2- بۆلۈم

 

ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ

 ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ 1965-ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯜﺯﺩﻩ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ 2 ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﺎﻗﺴﯘ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ  ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ 4-ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﺩﻯ. ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﻨﯩﭙﻼﺭ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ-ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯩﺪﻯ (ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ ــــ ﻣﯘﻫﻪﺭﺭﯨﺮﺩﯨﻦ). ﺋﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭ "ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ" ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻝ ﯞﻩ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﻏﻪﺯﻧﯩﯔ ﺭﻩﯕﮕﻰ ﻗﺎﺭﺍﻣﺘﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭘﯩﭽﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﻼﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍ-ﻗﻪﻟﻪﻣﺪﻩ ﺧﻪﺕ ﻳﺎﺯﺳﺎ، ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﯕﮕﻰ ﻗﻪﻏﻪﺯﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯﻻ ﻗﺎﺭﯨﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺧﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﺗﻪﺳﻠﯩﻜﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ. ﻗﻪﻏﻪﺯﻧﯩﯔ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻤﯘ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺳﺎﻣﺎﻧﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺳﯩﻘﯩﭗ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﻗﻪﻏﻪﺯﻧﯩﯔ ﻗﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﺋﯘﯞﺍﻗﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭘﻼ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻱ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ، ﻳﻮﻟﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺧﻠﻪﺕ ﺩﯙﯞﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﯩﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯧﺮﯨﯟﯦﻠﯩﭗ، "ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻫﯧﺴﺎﺏ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﻤﻪﻥ" ﺩﻩﭖ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮﻻ ﻗﻪﻟﯩﻤﻰ، ﯞﻩ ﺑﯩﺮﻻ ﺋﯚﭼﯜﺭﮔﯜﭼﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﻟﻪﻣﻨﻰ ﺗﺎﻛﻰ ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯩﻘﻰ 1 ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﯩﺮﺩﻩﻙ ﻗﯧﻠﯩﭗ، ﺑﺎﺭﻣﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻘﯩﭽﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﻪﺗﺘﻰ.

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ 1-ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﯩﺰﯨﻘﺘﻰ. ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﯞﻩ ﯞﺍﻗﯩﺘﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﻮﺯ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﻪﺗﺘﯩﮕﯩﻨﻰ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﻫﺎﺟﯩﺘﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻤﯘ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻗﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﻧﯩﻤﯘ ﻗﻮﻳﻤﺎﻱ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﺗﯜﮔﯩﺘﻪﺗﺘﻰ. ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺳﻮﺋﺎﻝ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ 1-ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﻮﻝ ﻛﯚﺗﯜﺭﻩﺗﺘﻰ. ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﭘﺎﺕ-ﭘﺎﺕ "ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﻢ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﺎﻗﯩﺪﯗ؟" ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﺍﻳﺘﺘﻰ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ 1-ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻻﺗﯩﻦ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﯞﺍﺗﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻳﻼ، ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﻪ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ (UEY) ﻧﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﺪﻯ. ﺋﯘ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ UEY ﺋﯧﻠﯩﭙﺒﻪ ﺟﻪﺩﯞﯨﻠﯩﻨﻰ ﻛﻮﺗﯜﺭﯞﯦﻠﯩﭗ، ﻫﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭙﻼ UEY ﻧﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ، ﺗﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﭽﻪ ﺗﺎﻻﻏﺎ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﯩﻠﯩﻤﯘ ﭼﯩﻘﻤﯩﺪﻯ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ 2-3 ﻛﯜﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻼ ﺑﯘ ﺋﯧﻠﯩﭙﺒﻪﻧﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ، UEY ﻧﻰ ﻳﺎﺯﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎﻱ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﻼﯞﯨﻴﺎﻥ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺳﻮﯞﯨﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﺳﯩﻼﯞﯨﻴﺎﻥ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻳﯘﺭﺩﻯ.

60-ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﺷﻪﻫﻪﺭﺩﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﻮﺭﻣﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﮕﻪ ﻫﻪﺭ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﺎﻥ ﺳﺎﻧﯩﻐﺎ، ﯞﻩ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻳﯧﺸﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﻩﺗﺘﻰ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰ 15 ﻳﺎﺵ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻫﻪﺭ ﺋﺎﻳﺪﺍ 15 ﺟﯩﯔ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﻩﺗﺘﻰ. ﺋﻪﮔﻪﺭ 16 ﻳﺎﺵ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺳﯩﺰﮔﻪ 16 ﺟﯩﯔ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﻩﺗﺘﻰ. ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺋﺎﺷﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯟﯦﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺳﺘﯩﻜﻰ ﻳﺎﺵ ﺳﺎﻧﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﺵ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻠﯩﺘﯩﯟﺍﻻﺗﺘﻰ. ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯩﻦ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﺸﻰ 40-50 ﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺳﺘﯩﻜﻰ ﻳﯧﺸﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﺵ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺰ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻳﯧﺰﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻛﻮﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﻧﻮﺭﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺋﯩﺪﻯ. ﻧﻮﺭﻣﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ-ﺋﺎﻳﻐﺎ ﺋﯘﻻﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﺎﺷﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯧﺮﯨﭽﻪ ﺗﯧﺠﯩﻤﯩﺴﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﺋﺎﺯ ﻳﻪﭖ، ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﻰ ﺋﺎﭺ ﻳﯜﺭﻩﺗﺘﻰ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺳﯩﻨﯩﭙﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻧﺎﻥ ﻗﻪﺭﺯ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭼﯜﺷﻠﯜﻙ ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺳﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﻥ ﻗﻪﺭﺯ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﻪﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﻧﺎﻥ ﻗﻪﺭﺯ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭼﻮﯓ-ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ 3 ﺧﯩﻞ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﻪﺗﺘﻰ: 1) ﺳﯜﺯﮔﯜﭺ: ﺋﺎﻟﻘﯩﻨﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ، ﺋﯘﺷﺘﯘﻟﻐﺎﻥ ﻧﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎﻟﻘﯩﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ 4 ﺑﺎﺭﻣﺎﻕ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﯩﻼ ﻗﻮﻳﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘ "ﺳﯜﺯﮔﯜﭺ" ﻧﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ (ﺗﻮﺭﺕ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﻨﻰ ﺟﯜﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﯜﺯﮔﯜﭼﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ). 2) ﻗﻮﻟﺘﯘﻕ: ﻧﺎﻧﻨﻰ 4 ﺑﺎﺭﻣﯩﻐﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺵ ﺑﺎﺭﻣﯩﻐﯩﯖﯩﺰ ﺑﺎﺭ ﻳﻪﺭﮔﯩﭽﻪ ﻗﻮﻳﯩﺴﯩﺰ. 3) ﺋﺎﻟﻘﺎﻥ: ﻧﺎﻧﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﻟﻘﯩﻨﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺗﻮﺷﻘﯩﺰﯨﺴﯩﺰ. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻧﺎﻥ ﻗﻪﺭﺯ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﻗﻪﺭﺯ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ، ﺋﯘﺷﺘﻘﺎﻥ ﻧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺋﺎﻟﻘﺎﻧﻐﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﻤﻪﻱ، ﺋﺎﻟﯩﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺑﯘﺭﺟﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﺵ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﻧﺎﻧﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯘﺷﺘﯘﭖ، ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺑﻮﺵ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻤﯘ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻧﺎﻥ ﻗﻪﺭﺯﻯ ﺋﯧﻠﯩﻢ-ﺑﯧﺮﯨﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺷﻰ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﺘﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﺎﻥ ﻗﻪﺭﺯﯨﻨﻰ ﻛﻮﺗﯩﺮﯨﯟﻩﺗﺘﻰ. "ﻧﺎﻧﻨﻰ ﺩﻩﺳﺴﯩﺴﻪﯓ، ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ" ـــــ ﺑﯘ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻘﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺗﻪﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﯩﺪﯗﺭ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﺸﻪﻙ، ﻛﺎﻻ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺕ ﺳﯚﺭﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺭﯨﻴﺎﺭ ﻫﺎﺭﯞﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻫﺎﺭﯞﺍ ﻫﻪﻳﺪﯨﮕﻪﭺ ﻧﺎﻥ ﻳﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﯘﻏﻘﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻧﺎﻥ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﻫﺎﺭﯞﯨﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜﭖ، ﻳﻪﺭﮔﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻧﺎﻥ ﭘﺎﺭﭼﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻮﭘﺎ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﭗ، ﺋﯘﻧﻰ ﭘﯜﯞﻟﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺋﺎﻏﺰﯨﻐﺎ ﺳﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯘ ﺋﺎﺯﺭﺍﻗﻤﯘ ﺋﻪﺟﻪﭘﻠﻪﻧﻤﻪﻳﺘﺘﻰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺋﯘ ﻗﻮﻧﺎﻕ ﺗﯧﺮﯨﺶ، ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﺗﯧﺮﯨﺶ ﯞﻩ ﺷﺎﻝ ﺗﯧﺮﯨﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯗﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﭼﻮﯓ ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ "ﻧﺎﻧﻨﻰ ﺩﻩﺳﺴﯩﺴﻪﯓ، ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﭼﯜﺷﯜﻧﯜﭖ ﻳﻪﺗﺘﻰ. ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻳﯜﻗﯘﺭﯨﻘﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﺪﯨﻦ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﭼﯩﻘﻤﯩﺪﻯ. ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺷﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﻪﯓ ﺑﺎﻱ ﺑﯩﺮ ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺷﺎﯞﯦﺘﯩﭙﻤﯘ، ﺋﯚﺯﻯ ﺋﺎﺷﻨﻰ ﺋﯩﺴﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﯘ ﺋﯘ ﻳﺎﻗﺘﺎ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﻤﯘ ﺋﯘ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﭼﯩﺪﯨﻴﺎﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﭘﻤﯘ-ﺳﺎﻕ ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﯩﯟﻩﺗﻜﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﺩﯨﻐﺎ ﺩﻩﺭﻫﺎﻟﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. "ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﺎﺷﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺧﻮﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﻪﺭ ﺋﯩﺪﻯ، ﻫﻪ؟" ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯗ.

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭼﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﻪﺗﯩﮕﯩﻨﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﻗﻮﯕﻐﯘﺭﯨﻘﻰ ﺟﯩﺮﯨﯖﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺳﯩﻨﯩﭙﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﯩﺰﯨﻼﺗﺘﻰ. ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻫﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ، "ﺩﯦﯖﯩﺰﺩﺍ ﭘﺎﺭﺍﺧﯘﺕ ﺭﻭﻟﭽﯩﻐﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﻣﺎﯞ ﺟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺪﯗ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﺧﺸﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻳﺘﺘﻰ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺩﻭﺳﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﯞ ﺯﯦﺪﯗﯕﻨﯩﯔ ﺭﻩﺳﯩﻤﯩﮕﻪ 3 ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﺎﺯﯨﻢ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺩﻩﺭﺳﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﻳﺘﺘﻰ. ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺩﻩﺭﺳﻜﻪ ﻛﯧﭽﯩﻜﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﻨﯩﭙﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﻣﺎﯞ ﺯﯦﺪﯗﯕﻨﯩﯔ ﺭﻩﺳﯩﻤﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ: "ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ ﻣﺎﯞ ﺟﯘﺷﻰ: ﻣﻪﻥ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺋﺎﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﭘﯩﺸﻤﺎﻱ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﻛﯧﭽﯩﻜﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﻣﻪﻥ ﺳﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﻪﭘﯘ ﺳﻮﺭﺍﻳﻤﻪﻥ. ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﯞﻩﺩﻩ ﺑﯧﺮﯨﻤﻪﻥ." ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺳﯩﻨﯩﭙﻼﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﺎﯞ ﺯﯦﺪﯗﯕﻨﯩﯔ "ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ"، "ﻳﯘﮔﯘﯕﻨﯩﯔ ﺗﺎﻏﻨﻰ ﻳﯚﺗﻜﯩﺸﻰ" ﯞﻩ "ﺑﯧﺘﻴﯘﻧﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻳﻤﯩﺰ" ﺩﯦﮕﻪﻥ 3 ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺩﻟﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﯩﯔ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﺎﯞ ﺯﯦﺪﯗﯓ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﻳﺎﺩﻻﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ.

ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻠﻪﺭﻣﯘ ﺑﻪﻙ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺪﻯ. ﻫﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﻗﯩﺸﺘﺎ ﺋﻮﻏﯘﺕ ﻳﯩﻐﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻐﺎ "ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻫﻪﺭ ﻫﻪﭘﺘﯩﺪﻩ 100 ﻛﯩﻠﻮﮔﺮﺍﻡ ﺋﻮﻏﯘﺕ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﺵ" ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﯞﻩﺯﯨﭙﻪ ﻗﻮﻳﯘﻻﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﻩ ﻫﻪﺭ ﻫﻪﭘﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﯜﻧﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ، ﻳﻪﻧﻰ ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﯩﺶ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯘ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﯜﻧﯩﻨﻰ ﺷﯘ ﺋﻮﻏﯘﺕ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺵ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﻪﺗﺘﻰ. ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺑﯩﺮﻻ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻗﯩﺶ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﻏﯘﺕ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ. ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﻫﻪﺭ ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﭼﻮﯓ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺷﻪﻫﻪﺭﮔﻪ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﺭﯞﺍ-ﭼﺎﺭﯞﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚﭖ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻮﻏﯘﺕ ﺗﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ، ﻳﻮﻟﻼﺭﺩﺍ ﯞﻩ ﻫﺎﺭﯞﯨﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﻮﻏﯘﺕ ﺗﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺑﯩﺮ ﺳﯧﯟﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﮔﯜﺭﺟﻪﻛﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯞﯦﻠﯩﭗ، ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﯧﺸﻪﻙ، ﻛﺎﻻ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺕ ﻫﺎﺭﯞﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﯘ ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭ ﺗﯧﺰﻩﻛﻠﻪﭖ ﻗﺎﻻﺭﻣﯩﻜﯩﻦ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯜﻣﯩﺪﺗﻪ ﻧﻪﭼﭽﻪ 100 ﻣﯧﺘﯩﺮ ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯘﻻﻕ ﺗﯧﺰﻩﻛﻼﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ 2-3 ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﺷﯜﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻻﻗﻨﯩﯔ ﺗﯧﺰﯨﻜﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯘﻻﻗﻨﯩﯔ ﺗﯧﺰﻩﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﺎﺭﻩ-ﭘﺎﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻴﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻫﺎﺟﻪﺗﺨﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﯕﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﻪﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻏﺮﯨﻼﻳﺘﺘﻰ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺋﻮﻏﺮﯨﻼﭖ ﻛﻪﺗﻤﯩﺴﯘﻥ، ﺩﻩﭖ ﻫﺎﺟﻪﺗﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺗﻮﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﺳﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﯘﻟﯘﭖ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻣﯘ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﯞﻩ ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﻮﻕ-ﺳﯜﻳﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﺋﯘﻧﻰ ﻗﯘﻟﯘﭖ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﺎﺩﯨﺴﻪ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻝ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻫﯩﭻ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﻩ، ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻫﯩﭻ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ (ﺋﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﯞﻩ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﻮﻏﯘﺕ ﻳﯩﻐﯩﺶ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﻰ ﻗﻮﻳﯘﻻﺗﺘﻰ. ــــــــ ﻣﯘﻫﻪﺭﺭﯨﺮﺩﯨﻦ). ﺋﻮﻏﯘﺕ ﺗﯧﺮﯨﺶ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯩﭽﯩﻨﻰ ﺳﯜﭘﯜﺭﯛﺵ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯩﭽﻰ ﯞﻩ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﺩﺍ ﻗﺎﺭ ﺗﺎﺯﯨﻼﺵ، ﻳﺎﺯ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﺭﯗﻟﯘﭖ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﺋﯧﺘﯩﺰﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﺎﺵ ﺗﯧﺮﯨﺶ (ﻳﻪﻧﻰ، ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭ ﺋﻮﺭﯗﭖ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﺘﯩﺰﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻠﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ.
1965-1970-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻲ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺷﻪﻫﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ 2 ﮔﯘﺭﯗﻫﻘﺎ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜﺷﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻫﻪﺭ ﺭﻩﯕﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﺎﻧﯩﻤﯘ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜﺷﺘﻪ، ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﻫ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻐﺎ 1-ﻗﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﯓ ﺋﯧﻨﻤﺎﯞﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﯨﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﻫ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﻣﯘﺷﯘ 2 ﮔﯘﺭﯗﻫ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺳﻮﻗﯘﺵ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﻧﻪﻳﺰﻩ، ﻛﺎﻟﺘﻪﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻼ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﺎﻗﺴﯘ ﮔﯧﺰﯨﺘﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﻗﯘﺷﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻜﻪﻳﻠﻪﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻨﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ-ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﺎﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﻮﻗﯘﺷﯘﺷﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﺧﺎﻧﯩﻤﻰ ﺋﺎﻣﺎﻧﮕﯜﻟﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺋﯧﺰﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎﺩﯗﺭ. 1968-ﻳﯩﻠﻰ 11-ﻳﺎﻧﯩﯟﺍﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺳﻮﻣﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ، ﺋﺎﻗﺴﯘ 1-ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ 17 ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﯧﺰﯨﺰ ﺋﻪﻳﺴﺎ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺗﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻝ ﺑﻮﻣﺒﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺯﺍ ﺗﯧﭙﯩﭗ، ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﻪﺳﯩﺘﻰ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﻛﯧﻠﯩﻨﺪﻯ (ﺑﯘ ﯞﻩﻗﻪ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ 1- ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 60 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ «ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺑﯘﻟﯩﻘﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭘﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ــــــــ ﻣﯘﻫﻪﺭﺭﯨﺮﺩﯨﻦ). ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﻣﺎﻧﮕﯜﻝ ﺗﯧﺨﻰ 9 ﻳﺎﺵ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻣﺎﻧﮕﯜﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ 2 ﻳﯩﻞ ﺋﯧﺴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯘﺗﯘﭖ، ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻠﯩﻤﯘ ﺗﺎﺱ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﯨﻨﻰ ﺋﺎﻣﺎﻧﮕﯜﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﺗﺎﻛﻰ 2005-ﻳﯩﻠﻰ 1-ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮﺩﺍ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯩﭽﻪ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﺎﻣﺎﻧﮕﯜﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﺳﻜﯩﺘﺒﻮﻝ ﺋﺎﻣﺎﻧﮕﯜﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ﻫﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ. (ﺋﺎﻣﺎﻧﮕﯜﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﯞﻩ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﺎﻣﺎﻧﮕﯜﻟﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﻨﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺗﯩﻞ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﻤﯩﻐﺎﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻘﻰ ﯞﻩﻗﻪ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻐﺎ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺯﻭﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯘ ﯞﻩﻗﻪ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﻗﻮﻳﯘﻟﺪﻯ.)

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭙﻼ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚﻳﯜﻧﻪﺗﺘﻰ، ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﺍﻳﺘﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺑﺎﻗﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﭖ ﺋﯚﻱ ﺗﻮﺷﻘﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻫﻮﻳﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﻛﻮﻻﭖ، ﺑﯩﺮ ﺋﯘﯞﺍ ﻳﺎﺳﺎﭖ، ﺗﻮﺷﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺷﯘ ﺋﯘﯞﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﺎﻗﻼﻳﺘﺘﻰ. ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻫﻮﻳﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﻩﺗﺘﻰ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻮﺷﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻫﻮﻳﻼ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﯜﮔﺮﻩﭖ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ، ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺳﻪﻛﺮﯨﮕﻪﻧﺪﻩ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﺎﻧﭙﯩﺸﯩﭽﻪ ﭼﯜﺷﻜﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻫﯘﺯﯗﺭﻟﯩﻨﯩﭗ، ﺧﻮﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﺗﻮﺷﻘﺎﻧﻼﺭ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﭼﯩﺸﻰ ﺗﻮﺷﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﯨﻐﺎ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺋﻮﺗﻼﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ، ﺋﯘﯞﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ 20 ﻛﯜﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺗﻮﺷﻘﺎﻧﻨﻰ ﺋﯘﯞﯨﺴﯩﻐﺎ ﺳﻮﻻﭖ، ﺋﻮﺕ ﺑﯧﺮﻩﻱ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﯩﻨﯩﺪﺍ، 6-7 ﺭﻩﯕﮕﺎ-ﺭﻩﯓ ﺗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﻯ. ﺋﯘ ﻫﻪﻡ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻫﻪﻡ ﻫﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﺵ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﻳﯜﮔﯜﺭﮔﻪﻥ ﭘﯧﺘﻰ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﺑﯘ ﺧﯘﺵ ﺧﻪﯞﻩﺭﻧﻰ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﺩﻯ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺗﻮﺷﻘﺎﻧﻨﻰ ﺑﯧﻘﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﭼﻮﯓ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ. ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﺭﻩﺧﻘﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺷﻘﺎﭺ ﺋﯘﯞﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺧﯘﻣﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﯩﻠﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ، ﺗﯧﺨﻰ ﺗﯜﻛﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﯚﺳﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺷﻘﺎﭺ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯜﺷﺘﻰ. ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﻛﻮﻻﭖ ﺳﺎﺯﺍﯓ ﻗﯘﺭﯗﺗﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ، ﺑﯘ ﻗﯘﺷﻘﺎﭺ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﺋﯜﭺ ﯞﺍﻕ ﻗﯘﺭﯗﺕ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﺎﻗﺘﻰ. ﺗﯧﺨﻰ ﻛﯚﺯﻯ ﺋﯧﭽﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻗﯘﺷﻘﺎﭺ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﯧﻴﻪﻟﻤﻪﻳﺘﺘﻰ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ، ﺑﯩﺮﺳﻰ ﻗﯘﺷﻘﺎﭼﻨﯩﯔ ﺗﯘﻣﺸﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯘﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻏﯩﺰﯨﻐﺎ ﻳﻪﻡ ﺳﺎﻻﺗﺘﻰ. ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻮﺷﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯘ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﻰ. ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘ ﻗﯘﺷﻘﺎﭼﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﻱ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﭼﻮﯓ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯘ ﻗﯘﺷﻘﺎﭺ ﺋﯘﭼﯘﺭﯗﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘ ﺋﯘﭼﯘﭖ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺩﻩﺭﻩﺧﻘﻪ ﻗﯘﻧﯘﭖ، ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﻣﯜﺭﯨﺴﯩﮕﻪ ﻗﻮﻧﯘﭖ ﻳﯜﺭﺩﻯ. ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﻪﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﯓ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﯩﻘﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻛﺎ-ﺋﯘﻛﺎ ﺋﯩﻜﻜﻪﻳﻠﻪﻥ ﺗﯘﻣﯘﭼﯘﻕ ﯞﻩ ﺟﯩﯖﺴﯩﺮ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ، ﯞﻩ ﺑﻪﻙ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺳﺎﻳﺮﺍﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯘﺷﻘﺎﭼﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﺑﺎﻗﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺑﯘ ﻗﯘﺷﻘﺎﭼﻼﺭﻧﻰ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺋﻪﺧﻠﻪﺕ ﺩﯙﯞﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﯩﻢ ﺗﯧﺮﯨﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺳﯩﻢ ﻗﻪﭘﻪﺱ ﻳﺎﺳﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻣﯘﭼﯘﻗﻨﻰ 2 ﻳﯩﻠﺪﻩﻙ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺗﯘﻣﯘﭼﯘﻕ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﻨﯩﯔ "ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻰ" ﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ، ﻫﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﭼﯜﺷﻠﯜﻙ ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﻳﯩﻐﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﻪﻙ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺳﺎﻳﺮﺍﭖ ﺑﯧﺮﻩﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎ، ﺗﯘﻣﯘﭼﯘﻕ ﻗﻪﭘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ﻳﻮﻕ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻛﺎ-ﺋﯘﻛﺎ ﺋﯩﻜﻜﻪﻳﻠﻪﻥ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯘ ﻗﯘﺷﻘﺎﭼﻨﻰ ﻗﻪﭘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺗﯘﻣﯘﭼﯘﻗﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ، ﺋﯚﺯ ﺋﯚﮔﺰﯨﺴﯩﮕﻪ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘ ﺋﯚﮔﺰﯨﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﻗﯘﺷﻘﯩﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﻫﯚﻛﯜﺭﻩﭖ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﺧﻮﺷﻨﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻫﯩﭻ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻥ، ﻗﺎﺭﺍ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺟﺎﻥ ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ، ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﺳﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﻪﭘﻪﺳﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺋﯘﻧﯩﻤﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻫﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﻏﻪﺵ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯘﺷﻘﺎﭺ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﭘﻪﺱ ﻳﺎﺳﺎﭖ، ﺗﯘﻣﯘﭼﯘﻕ ﯞﻩ ﺟﯩﯖﺴﯩﺮ ﺗﯘﺗﯘﭖ، 10 ﺩﻩﻙ ﻗﯘﺷﻘﺎﭼﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺳﯧﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﭘﯘﻝ ﺗﯧﭙﯩﭗ، ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜﻛﯩﻨﻰ ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﻪﺧﻠﻪﺕ ﺩﯙﯞﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺗﯚﻣﯜﺭ، ﺳﯚﯕﻪﻙ، ﺋﺎﻟﻴﯘﻣﯩﻦ، ﺳﻮﭘﯘﻥ ﻗﯘﺗﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﺳﺎﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺩﯙﯓ ﺗﯚﭘﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ (ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﺩﯙﯓ ﺗﯚﭘﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ ــــــــ ﻣﯘﻫﻪﺭﺭﯨﺮﺩﯨﻦ) ﻫﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﺭ ﺋﻮﻕ ﯞﻩ ﺑﻮﻣﺒﺎ ﺋﯧﺘﯩﭗ، ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﻣﻪﺷﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻣﻪﺷﯩﻖ ﺗﯜﮔﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺗﯧﺮﻩﺗﺘﻰ.

ﺋﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﯩﺶ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﻮﻧﻨﺎ ﻛﯚﻣﯜﺭ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﻗﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻛﯚﻣﯜﺭ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﺎ ﻛﯚﻣﯜﺭ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻧﻰ ﻻﻱ ﺋﯧﺘﯩﭗ، ﻳﺎﻛﻰ ﺯﯗﯞﯗﻻ ﺗﯘﺗﺎﺗﺘﻰ، ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯚﻣﯜﺭ ﻛﯧﺴﻪﻙ ﻗﯘﻳﯘﭖ ﻗﯘﺭﯨﺘﺎﺗﺘﻰ. ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻫﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﮔﻪﻣﻪ ﻛﻮﻻﭖ، ﻗﯩﺶ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﻪﺳﻪﻱ، ﻳﺎﯕﻴﯘ، ﺳﻪﯞﺯﻩ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺟﯩﻖ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺋﺎﺷﯘ ﮔﻪﻣﯩﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﯟﺍﻻﺗﺘﻰ. ﭼﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﻳﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻗﯩﺶ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯚﻳﻰ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯩﺴﺴﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯚﻛﯜﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﺋﻮﭼﺎﻕ ﻛﯜﻟﯩﻨﻰ ﺗﺎﺳﻘﺎﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻛﯚﻳﯜﭖ ﺑﯘﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﻮﻣﯘﺭ ﺩﺍﺷﻘﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﺎﺗﺘﻰ (ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻛﯚﻣﯜﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺩﺍﺷﻘﺎﻟﻼﺭﻣﯘ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﻳﻪﺗﺘﻰ). ﻗﯩﺶ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﺭﻧﻰ ﻗﯩﺰﺩﯗﺭﯗﭖ ﻧﺎﻥ ﻳﯧﻘﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﻗﻮﻳﻐﺎ ﻳﻪﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﺎﻛﺎ-ﺋﯘﻛﺎ ﺋﯩﻜﻜﯩﻴﻠﻪﻥ ﻫﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯜﺯﺩﻩ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﺎﻱ ﻏﺎﺯﺍﯓ ﺳﯜﭘﯜﺭﯛﭖ، ﻏﺎﺯﺍﯓ ﻳﯩﻐﺎﺗﺘﻰ. ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺑﻮﺭﺍﻥ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺑﻮﺭﺍﻥ ﭼﯜﺷﯜﺭﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻥ، ﺩﻩﺭﻩﺧﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺷﺎﺧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﺎﺗﺘﻰ. ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺟﺎﯕﮕﺎﻟﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﻧﺘﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﺎﻏﻼﭖ، ﺩﯛﻣﺒﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﺭﺗﯩﭗ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺋﻪﻛﯩﻠﻪﺗﺘﻰ. ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﯚﻱ ﺳﯜﭘﯜﺭﻩﺗﺘﻰ. ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻱ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﻮﺧﯘﻻﺭﻏﺎ ﻳﻪﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯘﻻﺭ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﻛﺎ-ﺋﯘﻛﺎ ﺋﯩﻜﻜﯩﻴﻠﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺑﻮﺵ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻳﻮﻕ ﺩﯨﻴﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻱ ﺑﯧﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻏﯘﻥ ﭘﯩﺸﻘﺎﻥ ﭘﻪﺳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻤﯘ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻗﻮﻳﻐﺎ ﻳﻪﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﺎﭘﺎﻕ ﻳﯩﻐﯩﺶ. ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﯚﻳﯩﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﻏﯘﻥ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺑﯩﺮ ﺳﯧﯟﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺘﺘﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﭘﯩﭽﺎﻗﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ، ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻏﯘﻥ ﺩﯙﯞﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﻗﻮﻏﯘﻥ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭﻻﺭ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻼ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯚﺯﯨﺪﻩ ﭘﯩﭽﺎﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﯩﭽﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﻪﺩﯨﻠﯩﮕﻪ ﺑﯘ ﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭﻻﺭ ﻗﻮﻏﯘﻧﻨﯩﯔ ﺷﺎﭘﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﺳﯧﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺳﺎﻻﺗﺘﻰ. ﺑﻪﺯﻯ ﺭﻩﻫﯩﻤﻠﯩﻚ ﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭﻻﺭ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻘﺎ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﻗﻮﻏﯘﻧﻤﯘ ﺑﯧﺮﻩﺗﺘﻰ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯜﻧﺪﻩﻙ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺳﯧﯟﻩﺗﻨﻰ ﺗﻮﺷﻘﯘﺯﯗﭖ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﺎﺗﺘﻰ.

ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﻮﻳﯘﻧﭽﯘﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺷﻪﻫﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻳﺎﺯ ﻛﯜﻧﻰ ﺳﻮﻗﯘﺵ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺘﺘﻰ: ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻳﺎﻏﺎﭼﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﻳﺎﺳﺎﭖ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜﭖ، ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺩﯗﺷﻤﻪﻥ، ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﻮﻗﯘﺷﺎﺗﺘﻰ. ﻳﺎﻏﺎﭺ ﻗﻮﺭﺍﻟﺪﯨﻦ ﻫﯩﭻ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﭼﯩﻘﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﻫﺎﻣﺎﻥ، ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﺍ "ﺗﺎ-ﺗﺎ-ﺗﺎ-ﺗﺎ!" ﺩﻩﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﭖ، "ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﺎﺗﺘﯩﻢ. ﺳﻪﻥ ﺋﯚﻟﺪﯛﯓ. ﺋﯚﻟﻪ! ﺋﯚﻟﻪ!" ﺩﻩﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺸﺎﺗﺘﻰ. ﻣﯚﻛﯜﺷﻤﻪﻙ، ﺋﻮﺷﯘﻕ ﺋﻮﻳﻨﺎﺵ، ﻧﯘﺭ ﭘﯩﺮﻗﯩﺮﯨﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﺗﻮﯕﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﺳﺘﻪﯓ ﯞﻩ ﻗﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻣﯘﺯ ﺗﯧﻴﯩﻠﯩﺶ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﻮﻳﯘﻧﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ.

ﺗﻪﺗﯩﻞ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺷﻪﻫﻪﺭﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﺎﻳﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﺯﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﻗﯩﺸﻠﯩﻖ ﺗﻪﺗﯩﻠﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺭﺍﻟﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺩﻯ. 60 ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺭﺍﻟﻐﺎ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺕ، ﻛﺎﻻ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯧﺸﻪﻙ ﻫﺎﺭﯞﯨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﯩﺶ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﯨﻦ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺳﺎﺋﻪﺕ 5-6 ﻟﻪﺭﺩﻩ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﺴﺎ، ﺋﺎﺭﺍﻟﻐﺎ ﻛﻪﭺ ﺳﺎﺋﻪﺕ 9-10 ﻻﺭﺩﺍ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﺍﺗﺘﻰ. ﻳﺎﺯ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ ﺗﺎﯓ ﺋﺎﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﺎﺭﯞﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﻳﺎﻏﺎﭼﺘﯩﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﺭﯨﻴﺎﺭ ﻫﺎﺭﯞﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺭﯦﺰﯦﻨﻜﻪ ﺗﺎﭘﺎﻧﻠﯩﻖ ﭘﯩﮕﯩﻠﻮ ﻫﺎﺭﯞﯨﺴﯩﻤﯘ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﯩﺲ ﺋﯩﺪﻯ. ﭘﯩﮕﯩﻠﻮ ﻫﺎﺭﯞﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﺮﺍﻛﺘﻮﺭﺩﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻧﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﻪﯓ ﺭﺍﻫﻪﺕ ﺋﯩﺶ ﺋﯩﺪﻯ. ﻗﯩﺶ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﻫﺎﯞﺍ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺳﻮﻏﺎﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻘﯩﺪﻩﻙ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﺎﻳﺎﻕ ﻛﯩﻴﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﻻﯕﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﯩﻤﭽﯩﻼﻕ ﭘﯘﺗﻰ ﺋﯜﺷﺸﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﯩﻤﭽﯩﻼﻕ ﭘﯘﺗﻰ ﺗﺎﻛﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻫﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻪﺗﯩﻴﺎﺯ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﺎﻱ ﻗﯩﭽﯩﺸﯩﭗ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻘﺎ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ. ﻳﺎﺭﯨﻴﺎﺭ ﻫﺎﺭﯞﯨﺪﺍ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺋﯧﮕﯩﺰﺭﻩﻙ ﺩﻭﯕﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﻫﺎﺭﯞﯨﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﻳﺎ ﻫﺎﺭﯞﯨﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﭘﯩﻴﺎﺩﻩ ﻣﺎﯕﺎﺗﺘﻰ. ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻫﺎﺭﯞﯨﻨﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﭗ ﺋﯘﻻﻏﻘﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺸﻪﺗﺘﻰ. ﺋﺎﺭﺍﻟﻨﯩﯔ ﻛﯚﯞﺭﯨﻜﯩﻨﻰ ﺳﯘ ﺋﯧﻘﯩﺘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ، ﺋﯘﻻﺭ ﺩﻩﺭﻳﺎﻧﯩﯔ ﺗﯧﻴﯩﺰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ، ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺳﯘﻧﻰ ﻛﯧﭽﯩﭗ ﺋﯚﺗﻪﺗﺘﻰ. ﻫﺎﺭﯞﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺳﯘ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺩﻩﺭﻳﺎﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺳﯘ ﺋﯧﻘﯩﺘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻣﯘ ﻫﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺩﯦﮕﯩﺪﻩﻙ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺩﯨﺨﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﯜﻧﻤﯘ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﺎﺭﺍﻟﻐﺎ ﺗﻪﺗﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ، ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﻘﻪﺩﻩﺭ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺸﯩﻐﺎ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﺗﺘﻰ. ﺋﯘ 6-7 ﻳﺎﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺯ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﻛﺎﻟﯩﻐﺎ ﻣﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺧﺎﻣﺎﻥ ﺗﯧﭙﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﻪﻝ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻗﻠﯩﻖ ﻏﻪﻟﺘﻪﻛﺘﻪ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﻩﻣﺒﯩﻠﺪﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﺎﻻ ﻫﺎﺭﯞﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯘﻏﺪﺍﻳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﻮﻏﯘﺕ ﺗﻮﺷﯘﺵ، ﺯﻩﻣﺒﯩﻠﺪﻩ ﺋﯧﻐﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﯩﻎ ﺋﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺶ، ﺷﺎﻟﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﻮﺕ ﺋﻮﺗﺎﺵ، ﯞﻩ ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ، ﻗﻮﻧﺎﻕ، ﺷﺎﻝ ﺋﻮﺭﯗﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺧﺎﻣﺎﻥ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯚﺳﺘﻪﯕﮕﻪ ﺳﯘﻏﺎ ﭼﯜﺷﻪﺗﺘﻰ. ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺳﯘﺩﺍ ﺟﯩﻢ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﻟﺴﺎ، ﭼﻮﯓ-ﭼﻮﯓ ﺑﯧﻠﯩﻘﻼﺭ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﭘﯘﺗﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻏﺎﺟﺎﻳﺘﺘﻰ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﭘﯘﺗﻰ ﺋﺎﺯﺭﺍﻗﻤﯘ ﺋﺎﻏﺮﯨﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﻫﺎﺯﯨﺮ ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﭽﻪ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻗﯩﺲ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻤﯘ ﺋﺎﺭﺍﻟﻨﯩﯔ ﺋﻮﺳﺘﻪﯕﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﻮﯓ ﺑﯧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ، ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﻫﯩﭻ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﯩﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ، ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯧﻠﯩﻘﻨﻰ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻚ، ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻝ ﺑﯘ 49-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﺎﺭﺍﻟﺪﺍ ﺋﺎﺷﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﻪﯕﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﻮﻟﯘﻕ ﺷﻪﺧﺴﻰ ﻛﯜﺯﻟﯜﻙ ﺋﺎﻟﻤﺎ ﯞﻩ ﺷﺎﭘﺘﯘﻟﻠﯘﻕ ﺑﯧﻐﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻦ ﺟﻪﻣﻰ 5 ﻗﯘﺭ، ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭﯨﺪﺍ 10 ﺗﯜﭘﺘﻪﻙ ﺋﺎﻟﻤﺎ ﺩﻩﺭﯨﺨﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﻫﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯘ ﺑﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎ-ﺷﺎﭘﺘﯘﻟﻼﺭ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺘﺘﻰ. ﻳﯧﻤﯩﺶ ﭘﯩﺸﻘﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻨﯩﯔ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﺧﻼﭖ، ﺑﺎﻏﻨﻰ ﺋﻮﻏﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﺘﺘﻰ. ﺋﯘﺧﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﻳﺎﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻟﻤﯩﻼﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻼ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﯧﺴﯩﺪﻩ ﻳﻮﻕ ﻳﻮﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﻮﭘﯘﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺋﺎﻟﻤﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯜﺳﯩﯟﺍﻻﺗﺘﻰ. ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎ ﭼﯜﺷﻪﺗﺘﻰ. ﻛﯜﻧﺪﯗﺯﻯ ﺋﯘ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﻟﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﯧﺮﯨﭗ، 3-4 ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﻳﻮﻝ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﮔﯘﯕﺸﯥ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺑﯩﺮ ﻣﻮﭼﻪﻧﮕﻪ 7-8 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﻟﻤﺎ ﺳﺎﺗﺎﺗﺘﻰ. ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯜﻧﺪﻩﻙ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺋﺎﺭﺍﻥ 2-3 ﻣﻮﭼﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﻤﺎ ﺳﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ. ﺑﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﻤﯩﺶ ﺗﯜﮔﻪﭖ، ﻫﺎﯞﺍ ﺗﯧﺨﻰ ﺳﻮﯞﯗﭖ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺋﯚﮔﺰﯨﺴﯩﺪﻩ ﺋﯘﺧﻼﻳﺘﺘﻰ. ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﺎﻳﻐﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﯧﺘﯩﭗ، ﻫﯧﻜﺎﻳﻪ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﺎﺗﺘﻰ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﯩﻨﯩﺪﻩ، ﺋﺎﺷﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﻣﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻫﯘﺯﯗﺭﻻﻧﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻳﻪﺭﮔﻪ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﺭﻩﺧﺖ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯧﺘﯩﭗ، ﺋﯘﺧﻼﭖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ "camping" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ. ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻤﯘ "camping" ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻘﯩﺪﻩﻙ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ "camping" ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺭﺍﻟﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ 4 ﻗﯘﺭ ﺋﺎﻟﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺷﺎﭘﺘﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺕ-ﺋﯘﻻﻍ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯜﻟﯜﻛﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻣﯘﺳﺎﺩﯨﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﯞﻩﻗﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯩﻠﻰ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ 4 ﻗﯘﺭ ﺋﺎﻟﻤﺎ ﻫﯩﭻ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﯧﯟﻩ ﺑﻪﺭﻣﯩﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭ ﺋﺎﻟﻤﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻣﯧﯟﻩ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺑﯘ ﺋﺎﻟﻼﻧﯩﯔ ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﻪﺭﯞﯨﺸﺘﯩﻜﻰ ﭘﻪﺭﻗﺘﯩﻨﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﺴﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﻨﯩﭙﻰ "ﭘﻮﻣﯧﺸﭽﯩﻚ" ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﺎﺷﯘ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻛﯜﺭﻩﺷﻜﻪ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﻯ ﻗﺎﺭﻏﯘ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﺗﺮﻩﺗﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﻪﺭﻣﻪﻱ، ﻛﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﻳﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺧﺎﻣﺎﻥ ﺗﯧﭙﯩﺸﻜﻪ ﺳﺎﻟﺪﻯ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭼﻮﯓ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﺳﯘ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﺑﻪﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺑﯘ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﭼﯩﺪﯨﻴﺎﻟﻤﺎﻱ، ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺍﻡ-ﺗﺎﺭﺍﻡ ﻳﺎﺵ ﺗﯚﻛﻪﺗﺘﻰ. ﻫﻪﻣﺪﻩ ﭼﻮﯓ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ 1949-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺳﻮﺭﺍﻳﺘﺘﻰ. ﺋﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺮﻯ ﻛﻮﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﺗﯧﺮﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﺰﯨﺶ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ. ﻳﺎﺯ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﺭﻣﺎ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﻫﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪﺕ 3 ﺗﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﯩﻼ ﺗﯧﺮﯨﭗ، ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻕ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﻪﯕﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭼﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﺩﻩ، ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﻤﯘ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﺗﯚﻟﯩﻴﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ. ﻳﯩﻞ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺩﯦﮕﯩﺪﻩﻙ ﺋﻪﺗﺮﻩﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﻗﻪﺭﺯﻯ ﺋﺎﺭﺗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ، ﺋﺎﺵ ﭘﯘﻟﯩﻨﯩﻤﯘ ﺗﯚﻟﯩﻴﻪﻟﻤﯩﮕﻪﭼﻜﻪ، ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻥ. ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺭﺯﮔﻪ ﺗﯚﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﻪﺗﺮﻩﺕ ﻛﺎﺩﯨﺮﻟﯩﺮﻯ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﭘﯘﻟﻐﺎ ﻳﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﯚﺯ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﺗﯧﺸﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﻛﯩﮕﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮﺳﯩﻨﻰ، ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﻱ-ﻛﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﯟﻩﺗﻜﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﻮﺯ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ. ﺋﻪﯓ ﯞﻩﻫﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻏﻘﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﭗ، ﺋﯚﻳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﮔﺰﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ، ﺋﯚﮔﺰﯨﮕﻪ ﺟﻪﮔﻪ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﺎﻏﺎﭼﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﭘﯘﻟﻰ ﻗﻪﺭﺯﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺋﯘ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻳﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺗﯧﺨﻰ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻘﺎ ﺑﯘ ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻫﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺋﺎﯕﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﻪﯞﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﻮﺯ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻘﯩﺪﻩﻙ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻼﺭﻏﺎ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﺋﯩﺸﯩﻨﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ. "ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﺑﺎﺭ" ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ. ﻫﻪﻣﺪﻩ "ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﻪﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎﻡ، ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯞﯦﺘﻪﺗﺘﯩﻢ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﻮﻗﯘﻳﺎﻻﻳﺘﺘﻰ"، ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﺑﯘ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻫﯩﭻ ﻛﯩﻤﮕﻪ ﺩﯨﻴﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ. ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺋﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﻪﺯﻯ ﺳﺎﯞﺍﺗﺴﯩﺰ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭ ﻣﺎﯞ ﺯﯦﺪﯗﯕﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯ-ﺋﯜﺯﯛﻧﺪﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﮔﯧﺰﯨﺘﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﭼﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﯘﻗﻤﺎﻱ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﻳﯚﮔﻪﭖ ﺳﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ، ﻛﯜﺭﻩﺷﻜﻪ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪ ﺗﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﯞﻩﻗﻪﻟﻪﺭ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﭼﻮﯓ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻛﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﺍﻟﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﻭﺯﻯ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻯ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﻗﺎﻟﭙﺎﻕ ﻛﯩﻴﺪﯛﺭﯛﭖ، ﻣﻪﻫﻪﻟﻠﻪ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺳﺎﺯﺍﻳﻰ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺩﻯ. ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﻗﺎﻟﭙﺎﻕ، ﺑﻮﻳﻨﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺧﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺗﺎﺧﺘﺎﻱ، ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻣﯧﺘﺎﻝ ﺩﺍﭖ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻣﯧﯖﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺩﺍﭘﻨﻰ "ﺩﺍﯓ! ﺩﺍﯓ! ﺩﺍﯓ!" ﺋﯘﺭﯗﭖ، "ﻳﻮﻗﺎﻟﺴﯘﻥ ﺭﻭﺯﻯ ﺗﯘﺭﺩﻯ!"، ﺩﻩﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﻳﺘﺘﻰ. ﻫﯧﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺳﻪﻝ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯜﺭﻩﺷﻜﻪ ﺗﺎﺭﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﺰﯨﯟﯦﺘﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﭼﻮﯓ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺭﻭﺯﻯ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺋﺎﻛﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﺧﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ 1949 -ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ، ﺋﺎﺭﺍﻟﺪﺍ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﯘﻟﻨﻰ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯕﻐﺎ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﻜﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﻫﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﻜﻜﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﻛﯩﺸﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎ ﻣﯚﻛﺘﯜﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ، ﻳﺎ ﻗﺎﭼﯘﺭﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻥ. ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘﻻﺭ ﺭﻭﺯﻯ ﺗﯘﺭﺩﯨﻨﻰ ﻣﯚﻛﯜﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﻜﻜﻪ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺋﺎﺭﺍﻟﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ "ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯕﻐﺎ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻘﯩﺪﻩﻙ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺭﻭﺯﻯ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺗﺎﻏﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﯘﻻﺳﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.

ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ 5 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ 7-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﻩﺗﺘﻰ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ، ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ 7-ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ 1-ﺋﺎﻳﻐﺎ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻰ 1970-ﻳﯩﻠﻰ 7-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﻪﻣﻪﺱ، 1971-ﻳﯩﻠﻰ1-ئايدا پۈتتى

3a

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﺴﯘ 4-ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﺳﻰ. ﺭﻩﺳﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﯘﺭ ﺳﻮﻟﺪﯨﻦ 4-ﻛﯩﺸﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ، 2-ﻗﯘﺭ ﺳﻮﻟﺪﯨﻦ 5-ﻛﯩﺸﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ 5 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺗﯘﺧﺎﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ: 1967-1969-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ. ﺑﯘ ﺭﻩﺳﯩﻤﻨﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ 2006-ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﺯﺩﺍ ﻳﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﻰ ﺧﻪﺭﻧﯩﺴﺎ ﺳﻮﻏﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﯘ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻐﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯩﻨﻨﻪﺗﺪﺍﺭ. ﺑﯘ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﺳﯜﺭﯨﺘﯩﺪﯗﺭ

3b

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﻯ 1998-ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﺯﺩﺍ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪ ﺷﯩﺘﺎﺗﻰ ﺳﺎﻥ ﻓﺮﺍﻧﻜﯩﺴﻜﻮ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﻳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﻫﻮﻳﻠﯩﺴﯩﺪﺍ ﺗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻳﻨﯩﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺭﻩﺳﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﺷﻘﯩﻨﯩﻨﯩﯔ 1-ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﯘﻗﻘﺎﻥ 3 ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ 13 ﻧﻰ ﺗﯘﻏﯘﭖ، ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﺗﻮﺷﻘﯩﻨﻰ 18 ﮔﻪ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺰ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﮭﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﯘﺷﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ "ﺗﻮﺷﻘﺎﻥ ﻛﯩﺮﯨﺰﯨﺴﻰ" ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.

 

 


باش بەتكە قايتىش