4. ئاخىرقى سۆز
مەن ئالدى بىلەن مېنىڭ ئالدىنقى يازمامغا چۈشكەن ئىنكاسلاردىن بىر
قانچىسىنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنىمەن:
1-نەقىل: «قوش تىللىق ئوقۇتۇش بالىلارنىڭ تەبىئىي پەندە ئالغا
ئىلگىرىلىشىگە ناھايىتى ئېغىر توسالغۇ بولىدىكەن. مەن ئۆتكەندە شەھەرلىك
تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ قوش تىللىق سىنىپىدىكى سىڭلىمنىڭ ئاتا-ئانىلار
يىغىنىغا قاتناشقىلى بېرىپ، سىنىپىدىكى 54 نەپەر بالىنىڭ چارەكلىك
ئىمتىھاندىن چىقىرىلغان يەككە پەنلەر نەتىجىسىنى كۆرۈپ، بەكمۇ
ئەپسۇسلاندىم. چۈنكى، بالىلارنىڭ ئومۇمىي پەن نەتىجىسى يۇقىرىدەك قىلسىمۇ،
ئەمما تەبىئىي پەن نەتىجىسى بەكلا تۆۋەن، خىمىيىدىن ئاران 7 بالا ئۆتۈپتۇ.
ئەڭ يۇقىرىسىنىڭ نەتىجىسىمۇ 80 دىن يۇقىرى ئەمەس.»
2-نەقىل: «تولۇق ئوتتۇرىدىكى سىنىپ مەسئۇلۇم كىچىك ئوغلىنى مەجبۇرى
خەنزۇ مەكتەپكە بەردى. بالىسى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزىنى چۈشەنمەي،
"بىر سۇڭلۇق رەسىمىڭلارنى چاپلاپ كېلىڭلار" دېسە، "مۇئەللىم رەسىم سىزىپ
كېلىڭلار دېدى"، دەپ كەلگەن. ئوقۇتقۇچىم ئەتىسى بالىسىنىڭ ئەسلى
تاپشۇرۇقنى خاتا چۈشىنىپ كەلگەنلىكىنى بىلىپ، بالىسىنى ئەيىبلەپ
كېتىپتىكەن، ئوغلى: "ئەگەر سەن مېنى خەنزۇ قىلىپ تۇغۇپ قويغان بولساڭ،
ھەممىنى بىلەتتىم!" دەپ يىغلاپ كېتىپتۇ. ئوقۇتقۇچىمنىڭ بالىسىغا ئىچى
ئاغرىپ، ئۇنى شۇ كۈنىلا ئۇيغۇرچە مەكتەپكە يۆتكىۋەتتى.»
3-نەقىل: «مېنى بىر كۈنى بالام ئوقۇيدىغان ئىككىنچى يىللىق سىنىپتىن
ئاتا-ئانىلارنىڭ يىغىنىغا چاقىرتىپتۇ. بارسام سىنىپ مۇدىرى سۆز باشلاپ،
"سىلەرنى چاقىرتىشتىكى ئاساسىي مەقسەت بۇ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچى بالىلار
خەنزۇچىنى پەقەت ئۆگىنەلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئاتا-ئانىلارنىڭ يىغىنى
ئېچىشنى قارار قىلدۇق" دېدى. ئاتا-ئانىلار بىر مۇنچە تالاش-تارتىش
پىكىرلەرنى بەرگەندىن كېيىن، ئارىمىزدىن بىرسى قوپۇپ، "خەنزۇ تىل تىل
ئوقۇتقۇچى ئۇيغۇرمۇ يا خەنزۇمۇ؟" دەپ سورىدى. سىنىپ مۇدىرى "خەنزۇ" دېدى.
ھېلىقى كىشى "ئۇنداقتا ئۇ ئۇيغۇرچىنى ياخشى بىلەمدۇ؟" دەپ سورىدى. سىنىپ
مۇدىرى خانىم "ياق. ئۇيغۇرچىنى پەقەت بىلمەيدۇ" دېدى. ئۇنداقتا ئوقۇتقۇچى
ئۇيغۇرچىنى بىلمىسە خەنزۇچىنى تەرجىمە قىلىپ چۈشەندۈرمىسە قانداق ئۆگىتىدۇ
ئوقۇغۇچىلارمۇ قانداق ئۆگىنىدۇ ئوقۇتقۇچمۇ بىر گاچا ئوقۇغۇچىلارمۇ بىر
گاچا ئىككى گاچا بىر-بىرىگە شەرەت قىلسا خەنزۇچىنى قانداق ئۆگىنىدۇ دېدى
شۇنىڭ بىلەن ئاتا ئانىلار ئىچىدە غۇلغۇلا گەپ باشلاندى ئەڭ ئاخىردا
ئاتا-ئانىلارنىڭ تەلەپ پىكرى ئوقۇغۇچىلارغا ھەقىقىي تىل ئۆگىتەر بولسا
خەنزۇچىنىمۇ ئۇيغۇرچىنىمۇ ياخشى بىلىدىغان قوش تىللىق ئوقۇتقۇچى بەلگىلەپ
بېرىشنى مەكتەپ رەھبەرلىرىگە تەلەپ قويدى، كېيىن ئۇقساق بۇ خەنزۇ تىلى
ئوقۇتقۇچىنى يىڭىدىن ئىچكىرىدىن يۆتكەپ ئەكەلگەن ئوقۇتقۇچىكەن شۇڭا
ئۇيغۇرچىنى پەقەت بىلمەيدىكەن ئوقۇغۇچىلارغا خەنزۇچە سۆزلەۋېرىپتۇ شۇڭا
ئوقۇغۇچىلار ھېچنېمىنى بىلەلمەپتۇ.»
مەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتىدىن
كېلىپ چىققان ئەھۋاللارنى بايان قىلىدىغان يەنە بىر قىسىم ئىنكاسلارنى
يىغىپ، ئۇلارنى
http://www.meripet.com/Söhbet1/Erkinc6_QoshTil2.pdf
گە قويۇپ قويدۇم. خالىغىنىڭلار ئۇلارنى كۆرۈپ بېقىڭلار.
مەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز ئەمەل ئەھلىلىرىگە ۋە ئۆز
مائارىپچىلىرىغا تۆۋەندىكىدەك تەلەپ-تەكلىپلەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن:
[1] ھازىرقى باشلانغۇچ 1-سىنىپىدىن باشلاپ ھەممە دەرسلەرنى خەنزۇچىدا
ئۆتىدىغان، ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسىنى 3- ياكى 4-يىللىققا چىقىمىغىچە
ئۆتمەيدىغان تۇزۇمنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇيغۇر بالىلىرىغا
4-سىنىپقا كۆچكىچە ھەممە دەرسلەرنى پەقەت ئۇيغۇر تىلىدىلا ئۆتۈپ، خەنزۇ
تىلى دەرسنى 4-سىنىپتىن باشلاپ ئۆتىدىغان تۇزۇمنى يولغا قويۇش. ئەگەر
ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قوش تىللىق مائارىپ» نىڭ مەقسىتى، تىل
بىلەن تەبىئىي-پەن ۋە سانائەت پەنلىرىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇچە
ساۋاتىنى تولۇق چىقىرىش بولىدىكەن، ئۇ ھالدا ئۇيغۇر دىيارىغا ئامېرىكىنىڭ
قوش تىللىق مائارىپ پروگراممىسى ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ. تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن
تەرەققىي قىلغان دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەجرىبىسىنى ئۆگىنىش كېرەك.
تەرەققىيات جەھەتتە دۇنيادا ئامېرىكىنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان دۆلەت يوق.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا ئۇزۇن مۇددەتلىك تەتقىقات ۋە سىناق نەتىجىسىدە بىر
مۇكەممەل «قوش تىللىق مائارىپ» قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىپ
چىققان. شۇڭا ئامېرىكىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ پروگراممىسى ئۇيغۇر دىيارىغا
ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ.
[2] باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ تىل، بىلىم ۋە ئەقىل
جەھەتتىكى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، «باشقا كەلگەندە باتۇر
بولۇش» روھى بىلەن «يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش» ئۇسۇلى ھېچ
قانداق ئىلمىي ئاساسى بولمىغان ئۇسۇللار بولۇپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن
قالدۇرۇش. مېنىڭچە ھازىر مۇشۇنداق ئىلمىي ئاساسى يوق ئىدىيىلەرنىڭ ئۇيغۇر
بالىلىرىغا ئېلىپ كېلىۋاتقان ئەقلىي تەرەققىيات جەھەتتىكى زىيىنى ئىنتايىن
چوڭ بولۇۋاتىدۇ. ئامېرىكىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە (
http://www.parenthood.com/article-topics/whats_the_right_a
mount_of_homework.html گە قاراڭ)، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا
قەرەللىك ھالدا تاپشۇرۇق ئىشلىتىشنىڭ ئۇلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى ئۈچۈن ئانچە
چوڭ پايدىسى يوق بولۇپ، ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق تاپشۇرۇق مىقدارى،
1-سىنىپتا ھەر كۈنى 10 مىنۇت، 2-سىنىپتا 20-مىنۇت، 3-سىنىپتا 30 مىنۇت
ئىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەر يىلى 10 مىنۇتتىن قوشۇپ
ماڭسا بولىدىكەن. باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى ھازىر ھەر كۈنى
قانچىلىك ۋاقىت تاپشۇرۇق ئىشلەيدۇ؟ مەن بۇرۇنقى يازمىلىرىمدىمۇ تەسۋىرلەپ
ئۆتكىنىمدەك، ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئامېرىكىدىكى ئاق تەنلىك
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە مەكتەپتىكى دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن سىرتتا
ئوينايدىغانلىرى كۆپ. ئاسىيالىقلارنىڭ بولسا ئۆيىدە ياكى كۇتۇپخانىدا
ئۆگىنىش قىلىدىغانلىرى كۆپ. ئەمما، مەن ئۇچراتقان ئامېرىكىدىكى ئاق تەنلىك
كەسپىي خادىملارنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىش قىلىش ئىقتىدارى، ئۆزى
مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى، ئۆزى مۇستەقىل مەسىلە ھەل قىلىش
ئىقتىدارى، ئۆزىنىڭ قۇلى بىلەن ئەمىلى ئىشلارنى قىلىش ئىقتىدارى
ئاسىيالىق، جۈملىدىن خەنزۇ كەسپىي خادىملارنىڭكىدىن كۆپ ياخشى. تەپەككۇر
ۋە ئىجادچانلىق جەھەتتە ھازىر ئامېرىكا دۇنياغا باشلامچى ئىكەنلىكى
ھەممىگە ئايان. ئوقۇغۇچىلارنى كەلگۈسىدىكى ياخشىراق ياشاش ئىقتىدارىنى
ئۆستۈرۈشكە پايدىسى يوق ئاشۇنداق تاپشۇرۇقلار بىلەن كۆمۈۋەتكەننىڭ نېمە
پايدىسى؟ ئامېرىكىلىقلارنىڭ «بالىلارنى بالىلاردەك ياشىغىلى قويۇش
كېرەك» دېگەندەك بىر گېپى بار. ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭمۇ بالىدەك ياشاش
ھوقۇقى بار. ئەگەر ئۇلارنىڭ بالىدەك ياشاپ چوڭ بولۇشىغا يول قويۇلمىسا،
ئۇلار ساغلام ئۆسۈپ يېتىلەلمەيدۇ. مەن مائارىپچىلارنىڭ بۇ نۇقتىنى تولۇق
چۈشىنىشى ۋە ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىقىنى سورايمەن.
[3] ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇشتىن خەنزۇ تىلىدا ئوقۇشقا كۆچۈشتىكى ئۆتكۈنچى
دەۋردە تىل ۋە تەبىئىي-پەن دەرسلىرىنى بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى
قوش تىللىق بولۇش. ئامېرىكا دەل مانا مۇشۇنداق قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار قوش
تىللىق ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەپ يېتىلدۈرۈش، ئىمتىھان ئارقىلىق
ئوخشىمىغان دەرىجە بويىچە «قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىسى» كىنىشكىسى
بېرىش، ھەمدە مەكتەپلەردە رىقابەت ئاساسىدا تاللاپ خىزمەت بېرىش جەھەتتە
بىر مۇنتىزىم قائىدە-تۈزۈملەرنى بېكىتىپ چىققان. ئامېرىكىنىڭ مۇشۇ
ساھەدىكى ئىشلىرىغا قىزىقىدىغان ھەم ئىنگلىزچە بىلىدىغانلار ماۋۇ تور
بېتىنى كۆرۈپ باقسا بولىدۇ:
http://www.isbe.state.il.us/bilingual/htmls/biteacert.htm.
يۇقىرىدا تەسۋىرلەنگەن بىر توردىشىمىزنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر
دىيارىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە خەنزۇ تىلىدا دەرس بېرىدىغان بىر قىسىم
ئوقۇتقۇچىلار ھېچ قانداق ئۇيغۇرچە بىلمەيدىغان خەنزۇ مىللىتى كىشىلىرى
ئىكەن. ئامېرىكىنىڭ ئۆلچىمى ۋە ئىلمىيلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا بۇ
پۈتۈنلەي خاتا بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى
مەن ھەر قانچە تەكىتلىسەممۇ ئازلىق قىلىدۇ.
مەن يۇقىرىدىمۇ چۈشەندۈرۈپ ئۆتكىنىمدەك، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە،
گرېتسىيە، كانادا ۋە شۋېتسىيە قاتارلىق ئەللەر «قوش تىللىق
مائارىپ» ئىشلىرىدا ئۇزۇن مۇددەت تەكشۈرۈش، تەتقىقات ۋە سىناق ئېلىپ
بېرىپ، بىر مۇنتىزىم «قوش تىللىق مائارىپ» پروگراممىسىنى
تەرەققىي قىلدۇرۇپ يولغا قويۇۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن بولۇپتۇ. ئۇلارنىڭ
مۇشۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب، بۇ دۆلەتلەرگە كۆچمەن بولۇپ باشقا دۆلەتلەردىن
كەلگەن ئاز مىللەت ياش - ئۆسمۈرلىرىنىڭ مائارىپ سەۋىيىسى بىر قانچە
ئەۋلاتقىچىمۇ ئۆسمەي، شۇ سەۋەبتىن بۇ مىللەتلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىمۇ
ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق قىسمى ئۆمۈر بۇيى قارا ۋە تۆۋەن
دەرىجىلىك خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. شۇڭلاشقا بۇ دۆلەتلەر مەن مۇشۇ
يازمامنىڭ 2-قىسمىدا تەسۋىرلەپ ئۆتكەن «قوش تىللىق مائارىپ»
پروگراممىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. بىز يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك، ھازىر
ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان «قوش تىللىق مائارىپ»
سىياسىتى بىلەن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئوخشاش سىياسىتى ئوتتۇرىسىدا
ئاسمان-زېمىن پەرق بار. ئەگەر بۇ پەرقلەر تۈگىتىلمىسە، ئۇيغۇر بالىلىرىنى
ئۇيغۇر دىيارى، جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلىشالايدىغان
ئىختىساسلىق كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى
تۇرغانلا گەپ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئانا
تىل بىلەن خەنزۇ تىلى، بىلىم ۋە ئەقلىي ئىقتىدار جەھەتتىكى سەۋىيىسى
ئىنتايىن تۆۋەن، پەقەتلا قارا خىزمەت ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك خىزمەتكىلا
يارايدىغان ئادەملەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىش ئېھتىماللىقىمۇ ئىنتايىن
يۇقىرى. شۇڭلاشقا مەن ھەر بىر ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ، ھەر بىر ئۇيغۇر
مائارىپچىلىرىنىڭ، ھەر بىر ئۇيغۇر ئەمەل ئەھلىلىرىنىڭ، جۈملىدىن ھەر بىر
ئۆزىنى ئۇيغۇر سانايدىغان كىشىلەرنىڭ بۇ ئىشقا 1-دەرىجىلىك مۇھىم ئىش
قاتارىدا مۇئامىلە قىلىپ، ھازىرقى ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بىر ئىش قىلىپ
بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەن مۇشۇ يازمامنىڭ ئالدىنقى قىسىملىرىدا تىلغا ئالغان «8
سوئال» غا جاۋاب بەرگەن ئەمەلدار 2-سوئالغا بەرگەن جاۋابىدا مۇنداق
دېگەن: «شۇڭا، ئاز سانلىق مىللەت مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي
قىلدۇرۇشتا، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ گۈللەپ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق
بولۇش، ئاز سانلىق مىللەت مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇش،
ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىغا پايدىلىق بولۇش پرىنسىپى
بويىچە، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، ئوقۇتۇش تىلىنى
بېكىتىش كېرەك.» ئوقۇرمەنلەرنىڭ مېنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق يازمامغا
قارىتا يازغان بەزى ئىنكاسلىرىدا، ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى «خەلق
ئاممىسى» ئۆزىنىڭ «ئارزۇسى» نى قانۇنلۇق يوللار بىلەن
ئىپادىلىسە، ئۆزىنىڭ خىزمىتىدىن، ئۆزىنىڭ بىردىن-بىر جان بېقىش
ۋاسىتىسىدىن ئايرىلىپ قېلىش تەھدىتىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ.
جېنىنى ساقلاپ ياشاش ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك تەلەپ. خىزمەت
تېپىش ھەددىدىن تاشقىرى دەرىجىدە قىيىنلىشىپ كەتكەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆز
خىزمىتىنى يوقىتىپ قويۇش ھەقىقەتەنمۇ ئەڭ ئېغىر تەھدىتلەرنىڭ بىرسى بولۇپ،
مۇشۇنداق تەھدىت ئاستىدا ياشاش «قورسىقىنى ئاچ قويۇپ
كۆندۈرۈش» كە دۇچ كەلگەن ھايۋانلارنىڭ كۈنى بىلەن ئانچە پەرق
قىلماسلىقى مۇمكىن. لېكىن، مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈمىدۋار بۆلىشىنى ئۈمىد
قىلىمەن. جۇڭگونىڭ ئىمپورت سانائىتى 2-3 يىلنىڭ مابەينىدە دۇچ كېلىۋاتقان
ئېغىر دەرىجىدىكى چېكىنىشلەردىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خەۋىرى بار.
مەن جۇڭگودىكى يالغان ماللارنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىغا قاراپ،
مۇشۇنداق بىر ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى 10 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىلا
پەرەز قىلغان ئىدىم. دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى
دۆلەتنى قانۇن بويىچە باشقۇرىدىغان دۆلەتلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى
نۇرغۇن ئەگرى-توقاي مۇساپىلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرى تەرەققىي
قىلىشنىڭ بىردىن-بىر يولى «قانۇنلۇق دۆلەت بولۇش» ئىكەنلىكىنى
يەكۈنلەپ چىققان. قانۇنلۇق دۆلەتلەردە قانۇن بىر يەردە بىر خىل، يەنە بىر
يەردە يەنە بىر خىل بولمايدۇ. بىر مىللەتكە بىر خىل، يەنە بىر مىللەتكە
بىر خىل بولمايدۇ. بىر گۇرۇپپا ئادەمگە بىر خىل، يەنە بىر خىل ئادەمگە بىر
خىل بولمايدۇ. قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم ھەممە يەردە باراۋەر بولىدۇ.
جۇڭگو ھازىرقىدىنمۇ بەك تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن، چوقۇم ئاشۇنداق بىر
مۇنتىزىم قانۇنىي تۇزۇمنى ئورنىتىشى ۋە يولغا قويۇشى كېرەك. ئۇنىڭدىن
باشقا يول يوق. جۇڭگودا ئاشۇنداق بىر مۇنتىزىم قانۇنىي تۇزۇم يولغا
قويۇلغاندا، قانۇنىي يوللار بىلەن ئۆز ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن، قانۇن-تۇزۇم
بويىچە يۇقىرىغا ئۆزىنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىنى يەتكۈزگەن ئۇيغۇرلار جازاغا
ئۇچرىمايدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۇلار قوغدىلىدۇ. ئەگەر ئۇنداق كۈنلەرنىڭ
كېلىشىدىن ئانچە ئۈمىد بولمىسا، قىيىن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار ھازىر ئۇيغۇر
دىيارىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، ھېچ قانداق ئىلمىي ئاساسى بولمىغان بەزى
«قوش تىللىق مائارىپ» سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشىپ
باققىنى ياخشى. ئەگەر جۇڭگونىڭ ئەھۋالىدا ھازىرقىدىن ياخشىراق تەرەپكە
قاراپ ئىلگىرىلەش بولمايدىكەن، مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشتا
قەتئىي قىلمىسا بولمايدىغان ئىشلارنىڭ بىرسى ئەنە شۇدۇر.
تەھرىرلىگۈچى: ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېتى (
http://www.orkhun.com ) دىن ياۋۇز.
مۇشۇ يازمىدا تىلغا ئېلىنغان تور بەتلەرنىڭ تىزىملىكى:
Kangas خانىمنىڭ 22-بەتلىك دوكلاتىنىڭ JPEG شەكىلدىكى ھۆججىتى:
http://www.meripet.com/Söhbet1/kangas/
ئامېرىكا «مائارىپ بايلىق مەنبەسى ئۇچۇر مەركىزى» نىڭ تور بەت
ئادرېسى:
http://www.eric.ed.gov.
«شىنجاڭنىڭ قوش تىلدا ئوقۇتۇش خىزمىتى توغرىسىدا 8 سوئال»:
http://www. bilik.cn/bbs/viewthread. php?tid=20694
http://www.meripet.com/Sohbet1/Erkinc6_QoshTil2. pdf «باشلانغۇچتا
ئانا تىلنى ئالدىدا ئۆگىتىش زۆرۈرلۈكنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى » دېگەن
ماقالىغا چۈشكەن بىر قىسىم ئىنكاسلار:
ئامېرىكىنىڭ قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاش ۋە ئۇلارغا كىنىشكا بېرىش
رەسمىيەتلىرى:
http://www.isbe.state.il.us/bilingual/htmls/biteacert.htm
ئامېرىكا: قانچىلىك تاپشۇرۇق ئەڭ مۇۋاپىق؟
http://www.parenthood.com/article-topics/whats_the_right_amount_of_homework.html
بۇ يازمىدىكى ئۇلانمىلار توغرا ئۇلانماي قالسا، مەرىپەت توربېتىدىكى ULY
نۇسخىسىغا مۇراجەت قىلىڭ، ياكى ئۇلانما ئادرېسىنى كۆچۈرۈپ، بوشلۇق قويۇلۇپ
قالغان ئورۇنلاردىكى بوشلۇقنى ئۆچۈرىۋېتىپ، تور كۆرگۈگە چاپلىسىڭىز نورمال
ئېچىلىدۇ. ـــــ تەھرىردىن