11-بۆلۈم

ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﭘﻮﺳﺖ-ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭﻟﯘﻕ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﻰ، ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ، ﺋﯘ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﯞﻩﺗﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘ 1994-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ، ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﯧﻼﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻟﯘﻕ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﺗﻰ ﺗﻮﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺋﯘ 3 ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﺷﻜﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﺘﯩﻦ «ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺰ ﺳﯧﻨﻰ ﺋﺎﻟﺴﺎﻕ، ﺳﻪﻥ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﻪﻟﻪﻳﺴﻪﻥ؟" ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺳﻮﯞﯨﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻮﭘﺘﯩﻜﺎ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﻩ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﻮﭖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﯞﺍﺷﯩﻨﮕﺘﻮﻥ ﺷﺘﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﭺ-ﺷﻪﻫﻪﺭ (ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ «Tri-City») ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﮕﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﯞﺍﺷﯩﻨﮕﺘﻮﻥ ﺷﺘﺎﺕ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ (ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ «Washington State University at Tri-Cities») ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻜﻪﻧﺪﻩ، ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﺎﻧﺪﯨﺪﺍﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 300 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﭘﯘﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﻠﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻞ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ، ﺑﯩﺮﻩﺭ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻟﯘﻕ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﭘﻮﺳﺖ-ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ.

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﺋﯘ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺗﯧﭙﯩﯟﺍﻟﻐﯩﭽﻪ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯜﻥ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﯜﭖ، ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯜﻥ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻮﺳﺖ-ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻤﯘ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﯧﻠﯧﻜﺘﯩﺮ ﺋﯧﻨﮋﯦﻨﯧﺮﻟﯩﻜﻰ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ «ﻓﻮﺭﺗﺮﺍﻥ» ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺋﯚﺗﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. 1995-ﻳﯩﻠﻰ 4-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ «ﺋﻪﺗﯩﻴﺎﺯﻟﯩﻖ ﻣﻪﯞﺳﯘﻡ» ﺩﺍ، ﺋﯘ ﺋﯚﺯ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻛﯘﺭﺳﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ «ﺋﯧﻠﯧﻜﺘﯩﺮ ﺗﻮﻙ ﻳﻮﻟﻰ» ﺑﯩﻠﻪﻥ «ﺋﯧﻠﯧﻜﺘﯩﺮ ﺗﻮﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺴﻰ» ﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ 2 ﺩﻩﺭﺳﻨﻰ «ﻟﯧﻜﺘﻮﺭ» ﻟﯘﻕ ﺳﺎﻻﻫﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺋﯚﺗﺘﻰ. ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﺎﻛﺮﺍﻣﯧﻨﺘﻮ (ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ «Sacramento») ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﮕﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪ ﺷﺘﺎﺕ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﯧﻠﯧﻜﺘﯩﺮ ﺋﯧﻨﮋﯦﻨﯧﺮﻟﯩﻜﻰ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﯩﻤﯘ «ﺋﯧﻠﯧﻜﺘﺮﻭﻧﻠﯘﻕ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﯩﺸﯩﺶ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺴﻰ» ﺩﻩﺭﺳﻨﻰ ﻟﯧﻜﺘﻮﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺗﺘﻰ. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ «part-time instructor» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ. ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﭘﻮﺳﺖ-ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﺪﻯ.

ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻣﺎﯞﺯﯗﺳﻰ ﻻﺯﯦﺮ ﻧﯘﺭﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺩﯨﺌﺎﻣﯧﺘﯩﺮﻯ 10 ﻣﯩﻜﺮﻭﻣﯧﺘﯩﺮ (1 ﻣﯧﺘﯩﺮ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻣﯩﻜﺮﻭﻣﯧﺘﯩﺮﮔﻪ ﺗﻪﯓ) ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯨﺌﯧﻠﯧﻜﺘﺮﯨﻚ ﺯﻩﺭﺭﯨﭽﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﻳﯚﺗﻜﻪﺵ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺗﯩﻨﻰ ﻻﻫﯩﻴﯩﻠﻪﭖ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ «Laser Tweezers» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ «ﻻﺯﯦﺮ ﻧﯘﺭﻟﯘﻕ ﻗﯩﺴﻘﯘﭺ» ﺩﯦﮕﻪﻧﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﯧﭽﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻣﻠﯘﻗﻰ 17 ﻣﯩﻜﺮﻭﻣﯧﺘﯩﺮﺩﯨﻦ 181 ﻣﯩﻜﺮﻭﻣﯧﺘﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ 10 ﻣﯩﻜﺮﻭﻣﯧﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﺯﻩﺭﺭﯨﭽﻪ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﻳﯚﺗﻜﻪﺵ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﻩ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺯﻩﺭﺭﯨﭽﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻻﺯﯦﺮ ﻧﯘﺭﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﺭ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﻧﻪ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺩﯨﺌﯧﻠﯧﻜﺘﺮﯨﻚ ﺷﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪﻩ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭﻧﻰ ﻓﻮﺭﻣﯘﻻﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻫﯧﺴﺎﺑﻼﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ «ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﺎ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﺴﻰ» (ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ «Journal of Applied Physics») ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ 1997-ﻳﯩﻠﻰ 9-ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﺳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﺑﯘ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺗﻨﻰ ﻻﻫﯩﻴﯩﻠﻪﭖ، ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺳﯩﻨﺎﻕ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯘ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯩﻨﺎﻕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍ ﺋﻮﭘﺘﯩﻜﺎ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ (SPIE) ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ 1997-ﻳﯩﻠﻰ ﻓﯧﯟﺭﺍﻟﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ (ﺋﺎﺷﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﺍ 4-ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﻠﯩﻚ ﻧﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺯﻩﺭﺭﯨﭽﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺭﻩﺳﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺑﺎﺭ).

1995-ﻳﯩﻠﻰ 8-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ 120 ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ «Livermore» ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺷﻪﻫﻪﺭﮔﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ «ﺳﺎﻧﺪﯨﺌﺎ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﺴﻰ» ﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﭘﻮﺳﺖ-ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺗﺎﭘﺘﻰ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪﺳﻰ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯩﺮﯨﺘﻘﺎ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻼﻧﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎ، ﺋﯘ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﮔﺮﺍﮊﺩﺍﻧﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻳﻪﻧﻰ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺟﯘﯕﮕﻮﻣﯘ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﯘ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﺎ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺋﯩﺶ ﻫﻪﻗﻘﯩﻨﯩﯔ 42 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﯩﻨﻰ ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ.

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﺪﯨﺌﺎ ﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ Rich Trebino ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭﻟﯘﻗﻨﻰ ﺳﺘﺎﻧﻔﻮﺭﺩ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺋﻮﭘﺘﯩﻜﺎ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺧﯧﻠﻰ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﻰ ﺋﯧﮕﯩﺰ، ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺧﯘﺭﯗﻡ ﺷﯩﻠﻪﭘﻪ ﻛﯩﻴﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻤﻐﺎ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ «ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻣﺎﻛﺎﻥ» ﻛﯩﻨﻮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﺎﻻ ﻫﻪﻳﺪﯨﮕﯜﭼﻰ (ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ «Cow-boy») ﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﺳﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺘﺘﻰ. ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﺪﻩ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ:

http://www.spie.org/web/oer/october/oct00/spiescene.html

ﺑﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ، Rich Trebino ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ 4 ﻛﯩﺸﻰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻫﺎﯞﺍ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺯﻭﻥ ﻗﻪﯞﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻻﺯﯦﺮ ﻧﯘﺭﻯ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﻻﻳﯩﻬﯩﻠﻪﭖ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﭼﯩﻘﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﭘﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﻻﻳﯩﻬﯩﺴﯩﮕﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻬﺎﻟﻨﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﺍ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ CVI ﻻﺯﯦﺮ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﻤﯘ ﺳﺎﻧﺪﯨﺌﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺷﻪﻫﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻴﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﻟﯧﻜﺲ (ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ «Alex») ﺋﺎﺷﯘ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﭘﺘﯩﻜﺎ ﯞﻩ ﻣﯧﺨﺎﻧﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺯﺍﭘﭽﺎﺳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻳﯧﯖﻰ ﻻﻳﯩﻬﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺎﺩﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺑﯘ 5 ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﻯ. Rich Trebino ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻧﻪﮔﻪ ﺑﺎﺭﺳﺎ «ﻣﻪﻥ ﺋﯚﻣﺮﯛﻣﺪﻩ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﺪﻩﻙ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ» ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﺑﯘ 5 ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﮊﻭﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺟﻪﻣﻰ 10 ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﭘﺎﺗﯧﻨﺖ ﺋﺎﻟﺪﻯ. Rich Trebino ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 1996-ﻳﯩﻠﻰ 9-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﻗﯘﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﻐﺎ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ (ﺑﯘ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺑﯚﻟﯜﻣﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﻤﯩﺰ). 1998-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﮔﯧﺌﻮﺭﮔﯩﺌﻪ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻰ (ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ «Georgia Institute of Technology») ﻧﯩﯔ ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯩﺘﯩﻐﺎ ﻣﯘﺩﯨﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯚﺗﻜﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 2003-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﮔﯧﺌﻮﺭﮔﯩﺌﻪ ﺷﺘﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﻼﻧﺘﺎ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻘﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﺪﺍ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﯚﺯﻯ ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯘ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻫﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ. Rich Trebino ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺕ ﺋﺎﺩﺭﯦﺴﻰ:http://www.swampoptics.com

ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺵ ﺗﻪﻫﺮﯨﺮ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﭖ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﻪ، ﺋﯘﻧﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﺎﻫﻪﺩﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭﺩﯨﻦ 3 ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻣﺎﯕﺪﯗﺭﯗﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ «Reviewer» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ «ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﻐﯘﭼﻰ» ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﻣﯘﻫﻪﺭﺭﯨﺮ ﺩﯨﮕﻪﻧﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘ 3 ﻛﯩﺸﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﺴﺎ، ﺋﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﻳﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﮊﻭﺭﻧﺎﻟﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﻤﯩﺴﺎ، ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻛﯩﭽﯩﻜﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻏﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﭘﻮﺳﺖ-ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﯩﻞ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﻩﻙ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﭘﺘﯩﻜﺎ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻧﻮﭘﯘﺯﻟﯘﻕ ﮊﻭﺭﻧﺎﻟﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ «Applied Optics»، «Journal of the Optical Society of America»، ﯞﻩ «Optics Letters» ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ «ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﻐﯘﭼﻰ» ﻳﻪﻧﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﻣﯘﻫﻪﺭﺭﯨﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ.
Dr. Erkin Sidick's Short Biography

Erkin12a

ئەركىن سىدىق كالىفورنىيەنىڭ لىۋەرمورە شەھرىگە جايلاشقان ساندىئا دولەت
تەجرىبىخانىسىدا پوست-دوكتورلۇق قىلغان ۋاقىتتىكى ئۇستازى دوكتور رىچ ترەبىنو .
.

 

 Erkin12b

ئوڭدىن سانىغاندىكى 4-كىشى ئەركىن سىدىققا ياپونىيىدە كۆپ ياخشىلىق قىلغان، ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ
پروفەسسورى ماگوتو تسۇتسۇمى ئەپەندى بولىدۇ. ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئەركىن سىدىقنىڭ مەكتىۋىنىڭ
ئارىلىقى خېلى يىراق بولۇپ، ئەركىن سىدىق ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا، ماگوتو ئەپەندى يول كىراسىنى ئۆز
يېنىدىن چىقىرىپ، ئەركىن سىدىقنى بىر يىلدەك ئۆز گۇرۇپپىسىنىڭ تەتقىقات يىغىنىغا قاتناشتۇرغان.
كېيىن ئەركىن سىدىقنى ئۆز مەكتىپىگە ئىمتىھانسىز ئاسپرانتلىققا قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، بۇ ئىش ئاخىرىدا
ئەمەلگە ئاشماي قالغان. 1996-يىلى 6-ئايدا بۇ كىشى سان فرانسىسكودىكى بىر خەلقئارالىق يىغىنغا
كەلگەندە، ئەركىن سىدىق ئۇ كىشى بىلەن يەنە بىر ياپونلۇق پروفېسسورنى ئۆزىنىڭ داۋىس شەھرىدىكى مەكتىپىگە
ئەكىلىپ، ياتىقىدا ئۇيغۇرچە تاماق بىلەن مېھمان قىلغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ تەجرىبىخانىسىنى ئېكىسكۇرسىيە
قىلدۇردى. رەسىمدىكىسى مانا شۇ چاغدىكى بىر كۆرۈنۈش.

 

 Erkin12c

ئەركىن سىدىقنىڭ سان فرانسىسكو شەھىرىدىكى ئۆيىنىڭ ئالدى. ئەركىن سىدىق ئائىلىسى بۇ ئۆيدە 1997-يىلى 5-ئايدىن
2004-يىلى 7-ئايغىچە تۇرغان بولۇپ، مۇشۇ مەزگىلدە بۇ ئۆي سان فرانسىسكودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ
ئۆيىلىك رولىنى ئۆتىگەن. ۋەتەندىكى ۋە ئامېرىكىنىڭ باشقا يەرلىدىكى ئۇيغۇرلار سان فرانسىسكوغا تاماشىغا
كەلگەندە، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ ئۆيگە چۈشكەن. 3-4 يىلغىچە يېڭى يىل ۋە باشقا بايراملىق
ئولتۇرۇشلارمۇ مۇشۇ ئۆيدە بولغان (كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۆپىيىپ، بۇ ئۆيگە پاتمايدىغان
بولۇپ قالغان). رەسىمدىكىلەر ئوڭدىن سولغا: غەيرەت سابىت، ئادىل ئاتاۋۇللا، دىلنارە، ئەركىن سىدىق،
ئامانگۈل، دىلشات، ئەرافات، ماھىرە، ئەلانۇر ئاپپاي، ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىم، دىلنۇر، راھىلە، نۇرى ئابلىكىم،
ۋە پولات ئۆمەر. بۇ رەسىم 2000-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى تارتىلغان.

 

 Erkin12d

ئەركىن سىدىقنىڭ ئاپىسى پاتەمخان ئامېرىكىغا 1999-يىلى 2-قېتىم كەلگەندە ئۆينىڭ ئالدىدا چۈشكەن رەسىم.
رەسىمدىكىسى ئەركىن سىدىقنىڭ تويوتا 4 رۇننېر ماركىلىق ماشىنىسى بولۇپ، ھازىرمۇ شۇ ماشىنىنى ھەيدەيدۇ.

 

 Erkin12e

سان فرانسىسكو شەھىرىنىڭ يىراقتىن تارتىلغان بىر كۆرۈنىشى. بۇ رەسىم 2003-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى
ئامانگۈلنىڭ ھەدىسى گۇلباھار خانىم (ئوتتۇرىدىكى كىشى) ئامېرىكىغا تۇققان يوقلاش ئۈچۈن كەلگەندە تارتىلغان.

 

 


باش بەتكە قايتىش