10-بۆلۇم
ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪﺩﯨﻜﻰ
ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﺋﻮﻗﯘﺷﻰ
ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ
ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﺋﯩﺴﻤﻰ «University of California, Davis (UCD)»
ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﭙﻼ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﻨﯩﯔ
ﻣﯘﺩﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ
ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﯩﻨﻰ ﺳﻪﻝ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺩﻩﻝ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ
ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻦ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﯞﯨﺰﺍ ﺋﺎﻻﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﯧﻠﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺋﺎﺷﯘ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻐﺎ
ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ 25 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﻠﯩﻚ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻘﺎ
ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ UCD ﺩﯨﻜﻰ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ 50 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﻜﻪ،
ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺷﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﯔ ﺩﻭﻟﻼﺭﻏﺎ ﺋﯚﺳﯜﭖ، ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ
ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﻳﺎﺗﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻫﻪﺭ ﺋﺎﻳﺪﺍ 500 ﺩﻭﻟﻼﺭ
ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﭘﯘﻝ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﭘﯘﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ
ﺗﯚﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﮕﯩﻤﯘ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺘﺘﻰ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻣﺎﻧﮕﯜﻝ
ﺩﻩﺭﻫﺎﻝ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﺶ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ.
ﺑﯘ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ
ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﯘﻧﯟﺍﻥ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ 5 ﺋﯚﺗﻜﻪﻟﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯩﺸﻰ
ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯩﺪﻯ: 1)ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﻐﺎ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ. 2) 30 ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻧﻮﻣﯘﺭﯨﻐﺎ
ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﺘﻼﺭ ﺩﻩﺭﺳﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﺵ. ﺑﯘ 3 ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻧﻮﻣﯘﺭﯨﻐﺎ
ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﺳﺘﯩﻦ 10 ﺩﻩﺭﺳﻜﻪ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﺧﯘﺩﺩﻯ
ﺑﺎﻛﻼﯞﯦﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻣﻪﯞﺳﯘﻡ ﯞﻩ ﻣﻪﯞﺳﯘﻣﻠﯘﻕ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻧﻼﺭ
ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻕ ﯞﻩ ﭘﺮﻭﺟﻪﻛﺘﻠﻪﺭﻣﯘ ﺑﯧﺮﯨﻠﻪﺗﺘﻰ. 3) ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ
ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺋﺎﺯ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ «Preliminiary Exams» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ «ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻧﻼﺭ» ﺩﯨﮕﻪﻧﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ
ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﺵ. ﺑﯘ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻧﻨﻰ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪﯨﻜﻰ 5
ﺳﺎﻫﻪﺩﯨﻦ 3 ﻧﻰ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘ 3 ﺩﻩﺭﺳﺘﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻥ
ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، 3 ﺳﺎﻫﻪﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻗﻘﺎ
ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻧﺪﺍ ﺷﺎﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.
4) ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ «Qualifying Exam» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ «ﻻﻳﺎﻗﻪﺕ ﺳﯩﻨﺎﺵ
ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻧﻰ». ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭗ، ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ
ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻧﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﭗ،
ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ
ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺪﯗ. ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ 3 ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ
ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻫﺎﻻﺵ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻻﻳﺎﻗﻪﺕ ﺳﯩﻨﺎﺵ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻧﯩﺪﺍ
ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ 3 ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻏﺎ ﺋﯚﺯﻯ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﯩﻤﻪ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ
ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ
ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﺩﻭﻛﻼﺗﻘﺎ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﺘﯩﻜﻰ
ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻻﺭ ﯞﻩ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﺘﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ
ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ 3 ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ﺑﯘ ﺩﻭﻛﻼﺗﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﯘ
ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺪﯨﻦ ﺳﻮﺋﺎﻝ ﺳﻮﺭﺍﭖ، ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﺎﻫﺎﻻﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭ
ﺑﯘ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﺴﺎ، ﺑﯘ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻰ
ﻛﺎﻧﺪﯨﺪﺍﺗﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺖ ﺑﯘ
ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ
ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﻻﻳﺎﻗﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺋﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ
ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺪﯗ. 5) ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﺩﯦﺴﺴﯩﺮﺗﺎﺗﺴﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ، ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﻫﺎﻻﺵ
ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻐﺎ ﺩﯦﺴﺴﯩﺮﺗﺎﺗﺴﯩﻴﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﺩﻭﻛﻼﺕ
ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﯩﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻻﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﺖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ
ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺩﯦﺴﺴﯩﺮﺗﺎﺗﺴﯩﻴﻪﺳﻰ ﺑﺎﻫﺎﻻﺷﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﺴﻪ، ﺋﯘ
ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﯩﻨﻰ ﺋﺎﻻﻻﻳﺪﯗ. ﺋﯚﺗﻪﻟﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻘﯩﻐﺎ
ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ
ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﺘﺎ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺕ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ
ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﯧﻨﮋﯦﻨﯧﺮﻟﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﻮﺗﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﯓ
ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ 20 ﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﺑﯩﺮ
ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻤﯘ
ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪﻩﻛﻼ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﺩﻯ. ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺋﯧﻠﯧﻜﺘﯩﺮ ﺋﯧﻨﮋﯦﻨﯧﺮﻟﯩﻘﻰ
ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﯩﺰﯨﻘﺎﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻰ 3
ﻣﻪﯞﺳﯜﻣﮕﻪ ﺑﯚﻟﯜﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮ ﻣﻪﯞﺳﯘﻡ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﭘﻪﻗﻪﺕ 10 ﻫﻪﭘﺘﯩﻼ ﺩﻩﺭﺱ
ﺋﯚﺗﯜﻟﻪﺗﺘﻰ. 10 ﻛﯜﻥ ﻣﻪﯞﺳﯘﻣﻠﯘﻕ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﻣﻪﯞﺳﯘﻡ ﺟﻪﻣﻰ 12
ﻫﻪﭘﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯘﯕﺎ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﯧﺰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻫﻪﻣﻤﻪ
ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﺩﻩ ﻫﻪﺭ ﻫﻪﭘﺘﯩﺪﻩ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻕ ﺑﯧﺮﯨﻠﻪﺗﺘﻰ. ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﻰ
ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻫﻪﻕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻕ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﺖ
ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﯞﻩ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﺖ
ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺷﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ،
ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻕ ﯞﻩ ﭘﺮﻭﺟﻪﻛﺘﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻛﯚﭖ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ
ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﺘﻪﻙ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ، ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯜﻥ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ
ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ 5 ﻣﻪﯞﺳﯘﻡ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ.
ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ 3 ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ
ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩ ﺋﻪﻣﻪﺱ. UCD ﻧﯩﯔ ﺋﯧﻨﮋﯦﻨﯧﺮﻟﯩﻖ
ﻛﻪﺳﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ
ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻣﯘﺩﺩﯨﺘﻰ 7 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻘﺎ ﺑﻪﺯﻯ ﺑﯩﺮ
ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻛﯘﺭﺳﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﯘ
ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﻧﯩﯔ 120 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ
ﺋﺎﺭﺍﻥ 20 ﺩﻩﻙ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻐﺎ "A" ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﺎﺷﯘ
"A" ﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﺵ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺟﯩﻖ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺗﻠﻪﺷﺘﻰ. ﺋﯘ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ 2 ﻳﯩﻞ
ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﺎﻣﺎﻧﮕﯜﻝ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ
ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺋﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﻫﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭺ ﺳﺎﺋﻪﺕ 12 ﮔﯩﭽﻪ
ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ﯞﻩ ﺑﺎﻳﺮﺍﻡ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺩﻩﻡ ﺋﺎﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ
ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ 2 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﻧﻰ
ﺋﻪﻻ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭗ، ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻧﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﯞﺳﯘﻡ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﺎﻫﺎﺳﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ
ﻣﻪﯞﺳﯘﻣﻠﯘﻕ ﺑﺎﻫﺎﻟﯩﺸﯩﺪﺍ ﺋﯘ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﺘﯩﻜﻰ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﻧﻮﻣﯘﺭﯨﺪﯨﻦ
ﺟﯩﻖ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻧﻮﻣﯘﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺖ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ 50 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﻠﯩﻚ
ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯜﺯﯛﻟﺪﯛﺭﻣﻪﻱ ﺑﻪﺭﺩﻯ. 2-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ،
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﮕﻪ
ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ، ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﺘﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ
ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﯟﻩﺗﺘﻰ. ﻣﯘﺷﯘ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ، ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻪﺯﻯ
ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﯞﺳﯘﻣﻠﯘﻕ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﭘﯘﻟﯩﻐﯩﻤﯘ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ
ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺭﺯﻣﯘ ﻗﯩﻠﯩﭗ
ﺑﺎﻗﺘﻰ. 3-ﻳﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻤﯘ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﻗﯘﺵ
ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﭘﯘﻟﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﻣﺎﯕﺪﻯ.
1991-ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﺯﻟﯩﻖ ﺗﻪﺗﯩﻠﺪﻩ
ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻣﺎﻧﮕﯜﻝ ﻳﯘﺭﺗﻘﺎ ﺗﯘﻏﻘﺎﻥ ﻳﻮﻗﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻦ
ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﮕﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪﺩﻩ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ، ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ 10 ﻛﯜﻥ
ﺳﺎﻳﺎﻫﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺳﻪﭘﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﺎﺷﯩﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭ ﻗﯩﺰﻯ ﺩﯨﻠﻨﺎﺭﻩﻧﻰ
ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﯩﺰﻯ
ﺩﯨﻠﻨﺎﺭﻩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ 9-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ
1-ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺩﯨﻠﻨﺎﺭﻩ 9-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 2-ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺑﯩﺮ
ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ، 1-ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﺩﻯ ﯞﻩ ﺗﯩﻞ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ 6
ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪﻯ. 1993-ﻳﯩﻠﻰ 9-ﺋﺎﻳﺪﺍ، ﺋﺎﻣﺎﻧﮕﯜﻟﻨﯩﯔ
ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺸﻰ 4 ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﺋﻮﻏﻠﻰ
ﺩﯨﻠﺸﺎﺗﻨﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺋﻪﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ 1984-ﻳﯩﻠﻰ 8-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺗﻮﻱ
ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ 1985-ﻳﯩﻠﻰ 6-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ
1993-ﻳﯩﻠﻰ 9-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺟﻪﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﺎﺷﺎﺵ
ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﯘ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ
ﺋﯚﻣﯩﻠﯩﮕﯩﻨﯩﻨﻰ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﺎﯕﻐﯩﻨﯩﻨﻰ، ﯞﻩ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﯩﻠﻰ ﭼﯩﻘﻘﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﯩﺪﻯ. ﻫﻪﺭ
ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎ ﺑﻪﻫﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯘ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﻣﻪﯕﮕﯜ
ﻣﻪﻫﺮﯗﻡ ﻗﺎﻟﺪﻯ.
1993-ﻳﯩﻠﻰ 2-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﻯ: ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻜﯩﺴﻜﯘﺭﺳﯩﻴﻪ
ﺋﯚﻣﯩﻜﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯚﻣﻪﻛﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻫﯧﭻ ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﻛﯚﺭﯛﺷﻪﻟﻤﻪﻱ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪﺩﻩ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﭘﻪﺭﻫﺎﺕ ﻧﯩﻴﺎﺯ
ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻼ، ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪﺩﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ
ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻣﻪﯞﻻﻥ ﻳﺎﺳﯩﻦ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻼ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯘﯕﺎ ﻫﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯧﯖﻰ
ﻳﯩﻠﺪﺍ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺑﺎﻳﺮﺍﻣﻼﺭﺩﺍ، ﻳﺎ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ 500 ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ
ﻳﻮﻝ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﻟﻮﺱ ﺋﺎﻧﮋﯦﻠﯩﺴﻘﺎ ﺑﺎﺭﺍﺗﺘﻰ. ﻳﺎ ﻣﻪﯞﻻﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ 500 ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﻳﻮﻝ
ﻳﯜﺭﯛﭖ ﺳﺎﻥ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﺴﻜﻮﻏﺎ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻫﯧﭻ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯚﺭﻣﻪﻱ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﻪﻟﻤﻪﻱ ﻳﺎﺷﺎﻳﺘﺘﻰ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ
ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻤﯘ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭ
ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻳﯧﯖﻰ
ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻮﻝ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ
ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺷﻰ 9-ﺋﺎﻳﺪﺍ
ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺨﻪﯞﻩﺭ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ 7-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﯨﻼ
ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻱ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪﺩﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ
ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻣﯧﯖﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻱ
ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﻳﺎﺗﺎﻕ ﭘﯘﻟﻰ ﺗﯚﻟﻪﭖ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ،
ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻫﯧﻴﺘﻨﻰ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ،
ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ. ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻘﯩﺪﻩﻙ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ
ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﯟﻩﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﺪﯗﺭﯗﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ
ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ،
80-ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﻟﻪﭖ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﭖ،
ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﺎ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﻨﺎﻣﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﺘﻰ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ
ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺟﻪﻣﻰ 17 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺗﯧﭙﯩﻠﺪﻯ (ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ
ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻫﯧﺴﺎﺑﻘﺎ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ). ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ
ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﻨﯩﯔ ﻧﯩﺰﺍﻣﻨﺎﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ
ﺋﯩﺴﻤﻰ ﯞﻩ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﻧﻮﻣﯘﺭﻯ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ.
ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ 17 ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ، 1993-ﻳﯩﻠﻰ 3-ﺋﺎﻳﺪﺍ،
ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﺋﯩﺴﻤﻰ "Tengri-tagh Overseas Students and Scholars Association
(TOSSA)" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ "ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﯕﺮﻯ-ﺗﺎﻏﻠﯩﻖ
ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻼﺭ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﻰ" ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﺩﻯ. ﺑﯘ
ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﻐﺎ 1-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺭﻩﺋﯩﺲ، ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺲ ﺑﻮﻟﯘﭖ
ﺋﯩﺸﻠﯩﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺯ-ﺋﺎﺭﺍ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﻰ
ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﻼ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﺷﺘﺎﺗﺘﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺷﺘﺎﺗﻘﺎ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﻰ
ﻳﻮﻗﻼﭖ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ. ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﺎ ﺋﯩﺶ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ، ﺋﯘﻻﺭ
ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﮊﻭﺭﻧﺎﻟﻤﯘ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ
ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﺘﻰ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯘ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﭗ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭ
ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ، ﺋﯘﻧﻰ ﺗﺎﻛﻰ 1998-ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ.
1994-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ
ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ
ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺵ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ
ﺋﯩﺴﻤﻰ «Peterson's Guide» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﻫﻪﺭ
ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﯞﻩ ﻛﺎﻧﺎﺩﺍﺩﯨﻜﻰ
ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﺪﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻻﺯﯨﻢ
ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻛﻪﺳﭗ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ. TOSSA ﭘﯘﻝ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺑﯘ
ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﺳﺨﺎ (ﺟﻪﻣﻰ 5 ﻗﯧﻠﯩﻦ ﻛﯩﺘﺎﺏ) ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻘﺎ ﺑﻪﺭﺩﻯ.
ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻻﻗﯩﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ
ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﺷﯘ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﻪﺳﭙﯩﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻛﻮﭘﯩﻲ
ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻧﻰ ﭘﻮﭼﺘﺎ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻐﺎ ﻣﺎﯕﺪﯗﺭﯗﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ
ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻐﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻝ ﻣﺎﯕﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﯜﻧﯩﻨﯩﯔ
ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﻮﭘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺩﯗﻛﯩﻨﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ
ﻛﻮﭘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺧﻪﺕ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﺪﻯ.
ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭘﻮﭼﺘﯩﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯘ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﭘﻮﭼﺘﯩﻐﺎ
ﺳﺎﻟﺪﻯ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯚﺯ ﺋﻮﻗﯘﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﭖ ﻣﺎﯕﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ
ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯧﻠﻪﻟﯩﺸﻰ
ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺧﯧﺘﯩﻨﯩﻤﯘ
ﺟﺎﯞﺍﺑﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻣﯩﺪﻯ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺑﯘ ﺳﺎﻫﻪﺩﯨﻜﻰ ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﻩ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ
ﺗﯜﺭﺩﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ. 2004-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯘ http://www.meripet.com»
ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎﭖ، ﺷﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ
ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ.
ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ
ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻮﭘﺘﯩﻜﺎ ﯞﻩ ﻻﺯﯦﺮ ﻧﯘﺭﻯ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﻮﯓ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺶ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ
ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ «Diffraction Optics» ﺩﻩﭖ
ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺳﻰ «Nonlinear Optics» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﺋﻮﻗﯘﺷﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ 1-ﺳﺎﻫﻪﺩﻩ ﺟﻪﻣﻰ 4 ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ
ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ 2 ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﻧﯘﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭ
ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﺶ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﯨﻴﯩﺶ ﻣﯧﺨﺎﻧﯩﺰﯨﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﺵ
ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻨﻰ ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ
ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻯ ﯞﻩ «ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﺎ ﺋﯩﻠﻤﻰ» (ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ «Applied
Science») ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ. ﺋﯘ
ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪﺩﻩ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﯩﻐﺎ
ﻣﺎﯕﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘ ﮊﻭﺭﻧﺎﻟﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻣﯘﻫﻪﺭﺭﯨﺮﻯ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ،
ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﺩﻩﺭﻫﺎﻝ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ A. Huxley ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ
ﻧﻮﺑﯧﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﭽﻪ
ﺑﯘ ﺋﺎﻟﯩﻢ 1850-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻫﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻢ
ﺩﺍﺭﯞﯨﻨﻨﯩﯔ ﻧﻪﯞﺭﯨﺴﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﺋﻮﻗﯘﺷﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ
ﺋﻮﭘﺘﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻘﻰ 2-ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﻩ ﺟﻪﻣﻰ 11 ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ 5 ﭘﺎﺭﭼﯩﺴﻰ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ
ﮊﻭﺭﻧﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﺘﺎ ﻗﻮﻟﻐﺎ
ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺑﻪﻙ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ
ﺩﯨﺴﯩﺮﺗﺎﺗﺴﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻘﻰ 2-ﺳﺎﻫﻪﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ
ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﻨﯩﻼ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﺩﻯ. 1995-ﻳﯩﻠﻰ 3-ﺋﺎﻳﺪﺍ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﺩﯨﺴﯩﺮﺗﺎﺗﺴﯩﻴﻪﺳﻰ
ﺑﺎﻫﺎﻻﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺋﯚﺗﯜﭖ، ﺋﯘ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ. ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯘ
ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﯧﻠﯧﻜﺘﯩﺮ ﺋﯧﻨﮋﯦﻨﯧﺮﻟﯩﻘﻰ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪﻩ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ
ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 15 ﻛﯩﺸﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ
ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻫﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮﻻ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻐﺎ
ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ «ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﺩﯨﺴﯩﺮﺗﺎﺗﺴﯩﻴﻪﺳﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ» (ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ
«Best PhD Dissertation Award») ﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ. ﺑﯘ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ
ﺋﯚﺯ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯘ
ﻧﻪﮔﻪ ﺑﺎﺭﺳﺎ ﺑﯘ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻨﻰ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺳﺎﻗﻼﭖ
ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ UCD ﺩﯨﻜﻰ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﺗﺎﻛﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ
ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ «ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻣﻪﻥ ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ
ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﻰ» ﺩﻩﭖ ﻳﯜﺭﯛﻳﺪﯗ
1994-95-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ
ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪﺩﻩ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ
ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ 1995-ﻳﯩﻠﻰ 6-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ
ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘ
1994-ﻳﯩﻠﻰ 6-ﺋﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ. ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ
ﺋﺎﻣﺎﻧﮕﯜﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻤﯘ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﺑﯘ
ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﻰ
ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ
1994-ﻳﯩﻠﻰ 6-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 12-ﻛﯘﻧﻰ
UCD ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻗﻮﺭﻭﺳﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ. ﺭﻩﺳﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮﯕﻼﺭ ﺋﺎﻣﺎﻧﮕﯜﻟﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺳﺎﻟﻰ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻣﺎﻧﮕﯜﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﺭﻩﻫﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻫﺎﯞﺍﺧﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ 1993-ﻳﯩﻠﻰ
9-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺩﯨﻠﺸﺎﺗﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﻻﺭ
ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ
ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ
1994-ﻳﯩﻠﻰ 11-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺭﻩﺳﯩﻢ ﺋﯘﻻﺭ
1995-ﻳﯩﻠﻰ 5-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﯧﯟﺍﺩﺍ ﺷﯩﺘﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ
ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ «Mammoth Lakes» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﻧﺎﻧﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ
ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺗﺎﻣﺎﺷﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﻧﺎﻧﺴﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘﺭﯗﻥ «Northridge»
ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺷﻪﻫﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 1991-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﭼﻮﯓ ﻳﻪﺭ
ﺗﻪﯞﺭﻩﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺑﯘ ﺟﺎﻱ ﻗﺎﺭ ﺗﯧﻴﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺗﺎﻛﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ
ﺑﻪﺯﻯ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﻗﯩﺶ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻧﺎﻧﺴﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭ ﺗﯧﻴﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ
ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭﻟﯘﻕ
ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ Andre Knoesen ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ.
ﺭﻩﺳﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﯕﻼﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﭼﺎﭘﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯩﻴﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻛﯩﺸﻰ
ﺋﺎﻣﺎﻧﮕﯜﻝ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﺪﯨﻜﯩﺴﻰ ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺭﻩﺳﯩﻢ 2000-ﻳﯩﻠﻰ 4-ﺋﺎﻳﺪﺍ
ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﺸﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯖﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﺳﻪﻝ ﻛﯩﭽﯩﻜﺮﻩﻙ
ﺩﯨﻠﻨﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﭘﯩﻴﺎﻧﯩﻨﻮ
ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪﻟﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺭﻩﺳﯩﻤﺪﻩ ﺩﺍﯞﯨﺲ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺷﻪﻫﻪﺭﺩﯨﻜﻰ
ﻛﻮﺭﯨﻴﻪﻟﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺸﯩﺪﺍ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺩﯗﺗﺘﺎﺭ ﭼﯧﻠﯩﭗ، ﺩﯨﻠﻨﺎﺭﻩ ﺋﯘﺳﯘﻝ
ﺋﻮﻳﻨﯩﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ
ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﺩﻯ. ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻘﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ،
ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﺎﻻﻧﺖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﺪﻩ
ﺩﯗﺗﺘﺎﺭ ﭼﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 2-ﻛﯘﻧﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ
ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯗﺗﺘﺎﺭﭼﯩﺴﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺑﯩﺮ 2 ﺗﺎﺭﯨﻠﯩﻖ ﺳﺎﺯﺩﺍ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ
ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺪﻯ» ﺩﻩﭖ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
باش بەتكە قايتىش
|