خۇلاسە

 

شۇنداق قىلىپ بىز 2006- يىلى 12- ئاينىڭ بېشىدا تەييارلاشقا باشلىغان بۇ قىسقىچە تەرجىمىھال تاماملاندى. بىز ھەممىمىز چەت ئەلدىكى داڭلىق كىشىلەرنى ئازدۇر - كۆپتۇر ئاڭلاپ كەلدۇق. بەزىدە ئۇلارنىڭ ھايات ھېكايىلىرىنى ئاڭلاش ياكى ئوقۇشقىمۇ مۇيەسسەر بولدۇق. لېكىن، يېقىنقى بىر قانچە ئەسىر مابەينىدە ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان، باشقا مىللەتلەر قىلغان چوڭ ئىشلارنى قىلالىغان كىشىلەر توغرىسىدا ئانچە كۆپ ئۇچۇرغا ئىگە بولالمىغان ئىدۇق. بىز ئەركىن سىدىقنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى تەييارلاپ ئوقۇرمەنلەرگە سونۇش ئارقىلىق، مۇشۇ ساھەدىكى بوش ئورۇننى ئازراق بولسىمۇ تولدۇرۇشنى ئۈمىد قىلدۇق. بولۇپمۇ بىز مۇشۇ تەرجىمىھالنى تەييارلاش ئارقىلىق «قانداق ئادەم ئەركىن سىدىقتەك ئادەم بولالايدىغاندۇ؟»، «ئەركىن سىدىقتەك بولۇش ئۈچۈن قانداق ياشاش كېرەكتۇ؟» دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تاپماقچى بولدۇق. شۇ سەۋەبتىن، بىز زېھنىمىزنى ئەركىن سىدىقنىڭ ھاياتىدىكى ياخشى ئىشلارنىلا يېزىشقا مەركەزلەشتۈرمىدۇق. ئۇنىڭ ئەكسىچە، بىز ئەركىن سىدىقنىڭ ھەقىقىي ھاياتىنى يېزىشقا تىرىشتۇق. بىزنىڭچە، مۇشۇ قىسقىچە تەرجىمىھال ھەمدە بىلىۋال تور بېتىنىڭ ئەركىن سىدىق بىلەن ئۆتكۈزگەن 2 قىسىملىق يازما سۆھبىتىنى ئوقۇغان ھەر بىر ئۇيغۇر ئەركىن سىدىقنىڭ ھاياتى، ئۇنىڭ ياشاش پرىنسىپى، ئىش بېجىرىش ئۇسۇلى، مىللەتكە ۋە ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە بولغان كۆز - قارىشى ۋە ئۆز تۇرمۇشى ۋە ئائىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى قاتارلىقلار بىلەن خېلى مۇكەممەل تونۇشۇپ چىقالايدۇ. بۇلارنى تولۇق ئوقۇپ چىققان كىشى ئەركىن سىدىقنىڭ بەدىنىنىڭ «ئۇيغۇر ئىزى» بىلەن تولغان، ۋۇجۇدى «ئۇيغۇر روھى» بىلەن يۇغۇرۇلغان بىر ئاددىي ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋالالايدۇ.
ئەركىن سىدىق ھازىرمۇ ئامېرىكىدىكى دۇنياغا مەشھۇر ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقات مەركىزى بولغان JPL دە كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى ئىشلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئالەم تېلېسكوپىنىڭ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. ئۇ 2006- يىلى ئۆزىنىڭ كەسپىي ساھەسىدە 3 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى. بۇ يىل (يەنى 2007- يىلى) ئۇ يەنە ئىككى خەلقئارالىق ئىلمىي دوكلات يىغىنى بىلەن بىر خەلقئارالىق ئىلمىي تەتقىقات ژۇرنىلىغا جەمى 5 پارچە ئىلمىي ماقالە ماڭدۇرۇپ بولدى. بۇ JPL نىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئېيتقاندىمۇ ناھايىتى چوڭ نەتىجە بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئەركىن سىدىق يېقىندا ئوپتىكىلىق سىستېمىلاردىكى فازا خاتالىقىنى ئۆلچەپ تاپىدىغان بىر يېڭى ئۇسۇلنى تېپىپ چىقتى. بۇ ئۇسۇل يېڭى تىپلىق ئالەم تېلېسكوپى تېخنىكىسىدا بىر يۈكسىلىش پەيدا قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا JPL «گرىئېن - سىدىق ئالگورىسىمى» دېگەن ئىسىمنى بەردى. شۇنداق قىلىپ بىر ئۇيغۇرنىڭ تۆھپىسى تەبىئىي پەن دۇنياسىدىكى تەسىرى چوڭ يېڭى بىلىملەرنىڭ قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. 2006- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئەركىن سىدىققا ئۆزىنى «2008- يىلىدىكى ئامېرىكىدىكى مەشھۇر شەخسلەر» دېگەن كىتابقا كىرگۈزۈش توغرىسىدا ئاشۇ كىتابنىڭ نەشرىياتچىلىرىدىن بىر تەكلىپ كەلدى.
ئاخىرىدا بىز ھەر بىر ئۇيغۇر ياشلىرىدىن مۇشۇ تەرجىمىھالنىڭ بېشىدا بايان قىلىنغان «مۇۋەپپەقىيەت فورمۇلىسى» بىلەن تۆۋەندە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەركىن سىدىقنىڭ بىر قىسىم ھايات تەجرىبىلىرىنى ئەستە چىڭ ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز:

* ئۇيغۇر دېھقان بالىلىرىمۇ ئالىم بولالايدۇ.
* باشقىلار قىلالىغان ئىشنى ئۇيغۇرلارمۇ قىلالايدۇ.
* ئارزۇ ئىقتىدارغا تەڭ ئەمەس. چوڭ ئىشقا يۈرۈش قىلىشنى ئۆزىڭىز قىلالايدىغان كىچىك ئىشتىن باشلاڭ.
* ئادەملەرنىڭ ئارزۇسى بىلەن ئىقتىدارى ئوخشىمايدۇ. سىز ئۆز غايىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ئارزۇيىڭىز بىلەن ئىقتىدارىڭىزنىڭ بىرىكمىسى ئاساسىدا تىكلەڭ.
* ئۆز - ئۆزىنى بايقاش ئۆمۈرلۈك ئىش. سىز بىر ئىشنى ياخشى قىلالىغان بىلەن، يەنە بىر ئىشنى ياخشى قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن. شۇڭا سىز ئۆز ئالاھىدىلىكىڭىزنى تولۇق بايقاپ، ئۇنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشقا تىرىشىڭ.
* پۇرسەت ئاسانلىقچە قولغا كەلمەيدۇ. پەقەت بىر يولنى ئىككى قىلالايدىغان، كىچىك يولنى چوڭايتالايدىغان ئادەملەرلا ئەڭ ئاخىرى ئۇتۇپ چىقىدۇ. ئۇنداق قىلالمايدىغان ئادەملەر قولىدىكى نەرسىلىرىدىنمۇ ئايرىلىپ قالىدۇ.
* سىز ئاجىزراق بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن باشقىلار سىزنى كۆزگە ئىلمايدۇ. باشقىلار بىلەن ئوخشاش تەڭ ئورۇن تۇتۇپ ياشايمەن دېسىڭىز، كەم دېگەندە ئۆز خىزمىتىڭىزنى باشقىلار بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە مۇكەممەل قىلىڭ.
* باشقىلار قىلالمىغان ئىشنى قىلىش ئۈچۈن، چوقۇم باشقىلاردىن بەكرەك تىرىشىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يول يوق.
* ئادەم جاپاغا ئۆلۈپ قالمايدۇ. ئادەم ياش ۋاقتىدا توغرا ئىشلار ئۈچۈن چەككەن ئېغىر جاپا ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈرلۈك بەخت ئېلىپ كېلەلەيدۇ.


تۈگىدى


word ھۆججىتىنى تەييارلىغۇچى: بوستان تور بېكىتىدىن ياۋۇز
كوررېكتورلۇق قىلغۇچى: بوستان تور بېكىتىدىن ياۋۇز
ئېلكىتاب ھۆججىتىنى تەييارلىغۇچى ۋە ئاخىرقى قېتىم بېكىتكۈچى: بىلىك تور بېكىتىدىن ئەليار.

بۇ تەرجىمھالنى تەييارلاش داۋامىدا بىزگە يېقىندىن ماسلاشقان پەخىرلىك ئالىمىمىزغا رەھمەت ئېيتىمىز.

ئاخىرقى قېتىم كەنجى كوررېكتور(غەيرەت توختى كەنجى ياسىغان ئىملا تەكشۈرگۈچ) دىن ئۆتكۈزۈلدى.

2007-يىلى 4-ئايدا تاماملاندى.

( سەلكىن تور بىكىتىدىكىلەر نامىدىن بوستان ئويغۇر مەدەنىيەت مۇنبىرىدىن <تۇرسۇنجان ھىزىم > ياۋۇز بىلەن بىلىك مۇنبىرىدىن ئەليار ئەپەندىگە كۆپتىن كۆپ تەشەككۇر . مۆھتىرەم ئالىمىمىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىنىڭ تىخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى تىلەيمىز )


 

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﮭﺎﻟﯩﻨﻰ ﻛﯘﻟﯘﺑﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦAlyar ﺑﯩﻠﻪﻥ بوستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۇلۇبىدىن ﻳﺎﯞﯗﺯ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﻮﺳﺘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ ﯞﻩ ﺑﯩﻠﯩﻚ ﻛﯘﻟﯘﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﯔ.
http://www.bostan.cn
http://www.bilik.cn



باش بەتكە قايتىش