنى تولۇق چۈشىنىش ئۈچۈن ناھايىتى زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. شۇنداق بولغاچقا مەن ماقالىنىڭ كېيىنكى بۆلۈمىدە مەزكۇر قانۇنىيەتنىڭ ئاساسلىق تۆھپىكارلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

  1. بۇ قانۇنىيەتنىڭ مۇھىم تۆھپىكارلىرى


(1) ئەندرۇ كارنىگى (ئاندرەۋ كارنەگىئە، 1835 – 1919)

«ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى» نىڭ بىر كىتاب بولۇپ يېزىلىپ چىقىشىغا ئاساسىي تۈرتكە بولغان كىشى ئەندرۇ كارنىگى دىن ئىبارەت.  ئۇ بىر سانائەتچى ۋە ساخاۋەتچى بولۇپ، ئۇ 1835-يىلى شوتلاندىيە (سكوتلاند) دە تۇغۇلغان. ئۇ 13 ياشقا كىرگەندە ئامېرىكىغا كەلگەن.  ھەمدە ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىن تارتىپ، پاختا زاۋۇت ئىشچىسى، تېلېگراف خەۋەرچىسى، تېلېگراف خەت ئۇرغۇچىسى، پېننسىلۋانىيە تۆمۈر-يول شىركىتى باشلىقىنىڭ سېكرىتارى، شىركەتنىڭ پېننسىلۋانىيە شۆھبىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتەپ باققان.  ئۇ 1865-يىلى ئۆزىنىڭ تۆمۈر-يوللار ئۈچۈن تۆمۈر كۆۋرۈك ياسايدىغان شىركىتىنى قۇرغان. ئاندىن ئۇ شىركەتنى تۆۋەندىكىلەرگە كېڭەيتكەن: رېلىس، پويىز موتورى، تۆمۈر -پولات زاۋۇتى، كۆمۈر كانى (پولات تاۋلاشقا ئىشلىتىدىغان كۆمۈرنى تەمىنلەش ئۈچۈن)، ئۆزىنىڭ كۆمۈرىنى توشۇيدىغانغا ئىشلىتىدىغان تۆمۈر يولى.  1899-يىلى ئامېرىكىدىكى پولاتنىڭ 25% نى كارنىگى نىڭ شىركىتى چىقارغان. ئۇنىڭ شىركىتى كېيىن ئامېرىكا پولات زاۋۇتى دېگەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شىركەتلەرنىڭ بىرى بولغان.  ئۇ يەنە كۈتۈپخانا قۇرغان، ئالىي مەكتەپ ۋە چېركولار ئۈچۈن پۇل بەرگەن، نۇرغۇن فوند جەمئىيىتىنى قۇرغان. شۇ ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇق، دۇنيا تېنچلىقى، ئەخلاق، توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مائارىپ، ئىلىم-پەن، ۋە سەنئەت ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان.

ئەندرۇ كارنىگى ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ئەمەلىيىتى ئارقىلىق «ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى» نى بايقىغان بولۇپ، ئۇ بىرسىگە بۇ قانۇنىيەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ئېلان قىلدۇرۇش ئارزۇسىدا يۈرگەندە، ناپولىيون خىلنى ئۇچراتقان.  مەن ئوقۇغان كىتابتا «ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى» نىڭ ئورنىدا «كارنىگىنىڭ سىرى» دېگەن ئىبارىمۇ كۆپ قېتىم ئىشلىتىلگەن.

(2) ناپولىيون خىل (ناپولەئون ھىلل، 1883—1970)

ناپولىيون خىل 1883-يىلى ئامېرىكا ۋىرگىنىيا شىتاتىدىكى بىر كىچىك تاغلىق كەنتتە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ 9 ياشقا كىرگەندە ئاپىسى ئۆلۈپ كەتكەن.  ئۇ دەسلەپتە ئۆز مەھەللىسىدە بېلىگە 6 تاپانچا ئېسىپ يۈرۈيدىغان بىر «پالۋان» بولۇپ يۈرگەن.  ئۇنىڭ ناھايىتى يوقىرى سۆزلەش تالانتى بار بولۇپ، 12 ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭ ئۆگەي ئاپىسى ناپولىيوننى بىر توغرا يولغا باشلاش مەقسىتىدە، ئۇنىڭ تاپانچىلىرىنى بىر خەت-ئۇرۇش ماشىنىسىغا تېگىشتۈرگەن. ناپولىيون 15 ياشقا كىرگەندە، يەرلىك گېزىتكە ھېكايە چىقىرىپ يۈرگىدەك بولغان.  ئۇ بىر يىل ئىگىلىك باشقۇرۇش مەكتىپىدە ئوقۇغان، ھەمدە 19 ياشقا كىرگەندە بىر كۆمۈر-كان شىركىتىدە 350 ئادەمنى باشقۇرىدىغان ئەڭ ياش باشلىق بولغان.  ئۇ ئامېرىكىنىڭ گورگتاۋۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدە بىر يىل قانۇن ئوقۇپ، 1907-يىلىغىچە بىر ياغاچچىلىق شىركىتىدە ئىشلىگەن. ئۇ شىركەت تاقىلىپ كەتكەندىن كېيىن، ناپولىيون ۋاشىڭتوندىكى بىر مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىلىرى ئارقىلىق باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان جورنالغا مۇخبىر بولغان. مۇشۇ مۇخبىرلىق خىزمىتىگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆزى تاللىغان 1-ۋەزىپىسى ئەينى دەۋردىكى دۇنياغا مەشھۇر ئەرباب ئەندرۇ كارنىگىنى زىيارەت قىلىش بولغان. ئۇ ئەندرۇ بىلەن سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن بىر جۈمە كۈنى ئەتىگىنىنىڭ 3 سائەتلىك ۋاقتىنى ئالغان بولۇپ، سۆھبەت باشلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ۋاقتى ئارقا-ئارقىدىن ئۇزىراپ، ئۇ جەمى 3 كۈن داۋام قىلغان.  يەنى ناپولىيون ئەندرۇنىڭ ئۆيىگە جۈمە كۈنى ئەتىگىنى بارغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆيىدىن كېيىنكى دۈشەنبە كۈنى ئەتىگىنى قايتقان. 

شۇ قېتىمقى سۆھبەت جەريانىدا، ئەندرۇ ناپولىيونغا ئۆزىنىڭ باي بولۇش ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پەلسەپىسىنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەرگەن.  ھەمدە ناپولىيوننىڭ 20 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئەڭ داڭلىق كىشىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت سىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ، شۇ ئارقىلىق «ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى» نى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇ قانۇنىيەتكە ئۆزىنى تولۇق ئىشەندۈرگەندىن كېيىن، مەزكۇر قانۇنىيەت توغرىسىدا ئادەتتىكى ئادەملەرمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش ئۈچۈن پايدىلىنالايدىغان ئەمەلىي ئۇسۇللارنى تەسۋىرلەيدىغان بىر كىتاب يېزىپ چىقىرىش ۋەدىسىنى ئالغان. شۇنىڭدىن كېيىن ناپولىيون بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ مۇخبىرلىقىنى قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن كارنىگى پروجېكتى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان.  ئەندرۇنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ناپولىيون ئەينى ۋاقىتتا ئەڭ زور دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان 100 دىن ئارتۇق سودىگەرلەر، سانائەتچىلەر، كەشپىياتچىلار، ئالىملار، ئاپتورلار، ئارتىسلار ۋە ھەر خىل ساھەلەرنىڭ لىدېرلىرى، شۇنداقلا 16 مىڭدىن ئارتۇق ئادەتتىكى خىزمەتچىلەر، شىركەت باشلىقلىرى، ۋە كارخانىچىلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئىش بېجىرىش ئۇسۇللىرى، ئۇچرىغان تەسىرلىرى، ۋە خۇسۇسىي تۇرمۇشلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل تەكشۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن.  بۇ كىشىلەر ناپولىيونغا يەنە يېڭى داڭلىق ئادەملەرنى تونۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇلارمۇ ناپولىيونغا ئۆزلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش سىرلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن. شۇ كىشىلەرنىڭ قاتارىدا دۇنياغا داڭلىق كەشپىياتچى توماس ئېدىسون بىلەن ئامېرىكىدىكى فورد ماشىنا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى فورد قاتارلىق كىشىلەرمۇ بار بولۇپ، ناپولىيون يەنە بىر قىسىم شىركەتلەر، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، سىياسونلار ۋە ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنتلىرىغا مەسلىھەتچىمۇ بولغان.

شۇ تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىدە، ناپولىيون 1928-يىلى 8 توملۇق «مۇۋەپپەقىيەت قانۇنىيىتى» («لاۋ ئوف سۇككەسس») دېگەن كىتابنى يېزىپ ئېلان قىلغان.  ئۇنىڭدىن بۇرۇن ھېچ كىم بۇنداق بىر ئەسەر توپلىمىنى كۆرۈپ باقمىغان بولۇپ، بۇ توپلامنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئەينى ۋاقىتتا بىر چوڭ ھادىسە بولۇپ ھېسابلىنىپ، بۇ كىتابلار ئەينى زاماندىكى ئەڭ كۆپ سېتىلغان كىتابلار قاتارىدا ئورۇن ئالغان.  ئۇنىڭدىن كېيىنكى 9 يىل ئىچىدە، ناپولىيون كېيىنكى بىر دەۋر كىشىلىرى ئىچىدىكى تەسىر دائىرىسى ئەڭ كۈچلۈك كىشىلەر بىلەنمۇ كۆرۈشكەن، ھەمدە ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا پرېزىدېنتى فرانكلىن رۆزىۋېلتقا مەسلىھەتچى بولۇپ ئىشلىگەن.  1937-يىلىغا كەلگىچە ئۇنىڭ بىۋاستە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن كىشىلىرىنىڭ سانى 25 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 500 دىن ئارتۇق كىشى شۇ ۋاقىتتىكى ئامېرىكا بويىچە ئەڭ باي، تەسىر دائىرىسى ئەڭ كۈچلۈك، پۈتۈن ئامېرىكا جەمئىيىتىگە ياردىمى تەككەن كارخانىچىلار ۋە لىدېرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.  ناپولىيون ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىنى يېڭىلاپ ۋە قايتىدىن رەتلەپ، 1937-يىلى «ئويلاپ باي بولۇش» («تھىنك ئاند گروۋ رىچ») دېگەن 2-كىتابىنى يېزىپ ئېلان قىلىپ، دۇنياغا يەنە بىر قېتىم تونۇلغان.  ناپولىيون 1970-يىلى ۋاپات بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ فوند جەمئىيىتى (ئۇنىڭ تور بەت ئادرېسى مۇشۇ ماقالىنىڭ ئاخىرىدا بېرىلدى) ھازىرمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.

ئىلاۋە: غەربلىكلەر نىشاننى رېئاللاشتۇرۇش، غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ۋە قىلىۋاتقان ئىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى ئىلمىي نەزەرىيىلەرگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇپ، يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمدەك ئامېرىكا پرېزىدېنتى فرانكلىن رۆزىۋېلتمۇ ناپولىيون خىلدەك بىر ئادەمنى ئۆزىگە مەسلىھەتچى قىلىۋالغان ئىكەن.  ئۇيغۇرلار ھازىرغىچە بۇنداق ئىشلاردا ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، مەن بىلىدىغان ئىشلارنىڭ ئىچىدە سەمىمىي مەسلىھەت بېرىدىغان بىلىملىك كىشىلەرنىڭ كۈنى، ياكى ئۇچرىغان مۇئامىلىسى، ئانچە ياخشى بولمىغان مىساللار ئىنتايىن كۆپ.  شۇڭلاشقا مەن ئۇيغۇرلار ئىلمىي ئۇسۇلدا ئىش قىلىشنى ناھايىتى كۈچەپ ئۆگىنىشى كېرەكلىكىنى ئىزچىل تۈردە تەشەببۇس قىلىپ كەلدىم.  مېنىڭ ئاشۇنداق تەشەببۇسلىرىم ئۇشبۇ تېمىغىمۇ ناھايىتى ئۇيغۇن كېلىدۇ. 

  (3) يېڭى تەپەككۈر ھەركىتى (1850-1930)

ناپولىيوننىڭ ئەڭ ياخشى يىللىرى بىلەن ئەندرۇنىڭ باي ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشى ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان «يېڭى تەپەككۈر ھەرىكىتى» ئەڭ يوقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن دەۋرگە توغرا كەلگەن.  يېڭى تەپەككۈر ھەرىكىتى «ئىجابىي ئويلاشنىڭ ئىجابىي ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىشتىكى كۈچ-قۇدرىتى» دېگەن مەزمۇنغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئۇ 1850-يىلىدىن 1930-يىلىغىچە داۋام قىلغان.  بۇ ھەرىكەتكە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن كىشىلەرنىڭ بىرسى فىنىس كۋىمبى («پھىنەئاس قۇئىمبي ») دىن ئىبارەت.  فىنىس كۋىمبى روھىي كۈچ بىلەن ئادەم داۋالايدىغان داڭلىق دوختۇر بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ باشقىلارنى داۋالىيالىشى ئۆزىنىڭ تەسىرى بىلەن ئەمەس، كېسەللەرنىڭ ئۆز كۆڭلىنىڭ كۈچى بىلەن بولغانلىقىنى بايقىغان.  شۇنىڭ بىلەن ئۇ «تەپەككۈر ياكى خىيالنىڭ كۈچى رېئال دۇنيادىكى ئەمەلىي ئۆزگىرىشنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ» دېگەن نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ نەزەرىيە ئەينى ۋاقىتتىكى يېڭى تەپەككۈر ھەرىكىتىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن.  ئاشۇ ھەرىكەت جەريانىدا، «كۆڭۈل ئىلمى»، « كۆڭۈل ئارقىلىق ئادەم داۋالاش» قاتارلىق بىر قىسىم يېڭى ئىلىمنى تەسۋىرلەيدىغان كىتابلار ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ كىتابلارنىڭ بىر قىسمىنى كۋىمبى داۋالاپ باققان كىشىلەر يازغان. ئاشۇ ھەرىكەتكە قاتناشقان يەنە بىر قىسىم كىشىلەر «ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى» نىڭ يالغۇز سالامەتلىك جەھەتتىكى ئىقتىدارىلا ئەمەس، بايلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەت يارىتىشتىكى ئىقتىدارلىرىنىمۇ تەتقىق قىلغان.  بۇ ئۇقۇم ئىنگلىزچىدە «لىكە ئاتتراكتس لىكە» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ «كۆڭۈلدە ساقلانغان ئىجابىي ئوي (يەنى ئىجابىي خىيال، ئىجابىي ئىدىيە) رېئاللىقتىكى ئىجابىي نەتىجىلەرنى ئۆزىگە تارتىپ كېلىدۇ» دېگەننى تەشەببۇس قىلغان.  شۇ چاغدا مۇشۇ «ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى» توغرىسىدا نەچچە يۈز پارچە كىتابلار يېزىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىق كىتاب ناپولىيون خىل نىڭ «ئويلاپ باي بولۇش» دېگەن كىتابى بولغان.

يېڭى تەپەككۈر ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي ئەقىدىلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت بولغان (تۆۋەندىكى ئەقىدىلەر ناپولىيوننىڭ كىتابىدىن ئەمەس، ئىنتېرنېتتىكى باشقا ماتېرىياللاردىن ئېلىندى):
چەكسىز ئەقىل («ئىنفىنىتە ئىنتەللىگەنكە») ياكى خۇدا ھەممىگە قادىر ۋە ھەممە يەرگە تارالغان بولىدۇ
روھ («سپىرىت») ئەڭ ئاخىرقى رېئاللىقتۇر
ھەقىقىي ئىنسان مىجەزى مۇقەددەس بولىدۇ
مۇقەددەسلىك بىلەن تەڭشەلگەن تەپەككۈر پايدا ئېلىپ كېلىدىغان ئىجابىي كۈچ بولىدۇ
ھەممە كېسەللىكلەر دەسلىۋىدە روھىي جەھەتتىن باشلىنىدۇ
توغرا تەپەككۈر قىلىشنىڭ كېسەلنى داۋالاش ئۈنۈمى بار

بۇ يەردە ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىك بىر ئىش بار. ئۇ بولسىمۇ، ناپولىيوننىڭ كىتابىدا «چەكسىز ئەقىل» دېگەن سۆز ۋە ئۇقۇم ئىنتايىن كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، كىتابتا بۇ سۆز ھەرگىزمۇ «خۇدا» دېگەن مەنادا ئىشلىتىلمىگەن.  يەنى، ئاندرۇ ناپولىيون بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، «ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى» توغرىسىدا كىتاب يازغاندا، ھەرگىزمۇ ئۇنى دىنغا چېتىشلىق قىلىپ قويماسلىقنى ناھايىتى قاتتىق تاپىلىغان ئىكەن.  بۇنىڭ سەۋەبى، دىننىڭ بىر قانچە خىللىرى بار بولۇپ، ھەر بىر دىندىمۇ بىر قانچە مەزھەپلەر بار.  ئەگەر ئۇ قانۇنىيەتنى بىرەر دىنغا ياكى خۇداغا باغلاپ تۇرۇپ چۈشەندۈرگەندە، چوقۇم بىر قىسىم كىشىلەرنى خوش قىلىپ، يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنى نارازى قىلىدىغان ئىش كېلىپ چىقاتتى.  ئاندرۇ بۇ قانۇنىيەتتىن ھەممە ئادەم پايدىلىنىدىغان بىر ئەھۋالنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنى دىندىن يىراق تۇتقان.

مەن يېقىندا « مۇۋەپپەقىيەتنىڭ مەنبەسى» دېگەن بىر ماقالىنى ئوقۇدۇم (بۇ ماقالىنىڭ تور ئادرېسى مۇشۇ ماقالىنىڭ ئاخىرىدا بېرىلدى).  بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى ياكى مەنبەسى توغرىسىدا ئۇنى چىقارغان تور بېتىدە ھېچ قانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن بولۇپ، ماڭا ئۇ بىر ئىنگلىزچە كىتابتىن تەرجىمە قىلىنغان مەزمۇندەك تۇيۇلدى.  بۇ ماقالىدا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان، «توغرا تەپەككۈر قىلىشنىڭ كېسەلنى داۋالاش ئۈنۈمى بار» دېگەن ئەقىدىگە ئائىت مۇنداق بىر مەزمۇن بار ئىكەن: «كۆپ قىسىم كىشىلەر تىنىچلاندۇرۇش دەرسىنىڭ تەسىرىنى بىلىدۇ. ئەگەر سىز بىراۋغا مەلۇم بىر خىل دورىنى مۇنداق تەسىرى بار، دەپ بەرگەن بولسىڭىز، ئەمەلىيەتتە ئۇ دورىنىڭ ئۇنداق تەسىرى بولمىغان تەقدىردىمۇ، قارشى تەرەپ ئۇ دورىدىن يەنىلا ئاشۇ خىل تەسىرنى ھېس قىلىدۇ. رومان كاشىنىس كېسەل داۋالاش جەريانىدا ئەقىدىنىڭ بۇ خىل كۈچ-قۇدرىتىنى بىۋاسىتە ھېس قىلىپ يەتكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا، دورا ئانچە زۆرۈر ئەمەس، زۆرۈرى ئەقىدىدۇر. مەلۇم بىرەيلەن بىر قىسىم كېسەل كىشىلەرگە قارىتا تىنىچلاندۇرۇش دورىسى سىنىقى ئېلىپ بارغان. ئۇ بۇ كېسەل كىشىلەرنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلگەن. بىرىنچى گۇرۇپپىدىكى كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ بىرخىل يېڭى دورا ئىچىدىغانلىقى ۋە بۇ يېڭى دورىنىڭ ئۇلارنىڭ ئاغرىقىنى چوقۇم پەسەيتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكى كىشىلەرگە بولسا ئۇلارنىڭ بىر خىل سىناق دورىسى ئىچىدىغانلىقى، بۇ دورىنىڭ ئاغرىقنى پەسەيتەلەيدىغان ياكى پەسەيتەلمەيدىغانلىقىنىڭ تېخى نائېنىق ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى ئۇقتۇرغان. نەتىجىدە، بىرىنچى گۇرۇپپىدىكى كىشىلەرنىڭ 57 پىرسەنتى ئاغرىق ئازابىنىڭ روشەن دەرىجىدە يەڭگىلىگەنلىكىنى ھېس قىلغان. ئىككىنچى گۇرۇپپىدا بولسا پەقەت 25 پىرسەنت ئادەملا شۇنداق ھېس قىلغان. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىككى گۇرۇپپا ئادەمگە ئىچۈرۈلگىنى قىلچە داۋالاش قىممىتى يوق ئوخشاش خىل دورا ئىكەن. دېمەك، بۇ يەردىكى ئوخشاشماسلىق پەقەت ئەقىدىدىكى ئوخشاشماسلىقتىنلا ئىبارەت بولغان خالاس.  يەنە بىر مىسال ئالساق، بىر قىسىم كىشىلەرگە زىيانلىق دورا يىگۈزۈلگەن، ھەم ئۇلارغا ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن بىر خىل پايدىلىق تەسىر ھېس قىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. نەتىجىدە، ئۇلار دەرۋەقە ھېچقانداق زىيانلىق تەسىرلەرنى ھېس قىلمىغان. بۇ خىل تەجرىبىنى ئىشلىگەن ئادەم ئاندېرىي ۋېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دورا يېگۈچىلەرنىڭ ھېس – تۇيغۇسى ئۆزلىرى ئۈمىد قىلغاندىكى بىلەن تامامەن دېگۈدەك ئوخشاش بولغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئانقىتام (79) يېگەن ئادەمنى ئېغىر بېسىق تۇيغۇغا، بايىت تۇز كىسلاتاسى يېگەن ئادەمنى بولسا روھلانغان تۇيغۇغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: دورىنىڭ سېھرى كۈچى، قانداقتۇر دورىنىڭ ئۆزىدە بولماستىن بەلكى دورا ئىستىمال قىلغۇچىنىڭ قەلبىدىدۇر.»

  2. ئارزۇ، نىشان ۋە غايە


مەن 2010-يىلى 8-ئايدا ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 2-قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا مەزكۇر تېمىدا دوكلاد بەرگەندە، دوكلاتنىڭ تېمىسىنى «ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى» دەپ ئالغان ئىدىم.  مەزكۇر ماقالىنىڭ تېمىسىنى بولسا «غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى» دەپ ئالدىم. تۆۋەندە بۇ ھەقتە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىمەن.  مەن مەزكۇر ماقالىنى تەييارلاش ئۈچۈن ناپولىيوننىڭ كىتابىنى قايتا-قايتا ئوقۇدۇم.  نەتىجىدە مۇنداق بىر نەرسىنى ھېس قىلدىم: ناپولىيوننىڭ كىتابىدا «ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش» دېگەن ئىبارىدە «ئارزۇلار» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئىنگلىزچە سۆز «ۋىشېس» بىلەن «ئوي، خىيال، ئوي-پىكىر، ئىدىيە، تەپەككۈر» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان ئىنگلىزچە سۆز «تھوئۇغتس» نى ئىشلەتكەن.  ئەگەر بۇ قانۇنىيەتكە مېنىڭ «نىشان تىكلەشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار» دېگەن ماقالەمدا بايان قىلىنغان ئارزۇ، نىشان ۋە غايىنىڭ ئېنىقلىمىسى بويىچە قارايدىغان بولساق، ناپولىيوننىڭ كىتابىدا كۆزدە تۇتقىنى «ئارزۇ» بولماستىن، «غايە» ئىكەن.  مەزكۇر ماقالىدىكى مەزمۇنلارنى توغرا ۋە تولۇق ھەزىم قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئارزۇ، نىشان ۋە غايىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا پەرقىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش ناھايىتىمۇ زۆرۈر.  شۇنداق بولغاچقا، مېنىڭ «نىشان تىكلەشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار» دېگەن ماقالىنى ئوقۇپ باقمىغان قېرىنداشلار ئۈچۈن يۇقىرىدىكى ماقالىدىكى بۇ 3 ئۇقۇم ھەققىدىكى مەزمۇننى بۇ يەرگە ئەينەن كۆچۈرۈپ كىرگۇزۇپ قويدۇم.  ئۇ ماقالىنى ئوقۇپ باققان قېرىنداشلار بۇ بۆلۈمنى ئوقۇماي، كېيىنكى بۆلۈمگە ئۆتۈپ كەتسە بولىۋېرىدۇ.

مەن بۇ يەردە يەنە بىر نەرسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم: گەرچە مەزكۇر ماقالە مېنىڭ بۇرۇنقى «نىشان» ۋە «غايە» توغرىسىدىكى ئىككى پارچە ماقالەم (ئەگەر بۇ ماقالىلەرنى تېخى ئوقۇمىغان بولسىڭىز، مەزكۇر ماقالىنىڭ داۋامىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن ئاشۇ ئىككى پارچە ماقالىنى چوقۇم بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىڭ.  ئۇلارنىڭ تور بەت ئادرېسلىرى مۇشۇ ماقالىنىڭ ئاخىرىدا بېرىلدى) بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، ئۇ ئىككى پارچە ماقالە مەزكۇر ماقالىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ.  يۇقىرىدا دېگىنىمدەك، ناپولىيوننىڭ دۇنياغا داڭلىق ئىككى پارچە كىتابى 1928-يىلى بىلەن 1937-يىلى يېزىلغان. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، 1940-يىللىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن يېزىلغان نىشان، غايە، لىدېرلىق، مۇۋەپپەقىيەت قاتارلىقلار توغرىسىدىكى ماقالە-كىتابلارنىڭ كۆپۈنچىسى ناپولىيوننىڭ ئاشۇ ئىككى كىتابىدىكى ئىلمىي نەزەرىيىلەرنى ئاساس قىلغان بولۇپ، مەن مەزكۇر ماقالىدا ئاشۇ ئىلمىي نەزەرىيىلەرنىڭ ئاساسىي قىسمىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ چىقىمەن.  شۇڭلاشقا مەن بارلىق قېرىنداشلارغا مەزكۇر ماقالىنىمۇ ئاخىرغىچە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلىمەن.

تۆۋەندىكىسى مېنىڭ «نىشان» توغرىسىدىكى ماقالەمدىن ئېلىنغان مەزمۇن:

ئارزۇ، غايە ۋە نىشان دېگەن سۆزلەرنى ھەممىمىز ناھايىتى كۆپ ئىشلىتىپ ياكى ئاڭلاپ تۇرىمىز.  لېكىن بۇ ئۇقۇملار ئارىسىدىكى پەرقنى ھەممەيلەننىڭ بىلىپ كېتىشى ناتايىن.  شۇنداق بولغاچقا، مەن تۆۋەندە ئۇلارنىڭ پەرقى ئۈستىدە ئازراق توختۇلۇپ ئۆتىمەن.

ئارزۇ:  ئارزۇ دەگىنىمىز سىز ئېھتىياجلىق بولغان، ئۆزىڭىز ئىستەيدىغان، ياكى بىر كۈنى ئىگە بولىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان، ئەمما ئۇنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھازىرچە ھەقىقىي تۇردە بەل باغلىمىغان بارلىق نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  ئارزۇلارنى تەپىپ چىقىش بىر ئەركىن تەپەككۈر قىلىش جەريانى بولۇپ، بۇ جەرياندا سىز ئۇلارنى قانداق ۋە قاچان ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەققىدە قىلچە ئويلانمىسىڭىزمۇ بولىۋەرىدۇ.  مەسىلەن، مېنىڭ قانات چىقىرىپ ئۇچقۇم بار، مېنىڭ پالانى قىز بىلەن ياكى پۇكۈنى يىگىت بىلەن مۇھەببەت باغلىغىم بار، مېنىڭ 4 خىل چەت ئەل تىلىنى سۆزلىيەلەيدىغان بولغۇم بار، مېنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغۇم بار، مېنىڭ مىڭ كىشىلىك بىر شىركەت قۇرغۇم بار، مېنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغۇم بار، مېنىڭ مىللەت تەقدىرىنى تۇپتىن ياخشىلىغىم بار، دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئارزۇلارلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بەزىلىرىنى بولسا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.  سىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلەرنى بىر قەغەزگە يېزىپ تىزىپ چىقىپ، ئاندىن ئۇلارنى مۇھىملىق دەرىجىسىگە ئايرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قايسىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىڭىزنى قارار قىلسىڭىز بولىدۇ.  سىز راستىنلا ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئىستەيدىغان بىر ئارزۇنى تاپقاندىن كېيىن، ئۇنى ئۆزىڭىزنىڭ غايىسى ياكى نىشانىغا ئايلاندۇرىسىڭىز بولىدۇ. 

نىشان: نىشان دەگىنىمىز قىسقا مۇددەت ئىچىدە يەتمەكچى بولغان، بىۋاستە ئۆزىڭىزنىڭ كونتروللىقى ئاستىدا تۇرىدىغان، ئۆزىڭىزنىڭ زېھىن-كۈچىنى مەركەزلەشتۇرگەن، مەزمۇنى كونكىرىت بولغان پەللىلەرنى كۆرسىتىدۇ.  نىشاننى توغرا تىكلىگەندە، ئۇ چوڭ-چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ بىر كۈچلۇك قورالى بولالايدۇ.  ئەمما ئۇنى توغرا تىكلىمىگەندە، چوڭ-چوڭ نەتىجىلەرنى يارىتىشنى چەكلىمىلەرگە ئۇچرۇتۇپمۇ قويىدۇ.  يەنى، ئەگەر سىز كىچىك-كىچىك نىشانلار ئىچىگە چوكۇپ كەتسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتى ۋە ئىستىقبالى ھەققىدىكى چوڭ رەسىملەرنى كۆرەلمەي، چوڭ يونىلىشنى مۇۋاپىق كونترول قىلالماي، ۋە ئاخىرقى پەللىنى توغرا تاللىيالماي قالىسىز.  ئەڭ ئاخىرقى پەللە ياكى چوڭ نىشان بىلەن كىچىك-كىچىك نىشانلار ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرغۇچى غايەدىن ئىبارەتتۇر.  مەن نىشان ھەققىدە ئۇشبۇ ماقالىنىڭ كېيىنكى قىسمىدا يەنە مەخسۇس توختۇلىمەن.

غايە:  غايە دىگىنىمىزمۇ بىر خىل پەللە بولۇپ، ئۇ سىزنىڭ ئاخىرقى ياكى ئەڭ چوڭ ئۈمىدىڭىز ياكى ئارزۇيىڭىزنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان پەللىدىن ئىبارەتتۇر. غايە نىشانغا ئوخشاش ھەر خىل چەكلىمىلەرگە ئۇچرىمايدۇ.  ئۇ چوڭ بولسىمۇ، ھەمدە دەسلەپتە ئەمىليەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغاندەك بىلىنسىمۇ بولىۋەرىدۇ.  شۇنداقلا ئۇ نىشاندەك مەركەزلەشكەن ۋە كونكىرىت بولمىسىمۇ بولىۋەرىدۇ.  بەزى غايىلەر سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى 5 يىلدىن 10 يىلغىچە بولغان ھاياتىڭىز بىلەن باغلانغان بولىدۇ. بەزىلىرى بولسا سىزنىڭ بىر پۈتۈن ئومرىڭىزگە سۇزۇلغان بولىدۇ.  غايە سىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەنزىلىڭىز، نىشان بولسا ئاشۇ مەنزىلگە يېتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان سەپىرىڭىزنىڭ ئارلىقتىكى توختاش نۇقتىلىرىدۇر.  غايە سىز نېمىنى ئىستەيدىغانلىقىڭىز ۋە ئۇنى نېمىشقا ئىستەيدىغانلىقىڭىزغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.  نىشانلار بولسا سىزنى ئاشۇ مەنزىلگە ئېلىپ بارىدىغان پىلانغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
  
3. ئۆزىگە تارتىش ياكى غايىنى رېئاللاشتۇرۇش قانۇنىيىتى
 
ھەر بىر ئىنسان ئۆزىنىڭ خىيالى ياكى كىتابتەپەككۇرىنى ئۆزى كونترول قىلىش تۇغما تالانتىغا ئىگە.  ئەگەر سىز كۆڭلىڭىزدە بىر مۇھىم خىيال ياكى بىر مۇھىم ئارزۇنى تۇرغۇزۇپ، ئۇنى كۆڭلىڭىزدە داۋاملىق ساقلاپ تۇرسىڭىز، سىزنىڭ مېڭىڭىز ئاشۇ خىيال بىلەن «ماگنىتلىشىدۇ».  باشقىچىراق قىلىپ ئېيتساق، ئادەمنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭى بىر ماگنىتقا ئوخشايدۇ.  سىز ئۇنى بىر ئېنىق مەقسەت بىلەن قوزغىغان ۋە تەلتۆكۈس تويۇندۇرغان ۋاقتىڭىزدا، ئۇ ماگنىت ئاشۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھەممە نەرسىلەرنى ئۆزىگە تارتىپ ئەكىلىشكە ئىنتىلىدۇ.  مۇشۇ تەرىقىدە سىزنىڭ ماگنىتلاشقان كۆڭلىڭىز سىزگە ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇسىغا ماس كېلىدىغان كۈچ-قۇدرەت، ئادەم ۋە شارائىت قاتارلىقلارنى تارتىپ ئەكىلىپ بېرىدۇ.  قىسقارتىپ ئەيتساق، سىز ئۆز زېھنىڭىزنى مەركەزلەشتۈرگەن ۋە كۆڭلىڭىزدە ساقلىغان بىر ئىدىيە ئۆزىگە ئۆزى بىلەن ئوخشاش ماھىيەتتىكى ئوي ۋە ئىدىيىلەرنى تارتىپ كېلىدۇ.  ئەگەر سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگە پۈككىنىڭىز بىر ئالاھىدە نەرسە بولسا، ئۇمۇ ئۆزى بىلەن ئوخشاش نەرسىلەرنى ئۆزىگە تارتىپ، ئويلىغان نەرسىڭىز سىزگە ھەقىقىي دۇنيادىكى رېئال نەرسە بولۇپ كېلىدۇ.  يۇقىرىقىلار «ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى» نىڭ ئەڭ ئاساسىي مەزمۇنىدۇر.

ئىنگلىزچىدە «لىكە ئاتتراكتس لىكە» دېگەن بىر ئىبارە بار بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى «ھەر بىر نەرسە ئۆزىگە ئۆزى بىلەن ئوخشاش نەرسىلەرنى تارتىدۇ» دىن ئىبارەت.  دۇنيادا بۇنىڭ مىساللىرى ئىنتايىن كۆپ.  مەسىلەن، ئەگەر سىز بىر يەرگە بىر تال بۇغداي ئۇرۇقىنى تېرىپ، ئۇنىڭدىن 30 سانتىمېتىر يىراقلىققا بىر تال قوناق ئۇرۇقىنى تېرىسىڭىز، گەرچە ئۇلار ئوخشاش بىر يەردىن ئوزۇقلانغان بولسىمۇ، بۇغداي ئۇرۇقىدىن بىر تال بۇغداي، قوناق ئۇرۇقىدىن بىر تال قوناق ئۆسۈپ چىقىدۇ.  يەنى، ئوخشاش بىر يەردە تۇرسىمۇ، بۇغداي ئۆزىگە ئۆزى بىلەن ئوخشاش نەرسىلەرنى تارتىپ كېلىپ، بۇغداي بولۇپ ئۆسىدۇ.  قوناقمۇ ھەم شۇنداق قىلىدۇ.  ھەرگىزمۇ بىر تال بۇغداي ساپىقىنىڭ بىر شېخىدا بۇغداي، يەنە بىر شېخىدا بولسا ئارپا ئۆسۈپ قالمايدۇ.  يەنى بۇ ئۆسۈملۈكلەر ھەرگىزمۇ خاتالىشىپ قالمايدۇ.

ئىلاۋە:  ئەگەر سىز ئۆزىڭىز بىلىدىغان ئادەملەرنى ئوبدان كۆزىتىپ باقسىڭىز، مۇنداق بىر ئىشنى بايقايسىز: ئەخمەق، سەمىمىيەتسىز، ئىچى قوتۇر، ئىپلاس ۋە رەزىل ئادەملەرنىڭ ئەتىراپىغا يەنە شۇ ئەخمەق، سەمىمىيەتسىز، ئىچى قوتۇر، ئىپلاس ۋە رەزىل ئادەملەر توپلانغان، ياكى بولمىسا ئۇلارنىڭ ئارىلىشىدىغان ئادەملىرى كۆپۈنچە ھالدا يەنە شۇ ئۆزى بىلەن ئوخشاش خىلدىكى ئادەملەر بولغان.  ئادىل، مەرت، ياخشى خىسلەتلىك، بىلىملىك ۋە ئىقتىدارلىق ئادەملەرنىڭ ئەتىراپىغا بولسا ئوخشاشلا ئادىل، مەرت، ياخشى خىسلەتلىك، بىلىملىك ۋە ئىقتىدارلىق ئادەملەر توپلانغان، ياكى بولمىسا ئۇلارنىڭ ئارىلىشىدىغان ئادەملىرى كۆپۈنچە ھالدا يەنە شۇ ئۆزلىرى بىلەن بىر خىلدىكى ئادەملەر بولغان.

بۇ يەردە ھەر بىر ئادەم قەتئىي ئەستە تۇتمىسا بولمايدىغان بىر مۇھىم ئىش بار.  ئۇ بولسىمۇ، بۇ دۇنيادا ھېچنىمە بەرمەي تۇرۇپ، بىر نەرسىگە ئېرىشىدىغان ئىش يوق.  بىر قىسىم نادان ياكى گۆدەك كىشىلەر بۇنى چۈشەنمەي، «مەن بىر نەرسىنى ناھايىتى قاتتىق ئارزۇ قىلىۋەرسەم، ياكى خۇدادىن تىلەۋەرسەم، مەن ئۇنىڭغا بىر كۈنى چوقۇم ئېرىشەلەيمەن»، دەپ ئويلايدۇ.  مەلۇم بىر نەرسىگە ئۆلگۈدەك ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغاندا، مەڭگۈ يۈز بەرمەيدىغان ئىشقا ئۈمىد باغلاپ تۇرۇپ قالىدۇ. 

بىر نەرسىگە ئارزۇ قىلىش ياكى كېچە-كۈندۈز ئويلاش ئارقىلىقلا ئېرىشكىلى بولامدۇ؟  ئاندرۇ كارنىگى ھەقىقەتەنمۇ ئاشۇنداق نادانمۇ؟  ناپولىيون خىل ئاشۇنداق بىر ئەخمىقانە ئىش ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ 30 يىل ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغانمۇ؟

ئارزۇ قىلغان نەرسىنىڭ ئۆزلىگىدىن رېئاللىققا ئايلىنىشى بىلەن بىر ئوينىڭ بىر رېئاللىقنىڭ نامايەندىسىگە ئايلىنىشى ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن زور پەرق بار.  بىر ئوي ياكى ئارزۇ يېڭىدىن ۋۇجۇتقا كەلگەن ۋاقىت بىلەن ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا ئەمەلگە ئاشقان ۋاقىتنىڭ ئارىلىقىدا يۈز بەرمىسە بولمايدىغان بىر تالاي ئىشلار بار (مۇشۇ يەردە مېنىڭ «نىشان» ۋە «غايە» توغرىسىدىكى ئىككى پارچە ماقالەمنى ئەسلەپ بېقىڭ).  بەزى ئادەملەر بىر نەرسىنى ئىنتايىن قاتتىق ئارزۇ قىلىپ، ئۇنىڭغا ئېرىشكەندە كۈنى قايسى دەرىجىدە ياخشى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا توختىماي ئۇخلىماي چۈش كۆرىدۇ، ياكى قۇرۇق خىيال قىلىدۇ.  يەنە بەزى ئادەملەر بولسا بىر نەرسىنى ئىنتايىن قاتتىق ئارزۇ قىلىپ، قانداق قىلغاندا ئاشۇ نەرسىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقى توغرىسىدا توختاۋسىز ئويلىنىدۇ ۋە ئىزدىنىدۇ.  بۇ 2 خىل ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى زور پەرق بار. 

ھەممە ئادەملەر ئۆز ھاياتىدا نۇرغۇن پۇل، بىر ياخشى خىزمەت ئورنى، نام-شۆھرەت ۋە يوقىرى ئىناۋەت قاتارلىق ياخشى نەرسىلەرگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.  ئەمما، كۆپۈنچە كىشىلەر ئارزۇ قىلىش باسقۇچىنىڭ نېرىسىغا ئۆتەلمەيدۇ.  ئۆز ھاياتىدا ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىلەرنى ناھايىتى ئېنىق بىلىدىغان، ھەمدە ئۇلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە قەتئىي ئىرادە باغلىغان كىشىلەر ھەرگىزمۇ ئارزۇ قىلىش باسقۇچىدىلا توختاپ قالمايدۇ.  ئۇلار ئۆز ئارزۇلىرىنى بىر كۆيۈپ تۇرغان ئىستەك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، ئۇ ئىستەكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا بىر مۇكەممەل پىلان تۈزۈپ، شۇ پىلان بويىچە توختاۋسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.  كىشىلەر ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئېرىشكەن بايلىق ۋە ماددىي نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى دەسلىۋىدە ئۆزى ئىستەيدىغان نەرسە توغرىسىدىكى بىر ئىنتايىن ئېنىق ۋە ئىخچام كۆڭۈل  مەنزىرىسى شەكلىدە باشلىنىدۇ.  بۇ كۆڭۈل مەنزىرىسى چوڭايغاندا، ياكى ئۇ مەجبۇرى ھالدا ئادەمنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى قاپلىۋالغان بىر خىيال دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەندە، ئۇنىڭ كونتروللۇقى ئادەمنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ.  مانا شۇ نۇقتىدىن باشلاپ، ئادەم ئاشۇ كۆڭۈل  مەنزىرىسىگە ماددىي جەھەتتىن ئېكۋىۋالېنت (تەڭداش) بولغان نەرسىگە تارتىلىدۇ، جەلب قىلىنىدۇ، ياكى يېتەكلىنىدۇ.

سىز ئىستەيدىغان نەرسە پۇل ياكى بىر ماشىنا بولسا، سىزنىڭ ئاشۇ نەرسىلەرنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈشىڭىز بىلەنلا ھەرگىزمۇ ئۇ پۇل يانچۇقىڭىزدا پەيدا بولۇپ قالمايدۇ، ياكى ئۇ ماشىنا ئىشىكىڭىزنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالمايدۇ.  سىز نۇرغۇن پۇل، بىر ماشىنا، ياكى باشقا بىر ماددىي نەرسىگە ئېرىشكەن ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرگەندە، سىزنىڭ ئەمەلىيەتتە قىلغان ئىشىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئاشۇ ئىشنى قىلىش قابىلىيىتىڭىزنىڭ بارلىقىدىن ئىبارەت بىر ئەقىدىگە ئۆزىڭىزنى ئىشەندۈرۈشتىن ئىبارەت بولىدۇ.  سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىستىكى توغرىسىدىكى بىر جانلىق تەسەۋۋۇرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەندە، بۇ تەسەۋۋۇر سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا قاتتىق ئورناپ كېتىدۇ.  ئاندىن ئۇ سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزدىكى باشقا ئۇچۇرلار بىلەن باغلىنىدۇ، ۋە ئۇلار ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىشىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن سىز ئاپتوماتىك ھالدا يىغىپ ماشىنا ئالىدىغان پۇلنى قانداق قولغا كەلتۈرۈش ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ۋە تېخىمۇ ياخشىراق ئىدىيىلەرنى ئويلاپ چىقالايسىز.  دېمەك، ئىستەكنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش ھەرگىزمۇ كونكرېت نەرسىلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرمەيدۇ.  ئۇ پەقەت يېڭى ئىدىيە ۋە زۆرۈر پوزىتسىيەلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ.  سىز شۇنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ بۇرۇنقى پوزىتسىيىسى بىلەن ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتكەندە، ئۆزىڭىزنىڭ خىيالى ئىچىدە ياشاش باسقۇچىدىن ئەمەلىي ئىش قىلىش باسقۇچىغا ئۆتىسىز.  ئاندىن سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىز ئەمەس، سىز ئۆزىڭىز ھەرىكەت قوللىنىپ، كونكرېت ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىسىز.

ئىلاۋە: مەن «ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى» دېگەن ماقالەمدە تونۇشتۇرغان ئىككىنچى ئادەت: «ئۆز كۆڭلىدە ئىشنى ئۇنىڭ ئاخىرسىدىن باشلاش» بولۇپ، بۇ ئادەت يۇقىرىدا سۆزلەنگەن، ئالدى بىلەن ئۆز ئىستىكىنىڭ كۆڭۈل مەنزىرىسىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش. 

بۇ يازمىدا تىلغا ئېلىنغان ئەسەرلەرنىڭ تور ئادرېسلىرى:

ناپولىيون خىل فوندا جەمىيىتى:
http://www.naphill.org/

«نىشان تىكلەشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار»:
http://www.meripet.com/Sohbet1/2010a1_Goal.htm

«غايە تىكلەشنىڭ 10 ئۆلچىمى»:
http://www.meripet.com/Sohbet1/20100925_Ghaye.htm

«ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى»
http://www.meripet.com/Sohbet1/Erkinb8_7adet.htm

«مۇۋەپپەقىيەتنىڭ مەنبەسى»:
http://www.bilqut.com/kutupxana/show.php?itemid=1738


بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بەتلىرىدە ئېلان قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ.

(داۋامى بار)


© Copyright 2004 Uyghur Meripet  Torbeti 

Cell Phone Accessories
Cell Phone Accessories