ئىتالىيەدە ئۇقۇشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى ئۈستىدە قىسقىچە ئىزاھات


   مانا ئتالىيەگە كەلگىلىمۇ ھەش-پەش دىگۈچە بىر يىل بۇلۇپمۇ قاپتۇ.بۇ جەرياندا نەچچە نۆۋەت بۇ ماقالە(ھازىرچە ماقالە دەپ تۇراي،باشقا مۇۋاپىق ئاتالغۇ تاپالمىغاندىكىن)نى يېزىپ،ئىتالىيەدە ئۇقۇش ئارزۇسىدا بۇلۇۋاتقان، بۇلۇپمۇ ھازىرقى ئانا مەكتىۋىم بولغان مىلەن تېخنىكا ئۇنىۋېىرسىتىىتى غا ئىلتىماس قىلىش ئازۇسىدا بۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشىلىرىغا ئانچە-مۇنچە ياردەم قىلارمەن دەپ ئويلاپ يۈرگەن ئىدىم.لېىكىن كەلگەندىن بۇيانقى تۇرمۇش ۋە ئوقۇش ھەلەكچىلىگى ھەم بۇ ئىشقا بولغان مەسھۇلىيەتسىزلىك  سەۋەپلىك (بۇنىڭ ئۈچۇن كوپچىلكتىن ئەپۇ سورايمەن) بۈگۈنكى كۇنگە كەلگەندە ئاران بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلىپتىمەن. ھەم يېىقىندا مەلۇم بىر مەسلە ئۈسىتدە ھورمەتلىك ئالىمىمىز ئەركىن سىدىق ئەپەندىم بىلەن ئىلخەتتە ئالاقىلاشقان ئىدىم، ئالىمىمىزمۇ بۇ مەسلىنى ئوتتۇرغا قويدى. دىمىسىمۇ چەتئەللەرگە ئوقۇشقا چىقىش ئمكانىيىتىگە ئىرىشكەن ھەر بىر ئۇيغۇر ئاتلىق ئىنساننىڭ مەيلى ئۇ دۆلەت خىراجىتى بىلەن چىقسۇن ياكى ئۆزى ئىلتىماس قىلىپ چىققان بولسۇن، ئازدۇر كۆپتۇر ۋەتەندىكى  ياشلارغا يول كۆرسىتىش، ئۇچۇر بىلەن تەمنلەش مەجبۇرىيىتى بار.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىنقى يىلى مەن كەلگەندە بۇ مەكتەپكە 3 ئۇيغۇر ماگىستىرلىققا كەلگەن ئىدۇق (2نەپەر تۇلۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن) ، گەرچە بىر شەھەردە، بىر كەسىپتە بولمىساقمۇ( بۇ مەكتەپ 5 شەھەر ، 7 مەكتەپ رايۇنىغا بۈلۈنگەن) خېلىلا خوشال بولغان ئىدۇق. لېكىن بۇ يىل قارىسام ، بۇ مەكتەپكە ماگىستىرلىققا كەلگەن ئۇيغۇردىن بىرسىمۇ كۈرۇنمىدى. بۇ ھال مىنى بىزە بىئارام قىلىپ، بۇ تۇنۇشتۇرۇش ماقالىنى يېزىشنىڭ ، تېخىمۇ كەڭ تەشۋىق قىلىشنىڭ زۇرۇريىتىنى تۇنۇتتى.  بۇنىڭ ئۈلگسىنى ئالدى بىلەن ھورمەتلىك ئالىمىمىز ئەركىن سىدىق ئەپەندىم مەرىپەت تور بېتى ئارقىلىق بىزلەرگە تىكلەپ بەردى. مەنمۇ ئالدىنقى يىلى ئتالىيەدىكى بو ئۇقۇش ئۇچۇرىغا مەرىپەت تور بېتى ئارقىلىق ئىرشىكەن ئىدىم. بىلىشىمچە يېىقىندا چىقىۋاتقان خېلى كۆپ ساندىكى ياشلارمۇ بۇ تور بەت ئۇچۇرلىرىدىن خېىلى ئوبدان پايدىلانماقتا. مەن يۇقارقى ياشلار نامىدىن ئەركىن سىدىق ئاكىمىزغا چىن دىلىمدىن تەشەككۈرىمىنى بىلدۇرىمەن. دىمىسىمۇ ئەركىن سىدىق ئاكا ناسادىكى (NASA) خىزمىتىنىڭ شۇنداق ئالدىراشلىغىغا قارىماي، بىر تەرەپتىن تور بېتىنڭ ئۇچۇرلىرىنى ۋاختى -ۋاختىدا يېڭىلاپ تۇرسا،ھەم ھەر كۈنى دىگۈدەك كىلىۋاتقان ئونلىغان ئىلخەتلەرگە ئىرىنمەي تالماي ئەستايىدىللق بىلەن جاۋاپ قايتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن،  كەڭ ۋەتەنداشلىرىمىزنى چوڭقۇر شىجائەت ۋە ئىشەنچىگە ئۈندەيدىغان ماقالىلارنى يېزىپ، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ۋە ئلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلىرىمىزغا ۋەتەنپەرۋەرلكنىڭ ، مىللەتپەرۋەلىكنىڭ  ھەقىقى بايرىغىنى تىكلەپ بەردى.

     گەرچە چەتئەلگە چىقىپ ئۇقۇشنى ئىرادىلىك ياشىرىمىزنىڭ ئالدىدىكى بىردىن بىر چىقىش يۇلى دەپ قارىمىساقمۇ، لېكىن بۇ يول بىراۋنىڭ كەلگۇسى ھاياتىنى ئوزگەرتىىشىگە ياردىمى بۇلىدىغان، تېخىمۇ ئىلغار ئدىيە ۋە بىلىمىلەردىن خەۋەردار بۇلىدىغان، ئەڭ بولمىغاندىمۇ مىللىتىمىزنىڭ ئۇمۇمى ساپاسىنى ئوستۇرۈشكە، مىللى كىملىكىمىز ۋە مىللى مەۋجۇدلىقىمىزنى دۇنياغا بىلدۇرىشىمىزگە پايدىسى تىگىدىغان ئىش. بۇ ئىش ئچكىرى ئولكىلەردە،خەنزۇ يولداشلار ئىچىدە نەچچە ئون يىللار بۇرۇن باشلانغان بۇلۇپ،ھازىر دۇنيادىكى ھەر قانداق دۆلەت ھەر قانداق ئۇنىۋېرسىتىتتا بۇلارنىڭ سايىسىنى تاپقىلى بۇلىدۇ. ھەم يېىقىنقى ئون نەچچە يىل ئچىىدە بۇ سان كىشى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئاشماقتا.( ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھەر يىلى چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىدىغان جوڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 100مىڭغا يىتىدىكەن ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت خراجىتى بىلەن چىقىۋاتقانلارنىڭ سانى تەخمىنەن 10 نەچچە مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن ) بىز ئۇيغۇرلارمۇ جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر ئەزاسى بۇلۇش سۇپىتىمىز بىلەن بۇ شارائىتتىن پايدىلىنىش ھوقۇقىمىز بار. 10 يىلنىڭ ئالدىدا بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان ۋاختىمدا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتىتى ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتىتى قاتارلىق داڭلىق مەكتەپلەردە  4 -يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ھارپىسىدا بىر سىنپتىن يېرىمى دىگۇدەك چەتكە چىقىش پورسىتىگە ئىرىشىپ بۇلىدىغانلىغىنى،قالغان ئۇچتىن بىرىنڭ مەكتەپتە قېىلىپ داۋاملىق ئۇقۇيدىغانلىغىنى، ئالدىنقى 5 نىڭ ئىچىدە ئوقۇغانلارنىڭ ئاساسەن چەتكە چىقىشنى تاللايدىغانلىغىنى ئاڭلىغان ئىدىم. بىلىشىمچە بۇ ھازىرمۇ شۇنداق داۋاملىشىپ كەلمەكتە ، بۇلۇپمۇ فىزىكا، بىئولوگىيە ساھەسىدە ئوقۇۋاتقانلار ئاساسەن شۇنداق. بۇنى بىر جەھەتتىن ، شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسى تىرشچانلىغى، تاللىغان نىشان ئۈچۈن ئازماي كۈرەش قىلغانلىغىنىڭ نەتىنجىسى دەپ قارىساق ، يەنە بىر تەرەپتىن ، نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى چىققانلارنىڭ كىينكىلەر ئۈچۈن سالغان ئاساسى (مەكتەپ ئۇچۇرى،چىققان شۇ دۆلەت ۋە مەكتەپكە قالدۇرغان تەسىرى، يول كۆرسىتىشى) ، ئۆز ئارا رىقابەت ئېڭى ،ئاتا-ئانا ۋە قېىرىنداشلىرىنڭ ياردىمى قاتارلىقلاردىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

      ئنتىرنېت تورنىڭ كەڭ كۈلەمدە ئۇمۇملىشىشى، بىزنىڭ ئۇچۇر ئگەللىشىمىزنى تارىختا مىسلى كۈرۈلمىگەن دەرىجىدە كەڭەيتتى. شۇنداق كىسىپ ئېيتىشقا بۇلۇدىكى، ھە قانداق بىر كىشى پەقەت ئۈگۈنىشنى خالىسىلا، ئنتىرنېت تورى ئارقىلىقلا دۇنيادىكى ئەڭ ئالى ئۇنىۋېرىسىتىتا ئۈتىلىدىغان دەرسلىكلەرنى چۈشۈرۇپ،ئۆزلىگىدىن ئۈگۈنۈپ ماگىستىر ياكى دوكتۇر بۇلالايدۇ. دۇنيادىكى ھەر قانداق ئۇنىۋېرسىتىتنىڭ ئۇچۇرىنى ھەم ئلتىماس قىلىش ماتىرياللىرىنى ئويدىن چىقماي تۇرۇپلا تور ئارقىلىق ئگەللىگىلى بۇلۇدۇ. بۇنى ئەينى ۋاقىتتىا، ئەركىن سىدىق ئاكىىمىز باشلىق بىر ئەۋلات ئامېركىغا ياكى ياپۇنيىگە چققىپ ئوقۇغان قىرىنداشلرىىمىزغا سېلىشتۇرغاندا ئاسمان زىمىن پەرىق بار دىيىشكە بۇلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار چەتىئەلگە چىقىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا نەدە بۇنداق قۇلايلىقلار دەيسىز، مەكتەپلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاتايىتەن پوچتا ئارقىلىق سوراپ ئالىدىغان گەپ، ھەممە ئالاقە ئۇچۇرلار شۇ پوچتا بىلەن بۇلىدىغان ئش. ئۇنڭ ئۈستىگە چەتكە پوچتا ھەققى ئۇنداق ئەرزانمۇ ئەمەس. ھەم ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا كىتاپ ماترىيال ئۈچۇن بىر مۇنچە پول خەجلەيدىغان گەپ، بىرەر ئۇقۇم ياكى فورمىلانى تېپىش ئۈچۈن ئاتايىتەن كۈتۈپخانىگە چاپىدىغان گەپ. ھازىرچۇ؟ بۇ ئشلارنىڭ بىرىگىمۇ باش قاتۇرۇش كەتمەيدۇ. ھەممە نەرسە شۇ ئنترنېت ئاتلىق جاھان ئەينىگى بىلەنلا پۈتۈدۇ. خۇددى بىراۋ ئېيتقاندەك، ناۋادا ئۇيغۇر سىتيۇدېنتلىرىمىز ھازىرقى مۇشۇنداق ئەۋزەل شارائىتتىمۇ يەنە چىقىش يۇلى يوق دەپ، كەلگۇسىدە نىمە قىلىشنى بىلەلمەي  تىڭىرقاپ، قاقشاپ يۈرسە بۇنى ھەرگىزمۇ باشىقىلاردىن ياكى جەمىيەتتىن كۆرمەي ئالدى بىلەن ئۈزىندن سوراپ كۈرۈش لازىمدۇر. چۈنكى، مانا ئۇچۇر دىسە تەييار، مەيلى ئامېرىكىدىكى، ياۋروپادىكى ، ياپۇنيەدىكى ھەر قانداق ئۇيغۇرغا خەت يېزىپ مەكتەپ توغۇرلۇق، ئىلتىماس قىلىش توغۇرلۇق مەسلىھەت سورىسىڭىز بۇلىدۇ، ياكى ئنتىرنېت تورى ئارقىلىق ئۇزىڭىز ئىزدەنسىڭىزمۇ بۇلىدۇ. ناۋادا خەنزۇ تىلى ئاساسىڭىز ياخشى بولسا بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى تېخىمۇ كوپ تاپالايسىز. پەقەت سىزدە كەم نەرسە تىرشچانلىق ۋە غەيرەتلا قالدى. مەن بۇ يەرگە كىلىپ  ئون نەچچە پەن دەرىس تۈگەتتىم ، ھازىرغىچە بىرمۇ كىتاپ سېتىۋېىلىپ باقماپتىمەن. كۆپىنچە دەرىسلەرنى پىروفىسسورلار powerpoin) دا سۆزلەيدۇ، ئاندىن ماتىرياللارنى شۇ دەرىسنىڭ مەخسۇس تور بېتىگە چىقىرىپ قۇيۇدۇ. ئاندىن بىز ئۇلارنى توردىن چۇشۇرۇپ، گاھىلىرىنى پىرنىت قىلىپ گاھىلىرىنى كومپيوتوردا كۈرۇپ ئۈگۈنىمىز. كۆپىنچە دەرىسكە ئائىت قوللانمىلارنى بولسا توردىن ئىزدەپ شۇنىڭدىن كۈرۈمىز.(ئەمىليەتتە كىتاپ يوقمۇ ئەمەس، قىممەت،ھەم دەرىس مەزمۇنى بىر كىتاپ بىلانلا چەكلەنمەيدۇ، ئوتتۇرھال قىېلىنلىقتىكى بىر دەرىسلىك كىتاپ ئادەتتە 40-50 ياۋرو ئەتراپىدا، ھىساپتا 400-500 كوي دىگەن گەپ، يەرلىك ئوقوغۇچىلارمۇ ئادەتتە ئالدىراپ دەرىسلىك كىتاپ سېتىۋالمايدىكەن، ياكى پرىنىت قىلدىكەن ياكى كۈتۇپخاندىن ئارىيەتكە ئالدىكەن).چۇشەنمىگەن مەسلىلەر بولسا ئاتايىتەن جاپا تارتىپ پىرافىسسورنىڭ ئشخانىسىگە ېىرىپ يۈرمەيمىز. توردنىلا يوللىۋەتسەك بولدى، پىرافىسسورلىمۇ بۇنىڭغا كۈنۈك، ئۇلارمۇ توردىلا تەپسلى جاۋاپ بىرىپ ئەۋەتىپ بىرىدۇ. مەكتەپنىڭ ھەر قانداق ئۇختۇرۇشى ،پائالىيەتلەر ،دەرىسلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەممىسى تور ئاقىلىق مەلۇم قىلىنىدۇ. دىمەك ، ئنتىنېت تورى تۇرمىشىمىزنىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغىچە سىڭىپ كەتتى. يوقارقىلارنى ھىساپقا ئالغاندا، ھازىر چەتئەلدە ئوقۇش بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا جىق ئاسان بۇلۇپ كەتتى. گاھىدا،ئەركىن سىدىقكاملار ئوقىغان مەزگىللەردە تازا جاپالىق ئىكەندۇق دەپ ئويلاپ قالىمەن.

      يەنە بىر ئىشنى مىسالغا ئېلىشىنى لايىق تاپتىم.  قىرىنداشلار ئارا خالىس ياردەم ، كىينكىلەرنى ئويلاش، ئۇيۇشۇش روھىنى ھىساپقا ئالغاندا، مەن مۇشۇ خەنزۇ يولداشلاردىن ئۈگەنسەك ياخشى بۇلۇدىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم. نىمىشقا دىگەندە، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا قەغەزچە TOEFL غا تەييارلىق قىلاي دەپ يۇرگەن ۋاختىمدا ئنتىرنېت تورى ئارقىلىق خەنزوچە تور بەتلەردىن  خېلى كۆپ ماتىرياللارنى تاپقان ئىدىم. قەغەزچە بۇ ئىمتىھان خېلى بۇرۇرنلا بار بولغاچقا، بۇنڭغا ئائىت ئۇچۇرلار ، ماتىرياللار توردا ساماندەك ئدى. ھەم كۆپىنچىسى ھەقسز ئىكەن . سازلىرىنى چۇشۇرۇپ خېلى ئوبدان پايدىلانغان ئىدىم.كونا نۇمۇرنىڭ ۋاختى ئۇتۇپ كەتكەن ھەم تازا رازى بولغىدەك بولمىغاچقا، لازىمى بۇلۇپ قالا دەپ يېقىندا TOEFL ibt  نى بىرىپ بېقىشنى ئويلاپ، توردىن ماتريال ئزدەشكە كىرشىتىم . مىنى ھەيران قالدۇرغان يىرى شۇكى، بۇ ئىمتىھاننى جوڭگو تەۋەسىدە يولغا قويغىلى ئەمدىلا ئىككى يىل بولدى. لېكىن بۇنڭغا ئائىت خەنزوچە تور بەتلىرىدىكى ماتىرياللارنىڭ جىقلىغى مىنى ھەيران قالدۇردى.بىر قىسىم تور بەتلىرىدە  بۇ ئككى يىلدىن بۇيانقى جوڭگودا ئېلىنغان 20 نەچچە يۈرۈش ئمتىھاننڭ سۇئال-جاۋاپلىرى تەپسىلى بۇلۇپلا قالماستىن، ھەتتا ئامېرىكىدا، ياۋروپادا، باشقا دولەتلەردە ئېىلىنغان ئمتىھانلارنىڭمۇ ماترياللىرى ناھايتى جىق ئىكەن. مىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغان يىرى ،بىر قىسم جۇڭگولۇق ئوقوغۇچىلار، چەتئەل كىتاپخانىلىرىدىكى ibt غا ئائېىت 500-600 بەتلىك كىتاپلارنى بىر ۋاراق بىر ۋاراقتىن رەسىمگە تارتىپ، ياكى نۇسخلاپ تورغا چىقىرىپ قۇيۇپتۇ. بىر قىسىملىرى ئاۋازنى ئۈنئالغۇغا ئېلىپ ئاندىن ئوڭشاپ يۇللاپ قۇيۇپتۇ، ھەتتا ، مەخسۇس بىر تور بەت بۇلۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى بۇلۇڭ پوچقاقلىىرىدا ئېلىنىدىغان ibt ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغانلار ئختىيارى تىزىملىتىدىكەن، ئاندىن ئمتىھاندىن چىققاندىن كىيىن شۇ رايۇندىكى ، شۇ قېتىمىلىق ئىمتىھاننىڭ مەزمۇنى، تەسىراتىنى بايان قىلىدىكەن.ھەتتا چەتئەلدىكى ھەر بىر مەكتەپ ، ھەر بىر كەسىپكە قانداق ئىلتىماس قىلىش،قانداق قىلىپ پىروفىسسورلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش دىگەندەك ئۇچۇرلارنىمۇ ئىرىنمەي يوللايدىكەن.  ئاندىن باشقۇرغۇچى بۇنى يىغىنچاقلاپ، توپلام قىلىپ مەخسۇس تور بىكتىدە ئىلان قىلىدىكەن. شۇ بىر قېتىملىق ئېمتىھان ھەققىدە نۇرغۇن ئۇچۇرلار توپلىنىدىكەن ، بۇ كىينكىلەرگە ساۋاق ھەم ماتىريال بۇلۇپ قالىدىكەن . بۇلارنى كۈرۇپ بۇ قېرىنداشلارنىڭ نىمىشقا بۇ خىلدىكى ئىمتھانلاندا يۇقىرى نۇمۇر ئالالايدىغانلىغىنى، نىمىشقا شۇنچە كۆپلىرىنڭ چەتئەلگە چىقىشقا ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىغىنى كۈرۈپ يەتتىم. ئويلاپ باقايلى ، ناۋادا بىرسى بىزدىن  500-600 بەت كىلىدىغان بىر كىتاپنى  رەسىمگە تارتىپ چىق ياكى نۇسخىلاپ چىق دىسە چۇقۇم ، ئالدى بىلەن نەچچە پۇل بىرىسەن دەپ سورايمىز. ياكى ئششىڭنى قىل دەپ پىشىمىزنى قېىقىپ چىقىپ كىتىمىز، بۇ خەنزۇ ستىيۇدېنتلىرىمىز بۇ ئىشلارنى ھىچ قانداق ھەق تەلەپ قىلماي، خالىس، كىينكى ئىنى - سىڭىللىىرى ئۈچۇن شۇ ئشلارنى قىلىۋېتىپتۇ.ھەم بۇ خىلدىكى ماتىرياللارنىڭ ھەجىمى  5G-6G غا بارىدىكەن.( يۇقارقىدەك كتاپتىن نەچچە ئون پارچە، تەسىرات ، دېسكا دىگەندەك ماتىرياللار ) مەن بۇ يەردە بىزمۇ شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك دىمەكچى ئەمەسمەن، بىزنىڭ ئادەم كۈچ ۋە ماددى كۈچىمىزمۇ بۇنىڭغا يار بەرمەيدۇ، ھەم خەنزۇ يولداشلارنىڭ ماتىرياللىرىنى بىزمۇ چۈشۈرۇپ پايدىلىنالايمىز. مىنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇم، باشتىلا تەكتىلەپ ئۆتكەندەك، ھەر بىر چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش، ياشاش ئمكانىيىتىگە ئىرشكەن قېرىندىشىمىزنىڭ بوينىدا بېقىپ ئوستۇرگەن ئانا يۇرتنىڭ ، ھەر بىر تەشنا كۆڭۈللەرنىڭ قەرزى بار. مەيلى پەندى -نەسىھەت،تەجىربە -ساۋاق ياكى كورگەن ئاڭلىغانلار بولسۇن ، مەيلى ئۇچۇر -تور ئادرىسى بولسۇن، مەيلى شۇ تۇرۇۋاتقان جايىمىزنىڭ جۇغراپيىلك ئورنى ، ھاۋا-كىلىماتى، ئورۇپ -ئادىتى بولسۇن، ساياھەت قوللانمىسى بولسۇن قۇلىمىزدىن كىلىشىچە پارچە قەغەزگە رەسىم سىزغاندەك سىزىپ تورغا چىقىرىپ قۇيساق بۇلىدىكەن، تاما تاما كۆل بۇلار دىگەندەك ،شۇ ئۇچۇرلىمىزدىن بىر قىرىندىشىمىز بولسىمۇ نەپ ئالالىسا  ھىساپ. بۇ جەھەتتە ئامېرىكىدىكى قەيسەر مىجىت، نەبىجان تۇرسۇن، جېك، مەمەتجان (يۇلغۇن تور بېكىتىنڭ قۇرغۇچىسى) قاتارلىق ياشلىرىمىزمۇ ئۆز تىرشچانلىغىنى كۆرسىتىپ كىلىۋاتىدۇ.يەنە بىر قىسىملار مەسلەن دوكتۇر، ئنژىنىر، مۇئاۋىن پروفېسسور رەيھانگۈل بەكتۇر(ئۇتاھ شىتاتلىق ئۇنىۋەرسىتتي) ،مۇئاۋىن پروفېسسور ھەسەنجان سابىت(ۋورسېستە تېخنىكا ئنىستىتيۇت)...دەكلەر ماگىستىر ياكى ئاسپىرانتلىققا ئالىدىغان ئوقۇغۇچىلىرىمدىن بىرسى بولسىمۇ ئۇيغۇر بولسا بۇلاتتى دەپ باش قاتۇرۇپ يۈرمەكتە.  بۇ ئارقىلىق كەڭ ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ ھەم كەڭ تورداشىلىرىمىزنىڭ ھورمىتىگە ھەم ئالقىشىغا ئىرىشىپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ بۇ خىزمەتلىرى ھەرگىزمۇ  قىلغىلى ئىشى يوق ياكى ئاتالمىش نام ئاتاققا ئىرىشىش ئۈچۈن ئەمەس، ئىچ -ئچىدىن چىقىپ تۇرغان مىللەتكە بولغان مەسھۇلىيەت ۋە قىزغىنلىقنىڭ مەھسۇلى . قانچىلىغان ياشلىرىمىز شۇلارنىڭ ئش ئزلىرىدىن،  تور يازمىلىرىدىن ئۇزۇق ئېىلىپ، ئۆز-ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاخىرى مەخسەتلىرىگە يەتمىدى؟ توردا ماقالە ئىلان قىلىش گەرچە گېىزىت -ژورناللاردا ئىلان قىلغانغا قارىغاندا ئختىيارى، ھەم قۇلاي بولسىمۇ ئۇ يەنىلا بىر ئەقلى ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى. كۈندىلىك ئالدىراشچىلىق تۈگەپ، يېرىم كىچىدىكى دەم ئېلش ۋاقىتنى تىجەپ ئاندىن يازىدىغان گەپ. شۇ ۋەجىدىن ئەنە شۇ تور دۇنياسىدا ھەقىقى كېرەكلىك ماقالىلارنى، ئۇچۇرلارنى ۋاختى ۋاختىدا يەتكۇۈزۇپ بېرىۋاتقانلارغا، ئەنە شۇ تور بىكەتلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىغا رەھمەت ئېيتساق بۇلىدۇ. چۈنكى ، ئادەتتە ئانچە بەك كىتاپ-ژورنال دىگەنلەر بىلەن خوشى يوق، ئۈگۈنۇش دىسە بېشى ئاغرىيدىغان ياشلىرىمىز ، ھىچ بولمىغاندا تور دۇنياسىدىن ماقالە ئۇچۇرلارنى ئوقۇپ ئازدۇر -كۆپتۇر بىلىم ئگەللەپ تۇرىدۇ. بۇ جەھەتتىن تەھلىل قىلساق تور دۇنياسىنىڭ تەربىيۋى رولىغا سەل قارىساق بولمايدۇ.

         ئىتاليەنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى كەڭ كۈلەمدە قۇبۇل قىلىشى باشقا ياۋرۇپا دۆۋلەتلىرىگە (مەسلەن فرانسىيە ، گىرمانىيە، شىۋىتسيەقاتارلىق ) قارىغاندا بىر قەدەر كىين باشلانغان. لېكىن يېقىنقى نەچچە يىل مابەينىدە سان ۋە سۈپەت جەھەتتىكى ئېشىش كۈرۈنەرلىك بولۇۋاتىدۇ.ئتالىيە ئۇنىۋېرسىتىتلىرى گەرچە ئامېىركا ۋە ئەنگىلىيەدىكى داڭلىق ئۇنېۋېرىستتىلىردەك كىشىلەرگە بەك تۇنۇشلۇق بولمىسىمۇ، لېىكن، غەرىپ مەدنىيىتىنىڭ بۈشۈگى بولغان بۇ دۆلەت ئۆزىگە خاسى مائارىپ ئىدىلوگىيىسى ۋە تەرەققىيات ئەندىزىسى بۇينىچە ئۆز مائارىپىنى تەرەققى قىلدۇرماقتا. دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمى ئۇنىۋېرسىتىت بولغان بولونىيە ئۇنىۋېرسىتىتى (Università di Bologna ) ، دۇنيا ماشىنا لايھىلەش مەركىزى، ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى  پەنلەر ئاكادىمىيىسى دىگەندەك داڭلىق ئۇنىۋېرسىتىت ۋە تەتقىقات مەركەزلىرى بار بولغان بۇ دۆلەت ئەمدىلكتە مائارىپتىمۇ خەلقارالىششىنڭ مۇھىملىغىنى تۇنۇپ يىتىپ، ئۇزىنىڭ نامىنى ۋە تەسىر دائىرىسىنى كەڭەييتمەكتە. بۇلۇپمۇ ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كەسىپلەرنىڭ بىرى بولغان قۇرۇلۇش لايھىلەش كەسپىدە ، ياۋرۇپانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئئىتالىيەگە كىلىپ بىلىم ئالماقتا. بۇ بىر جەھەتتىن ئىتالىيەدىكى ئوقۇش ھەققىنىڭ ناھايتى تۈۋەنلىگى ( ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيەلەردە يىلىغا 20-30 مىڭ دوللارغا بارىدۇ. ئىتالىيەدە بولسا ، ئائىلە كىرىمىگە ئاساسەن 700 نەچچە ياۋرو دىن -3000نەچچە ياۋروغىچە (يەتتە مىڭدىن ئوتتۇز نەچچە مىڭ يۇەن خەلىق پۇلى) بارىدۇ. تەرەققى قىلىۋاتقان دۆۋلەتلەردىن كەلگەنلەر ئاساسەن ئەڭ تۆۋەن ھەقنى تۆلەيدۇ. ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشكەنلەر بولسا 140 ياۋرۇ تىزىملىتىش ھەققى تاپشۇرسىلا بۇلىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، يېقىنقى 3-4يىل مابەينىدە، ئىتاليە ھۆكۈمىتى يولغا قۇيۇۋاتقان ماركوپولو پىلانى دەيدىغان بىر پىلان بۇلۇپ، بۇ پىلانغا ئاساسەن ، ھەر يىلى ئىتالىيىدىكى ھەر قايسى ئالى مەكتەپلەرگە يىلدا ئون مىڭلىغان ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىۋاتىدۇ. ئالدىنقى يىلى مەن كەلگەندە بۇ پلان ئىچىگە كىرگەن جوڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار مىڭغا يېقىن ئىكەندۇق. بىزلەرغۇ پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىپ كىلىپ قالغانلار ،نۇرغۇن جوڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار بۇ پلان بىلەن ئوقۇشقا كىلىدۇ. لېكىن ئاڭلىسام بۇ پىلانغا شىنجاڭدىنمۇ ئادەم ئېلىشقا كىرىشىپتۇ. ئالدى بىلەن بىر يىلغا يېقىن تىل (ئىتالىيە تىلى)ئۈگۈنىدنىكەن(6ئاي دۆۋلەت ئىچىدە، 6ئاي ئېتالىيەدە)، ئاندىن ،تىلدىن ئمتىھان بىرىپ،ئوتكەندىنى كىيىن، مەلۇم بىر ئالى مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىدىكەن. بۇنىڭدا تىل ئوقۇش پۇلى ۋە تۇرمۇش پۇلىنى ئۈزى چىقىرىدىكەن (8 مىڭ ياۋرو ئەتراپىدا كىتىشى مۇمكىن)، تۇلۇق كۇرۇسنىڭ ئىككنىچى يىلىدىن باشلاپ ئاندىن ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلسا بۇلىدىكەن. كۆپنىچە ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ ئختىسادى كىرىمىنى ھىساپقا ئالغاندا ، بۇ يول ئارقىلق كىلىشنى بەك تەشۋىق قىلىپ كەتمەيمىز. لېكىن، ئائىلە ئختىسادى ياخشى ، قۇشۇمچە كىرىمى بار ئائىلىلەرگە نىسبەتەن بۇمۇ بىر بۇلىدىغان يول. پەقەت كىينلىك كەسپى ئوقۇشنى ياخشى تاللىيالىسىلا كەلگۇسىدە خىزمەت تېپىشتىن، تۇرمۇشدىن ئەندىشە قىلمىسىمۇ بۇلىدۇ. ھەم ھەر يىلى نەچچە ئونمىڭلىغان جۇڭگولۇقلار بۇنىڭغا كىرىشكە تىرىشىۋاتىدۇ .بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى google ئارقىلىق ‹意大利留学› ياكى ‹马可波罗计划› دىگەندەك نوختىلىق سۆزلىكلەر بىلەن ئزدىسىڭىزمۇ ياكى http://www.studyinitaly.cn/ دىن ئگەللىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ. تۈۋەندىكى ئادرىستىن بولسا تېخىمۇ تەپسىلى ھەم ئەڭ يېىڭى ئۇچۇرلارغا ئىرىشەلەيسىز http://www.italianitaly.cn/  . مەن بۇ ماركوپولو پىلانى يولى بىلەن كەلمىگەچكە، ئىچىدىكى تەپسىلاتلارنى دىگەندەك ئىگەللەپ كەتمىدىم. لېكىن كىينكى ماتىرياللارنى تەييارلاشتا كۆپ پايدىسى تەگكەن. ئاڭلىسىام بۇ يىل بىر نەچچە ئۇيغۇر بالللارمۇ بۇنىڭدا ئوقۇۋېتىپتۇ. قىزىققۇچىلارنىڭ توردىن ئىزدىنىپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .

    ئىتالىيەگە كىلىپ ئوقۇش ئۈچۇن   >ماركوپولو پىلانى <دىن سىرىت يەنە بىىر يول خۇددى باشقا دۆلەتلەرگە چىقىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلغاندەك TOEFL ياكى IELTS  ئمتىھانى بىرىش يۇلىدۇر. TOEFL، IELTS  توغۇرلۇق تەپسىلى سۆزلىمىسەممۇ مەرىپەت تورىدا يىگۈزۈپ ئىچۈرىۋەتكۈدەك تەپسىلى ئۇچۇرلار بار.

بولدىلا ، قۇرۇق گەپ قۇلاققا خوش ياقمايدۇ. قىسقىسى ،  ئەمدى مەن ھازىر ئوقۇۋاتقان مىلەن تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتىتى غا قانداق ئىلتىماس قىلىش ، ئىلتىماس قىلىش ۋە پۇل تىجەشتىكى ھىلە مىكىر (ئۇسۇل) لەرنى ئەمىلىي تەجىربىلىرىم ئارقىلق بايان قىلىپ ئۈتىمەن.

  مىلەن تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتىتى 1863 -يىلى قۇرۇلغان. ئىتالىيەدىكى ئنژىنىرلىق، قۇرۇلۇش لايھىلەش كەسىپلىرنى ئاساس قىلغان داڭلىق ئۇنىۋېرسىتىتىلارنىڭ بىرى. بۇ ئۇنىۋېرستىت جەمئى 7 مەكتەپ راينىغا بۇلۈنگەن . بۇلارنىڭ ئچىدە  LEONARDO, MILAN BOVISA,COMO,LECCO قاتارلىق مەكتەپ رايۇنىدا مەخسۇس ئېنگىلىزچە كەسپى دەرىسلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولغاچقا ، بۇ رايۇنلارنغا چەتئەللك ئوقۇغۇچىلار بىر قەدەر نوختىلىق  يىغىلغان. بۇ مەكتەپنىڭ تور ئادرىسى :http://www.polimi.it/english/

       

ئ

ېنگىلىز تىلى غا بولغان ئۆلچەملىرى  تۈۋەندىكىچە :

TOEFL computer: 220

TOEFL iBT: 82

TOEFL Paper: 560

TOEIC: 700

IELTS Equivalent: 6

بۇ مەكتەپ تۇۋەندىكى كەسىپلەر بۇينىچە ئېنگىلىز تىلدىن ماگىستىر ئاسپىرانت (ئككى يىل) قۇبۇل قىلىۋاتىدۇ.

Master of Science in Architecture

1. قۇرۇلۇش لايھىلەش ئىلمى

   Master of Science in Architectural Engineering

2.  قۇرۇلۇش لايھىلەش ئنژىنىرلىغى  

   Master of Science in Civil Engineering for Environmental Risks Mitigation

3.  شەھەر قۇرۇلۇش  ۋە مۇھىت خەتىرىنى تۈۋەنلىتىش ئنژىنىرلىغى

   Master of Science in Computer Engineering

4.  كومپىيوتېر ئىلمى ئنژىنىرلىغى

   Master of Science in Engineering of Computing Systems

5. ھىساپلاش سېستىم ئىلمى ئنژىنىرلىغى

   Master of Science in Environmental and Geomatic Engineering

6. مۇھىت ۋە ئولچەپ سىزىش ئنژىنىرلىغى

   Master of Science in Management, Economics and Industrial Engineering

7. باشقۇرۇش،ئختىساد ۋە سانائەت ئنژىنىرلىغى

   Master of Science in Materials Engineering

8. ماتىريال ئنژىنىرلىغى

   Master of Science in Mechanical Engineering

9.مىخانىكا ئنژىنىرلىغى

   Master of Science in Product-Service-System Design

10.مەھسۇلات -مۇلازىمەت سېستىم لايھىلەش ئىلمى

   Master of Science in Urban Planning and Policy Design

11. شەھەر پىلانى ۋە سياسىتى لايھىلەش ئىلمى


      بۇ كەسىپلەرنىڭ بىر قسىمى ئاساسى مەكتەپ رايۇنى (مىلەن شەھرىدە) بولغان leonardo ,bovisa لاردا بولسا يەنە بىر قىسمى  LECCO ,COMO لارغا جايلاشقان. بۇنىڭ ئچىدە 3-4-5-6-7-9-لار  LECCO ,COMO لارغا جايلاشقان بۇلۇپ 100 نەپەر ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئورۇنلاشتۇرۇلغان،ھەر يىلى 5000 ياۋرو بىرىدۇ. نىمە سەۋەپتىنكىن، بۇ پۇل بارغانسىرى ئازلاپ كىتىۋاتىدۇ، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا 10000ئىكەندۇق،مەن كەلگەندە 8000  بولغان،  ھازىر 5000غا چۇشۇپ قاپتۇ. لېكىن قانداقلا بولمىسۇن  5000 بولسمۇ ، تىجەپرەك خەجلىسە يەنىلا يەتكۈزگىلى بۇلىدۇ. (ياتاققا يىلىغا 3500 ئەتراپىدا، تاماققا 1500 ئەتراپىدا). شۇڭا 5000 بولسىمۇ ئرىشپلا قالسىڭىز ،قىلچە ئىككىلەنمەي كەلسڭىز بۇلىدۇ. بۇ ئىككى شەھەر مىلەننىڭ شىمالىغا جايلاشقان (40 كىلومىتىر ئەتراپىدا ) مىلەندىكى پۇلدارلارنىڭ ئارام ئالىدىغان، ساياھەت قىلىدىغان شەھىرى، مۇھىتى گۈزەل، تىنىچ ۋە راھەت.

  ئۇنىڭدىن سىرىت، 1-2-8-10-11-قاتارلق كەسپىلەرگە ملەندىكى ئىككى مەكتەپ راينىغا 20 نەپەر ئوقۇش مۇكاپات پولى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ ، پۇلىمۇ ئوخشاشلا 5000 ياۋرو . بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشىپ قالسىڭىز، دۇنيا مودا مەركىزى بولغان مىلەندە ياشايسىز، پۇلىڭىز تەستىرەك يىتىشى مۇمكىن( ئاساسلىغى ياتاق قىممەت)، لېكىن، تەلىيىڭىز بولسا ئوقۇشدىن سىرت ئىش تېپتپ قالسىڭىز(بۇنداق پۇرسەت مىلەندە جىق، پەقەت ئنىگىلىز تىلىدىن باشقا ئازراق ئىتالىيە تىلى بىلسىڭىزلا) يىلدا ئىككى ئاي ئشلەپ قويسىڭىز قالغان پۇل يىتىدۇ.

     يۇقارقىلاردىن سىرىت يەنە بىردىن ئىككىدىن بۇلۇپ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى يەنە بار، تەپسىلاتىنى تۇۋەندىكى تور ئادرىسدىن كۆرسىڭىز بۇلىدۇ. http://www.polimi.it/english/academics/scholarships.php?id_nav=-247&apri=-247  ، يەنە بىلىشىمچە ، ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا ياكى ئائىلىدە قىيىنچىلىىغى بار يەرلىك ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپتىن كۈندە بىر ۋاخ ھەخسسز تاماق بىرىدىغان مۇلازىمىتى باركەن.

     بۇ يەردە يەنە بىر نەرسىنى تەكىتلەپ قويغۇم كىلىۋاتىدۇ. خۇددى بەش قول تەڭ بولمىغىنىدەك، ئىلتىماس قىلماقچى بولغان بالىلارنىڭ ئائىلە ئختىسادى ئەھۋالى ئوخشاش بولماسلىغى مۇمكىېن. ناۋادا  ئائىلە ئختىسادى ياخشى بۇلۇپ (ئىككى يىللىق ئوقۇش ئۇچۇن كامىدا 100000يۇەن خەلق پۇلى چىقىرالىغۇدەك) ھەم تۇلۇق كۇرستىكى ئوقۇش نەتجىڭىز ياخشى بولسا ( ئوتتۇرچە نۇمىرىڭىز ئەڭ كام دىگەندە 80 بۇلۇشى شەرىت )، مىنىڭچە، 1-2-4-7-9-10-كەسىپلەرگە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بەرمىسىمۇ، قۇبۇل قىلىنىپلا قالسىڭىز كەلسىڭىز بۇلىدۇ. چۇنكى بۇ كەسىپلەردىن ئوقۇش پۇتتۇرگەنلەرنىڭ ياۋرۇپادا خىزمەت تېپىش ھەم پىراكىتكا قىلىش پۇرسىتى كۆپرەك ، داۋاملىق ئوقۇيمەن دىسىڭىزمۇ يول چىقىدۇ. لېكىن يۇقارقى ئككى شەرىت ھازىرلانمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئالدىراپ تەۋەككۇلچىلىك قىلمىغان تۈزۈك. بۇ يىل بىر ئۇيغۇر ئىنىمىز 7-كەسپكە قۇبۇل قىلىنىپتىكەنتۇق، ماڭا ئلخەت يېزىپ مەسلىھەت سوراپتۇ، مەن ئائىلە ئەھۋالى ۋە ئوقۇش ئەھۋالىنى سوراپ بىلسەم ، ئوقۇشى بەك ياخشىكەن(ئچىكىرىدە بىر ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرۇش ئالدىدىكەن ھەم شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتىتدىن ماگىستىر ئاسپىرانىلىققا قۇبۇل قىلىنىپ بوپتۇ) لېكىن ، ئاتا-ئانىسى بانكىدىن پۇل قەرز ئېلىپ بولسىمۇ ئوقۇتىمىز دەپ چىڭ تۇرۇپتۇ. مەن بۇ يەرنىڭ ئەھۋالىنى چۇشەندۇرۇپ، قەرز ئېلىپ بۇ يەردە ئوقۇشنىڭ تازا مۇۋاپىق ئەمەسلىگىنى ، كىلەر يىلى يەنە ئىلتىماس قىلىشقا بۇلىدىغانلىغىنى، باشقا دۆلەتلەردىنمۇ ئوقۇش مۇكاپاتى ئزدنىپ بېقىشىىنى تەۋسىيە قىلدىم. بۇ بالا ھازىر شىئەندىكى ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋېتىپتۇ.

      مەكتەپنڭ ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىش قەدەم باسقۇچلىرى تۈۋەندىكىچە:

1.باسقۇچ : توردىن ئىلتىماس قىلش  ماتىريال ئەۋەرتىش ياكى ھاۋالە قىلىش جەريانى (2008-يىلى 27-ئۆكتەبىردىن   2009-يىلى 16-يانۋارغىچە)

بۇ جەريان توردىنى ئىلتىماس قىلشى جەدىۋىلىنى توشقۇزۇش،كېرەكلىك ماتىرياللارنى تەييارلاش جەريانى بۇلۇپ ، جەدىۋەللەرنى ئەستايىدىل توشقۇزۇش،ماتىرياللارنى تۇلۇق ئنىچكە ئويلۇنۇپ تەييارلاش كېرەك.

توردىن توشقۇزىدىغان جەدىۋەل نۇسخىسى

توشقۇزۇپ ئەۋەتىۋەتكەندىن كىيىن كۈرنگەن ID ۋە PASSWORD نى ھەرگىز يوقۇتۇپ قويماڭ ، قۇبۇل قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىغىڭىزنى پەقەت شۇنىڭدىنلا تەكشۈرەلەيسىز.

ئەۋەتىدىغان ماتىرياللار تىزىملىگى (توردىكى ئادرىسى :http://www.polimi.it/english/academics/how_to_apply/prospective/non-EU/graduate.php?id_nav=-340&apri=-318)

(1).توردا ئىلتىماس قىلغان جەدىۋەلنىڭ پرىنت نۇسخىسى (ئىمزالىق)

(2).ئۇنىۋېرسىتىت دىپلۇمى ۋە ئوقۇش پۇتتۇرۇش گۇۋانامىسنىڭ كوپىيە نۇسخىسى ( ھازىرچە ئېنگىلىزچىسى بولسىمۇ بۇلدۇ،مەكتەپنىڭ تامغىسى بۇلۇشى كېرەك،بۇنى مەكتەپتىن ئالالايسىز )

(3).ئوقۇش نەتنىجىڭىز  ( جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا ئەڭ توۋەن بولغاندىمۇ ئوتتۇرچە نۇمۇر 80 بۇلۇشى شەرت، ھازىرچە ئېنگىلىزچىسى بولسىمۇ بۇلدۇ،مەكتەپنىڭ تامغىسى بۇلۇشى كېرەك)

(4)مەكتەپتە ئوقۇغان دەرىسلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى (بۇنى سىز ئوقۇغان كەسىپنىڭ ھەر قايسى دەرسلەرنىڭ قىسقىچە چۇشەندۇرىشىدىن پايدىلىنىپ يېزىپ چىقسىڭىز بۇلىدۇ، بەك كۆپ يېزىۋەتمەڭ، بىر قىسىم ماركىسىزىم، تارىخ دىگەندەك قۇرۇق دەرسىلەرنى چىقىرىۋىتپ، مۇھىمراقلىرىدىن ، ئىلتىماس قىلغان كەسىپكە يېىقىن كىلىدىغانلىرىدىن تاللاپ A4 قەغەزدە 3ۋاراقتىن ئېشىپ كەتمىگەن ئاساستا يېزىپ چڭقسىڭىز بۇلىدۇ. ھەرگىز كۆپ يېزىۋەتمەڭ،كىين جامائەت گۇۋالىغى ھەم ئەلچىخانىدا تامغا باسقۇزغاندا ۋاراققا ئاساسەن جىق پۇل تولەپ كىتىسىز.

(5) ئوقۇش مەخسىدى ھەققىدىكى خەت (بۇنى چۇقۇم ئويلۇنۇپ ياخشى تېزىڭ ، مەكتەپ بۇنىڭغا بەكرەك قارايدىكەن، مەزمۇنى ئۇزىڭىزنى تۇنۇشتۇرۇش، ئوقۇش ئارقا كۈرۇنىشىڭىز، ئىتالىيەنى ، شۇ مەكتەپنى، شۇ كەسىپنى  تاللاشتىكى مەخسىدىڭىز، كىينىكى پىلانىڭىز قاتارلق مەزمۇنلارنى ئوز ئىچىگە ئالسا بۇلدۇ. توردىن STUDY PLANE,MOTIVATION LETTER دەپ ئزدىسىڭىز،بۇنىڭغا ئائىت نۇسخىلارنى تاپالايسىز

(6). قىسقىچە تارىخڭىز (Curriculum Vitae (Resume))

(7).TOEFl ياكى IELTS ئىمتىھان نەتىنجىسى ( كوپىيە نۇسخىسنى ئەۋەتسىڭىز بۇلىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرى تەكشۈرىۋالىدۇ)

(8). بىر پارچە تۇنۇشتۇرش خېتى (بۇنى مەكتەپتىكى دەرىس بەرگەن پىروفېسسورلارندىن بىرەرىگە ياكى خىزمەتكە چىققان بولسىڭىز ئۇيغۇر باشلىغىڭىزدىن بىرەرىگە يازغۇسىڭىز بۇلىدۇ. ئەمىليەتتە ئۇزىڭىز يېزىپ ئىمزا قويغۇزىۋالسىڭىزمۇ بۇلىدۇ، ئېنگىلزچە بۇلىشى كېرەك، توردا  جەدىۋەل با شۇنى چۇشۇرۇپ توشقىزسىڭىزلا كۇپايە)

    بىناكارلىق لايھىلەش كەسپىگە ئىلتىماس قلىدىغانلار يەنە بىر شەرىت بار، بۇ يەردە تەپسىلى يازمىدىم.

دىققەت: ھەر بىر ئوقۇغۇچى يۇقارقى كەسىپلەردىن بىرلا ۋاقىىتتا ئىككىگە ئىلتىماس قىلىشقا بۇلىدۇ، بۇ ئىككى كەسىپنىڭ سىزنى تاللاش جەريانى ئايرىم بۇلۇپ، ھەر بىر كەسىپكە يۇقارقى ماتىرياللارنىڭ ھەممىسىنى دىگۈدەك ئايرىم قىلىپ (بەزىلىرىنى كوپىيە قىلسىڭىزمۇ بۇلىدۇ) ئەۋەتىسىز ( بىر پوچتا خالتىسىغا ، لېكىن ئايرىم تۇپلەپ).

پوچتىدىن ئەۋەتش ئادرىسى :

Politecnico di Milano

International Projects Service

International Admissions Office

Delivery address: P.zza Leonardo da Vinci 32

20133 Milano (MI)

Italy

contact person: Fabrizio Buttò  tel: +39 02 2399.9720

ئەۋەتكەندە بىخەتەرلىك يۇزسىدىن تىز پوچتا يوللانمىسنى تاللىغىنىڭىز تۇزۈك. جۇڭگونىڭ EMS ياكى ئامېرىكىنىڭ DHL نى تاللىسىڭىز بۇلىدۇ. ئەڭ ياخشىسى DHL نى تاللاڭ بۇ ھەم تىز ھەم يوللانمىڭىزنىڭ نەگە بېرىپ نەگە توختىغانلىغىنى كۈرۇپ تۇرالايسىز.باھاسى جىق پەرق قىلمايدۇ.EMS ئادەتتە 200 يۇەن ئەتراپىدا،DHLبولسا 240 يۇەن ئەتراپىدا.كىينىكىسى تىزراق تىگىدىكەن، مىنڭ ماتىريالىم ئۈرۈمچىدىن 3 كۇندە مىلەنگە كىلىپ بولغان.

2. باسقۇچ :  

ماتىرياللارنى ئەۋەتىپ بولغاندىن كىيىن ، 3ئاي ئەتراپىدا ئۇنىڭ نەتنجىسى توردا مەلۇم بۇلىدۇ.لېكىن ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ نەتىنجىسى كىينىرەك چىقىشى مۇمكىن ،ئوقۇش مۇكاپاتىسىز ئوقۇمايمەن دىسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى مۇكاپاتنىڭ خەۋىرى تۇلۇق مەلۇم بولغانىدىن كىيىن ئاندىن كىينىكى قەدەمنى باسسىڭىز بۇلىدۇ.ناۋادا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىرىلمىگەنلىك توغۇرلۇق خەۋەر كەلسە، بەكمۇ ئۈمۈتسىزلىنىپ كەتمەڭ، ئويلۇنۇپ تۇرۇپ بىر پارچە خەت تەييارلاپ ئۆزىڭىزنىڭ بو ئوقۇش مۇكاپاتىغا ناھايتى ئېھتىياجلىق ئىكەنلىگىڭىزنى، بۇنىڭسىز ئوقۇيالمايدىغانلىغىڭىزنى ، شنجاڭدەك نامرات رايۇندا ياشاۋاتقانلىغىڭىزنى، بۇنداق ئوقۇش پۇرسىتىنىڭ ئاسانغا كەلمەيدىغانلىغىنى( بۇلۇپمۇ بىزدەك ئۇيغۇرلارغا) ، ناۋادا ئمكانىيەت بولسا،ئېككىنچى قېتىملىق تەڭشەشتە ( مۇكاپاتنى رەت قىلىپ كەلمەيدىغانلارمۇ چىقىپ قالىدۇ ) ئويلۇشۇپ كۈرىشىنى ئىلتىماس قىلسىڭىز بۇلىدۇ. مەنمۇ ئەينى يىلى ئىلتىماس قىلغاندا ، دەسلەپتە كەلمگەن، بۇنىڭدىن بېشىم قېتىپ ئاخرىدا بارماسلىقنى قارار قىلىپ تۇرغاندا مۇكاپاتقا ئىرشكەنلىك توغۇرلۇق خەۋەرنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. منىڭچە بۇ شۇ كىينكى ئىلتىماس خېتىمىنىڭ رولىدىن بولغانمىكىن دەپ قارايمەن. مۇكاپاتىنى ئەگەر ئىككى كەسىپكە ئىلتىماس قىلغان بولسىڭىز، ھەم ئېككىلا كەسىپتىن قۇبۇل قىلىنسىڭىز ئۈزىڭىز ياختۇرىدىغان بىرسىنى تاللىسىڭىز بۇلىدۇ. ئاندىن20 كۈن ئەتراپىدا مەكتەپنىڭ قۇبۇل قىلىنىش ئۇختۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالالايسىز.ئۇختۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ، پاسپورتقا ئىلتىماس قىلىش، ماتىرياللارنى ئىتالىيە تىلىغا تەرجىمە قىلدۇرۇش، جامائەت گۇۋالىغىدىن ئوتكۈزۈش قاتارلق ئشلارغا تۇتۇش قىلسىڭىز بۇلىدۇ. پاسپورتقا تىزراق ئىلتىماس قىلىڭ ، ئۇلار بەك كەينىگە سۇزىۋېتىدۇ. ئەڭ تىز بولغاندىمۇ 15 كۈندە چىقىشى مۇمكىن.

ئىتالىيە تىلىغا تەرجىمە قىلدۇرىدىغان ۋە جامائەت گۇۋالىغىدىن ئوتكۈزۈدىغان ماتىرياللار:

(1).ئۇنىۋېرسىتىت دىپلۇمى ۋە ئوقۇش پۇتتۇرۇش گۇۋاھنامىسى

(2).ئوقۇش نەتنىجىڭىز

(3)مەكتەپتە ئوقۇغان دەرىسلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

     يۇقارقى ماتىرياللارنى ئۈرۈمىچىدىكى چوڭراق بىرەر جامائەت گۇۋالىغى ئورنىغا ئاپىرىپ تەرجىمە ۋە گۇۋالىق قىلدۇرىسىز (گۇۋالىق ئورنىنىڭ تەرجىمە شىركىتى بىلەن ئالاقىسى بار). مەن ئۈرۈمچىدىكى نەنمىنغا يېقىن 酒花大厦 (قولماق ساراي) دىگەن بىنانىڭ بىرىنجى قەۋىتىگە جايلاشقان جامائەت گۇۋالىغى ئورنىدا قىلدۇرغان، ئون نەچچنىچى قەۋەتتە بىر تەرجىمە شىركىتى بار، ئۇلار ئېىتالىيەچىنى ئۆزلىرى تەرجىمە قىلالمايدۇ، بېيجىڭغا ئەۋەتىپ قىلغۇزىدىكەن، ئادەتتە بىر ۋارىقنى يۇز نەچچە يۇەن ئەتراپىدا قىلاتتى ، بەك قىممەت دەپ تۇرۇۋالسا باھا تالاشسىڭىز بۇلىدۇ. ئادەتتە تىز بولغاندىمۇ بىر ھەپتىدە تەييار بۇلىدۇ. يۇقارقى توت ماتىريالنى چۇقۇم تۇلۇق قىلغۇزۇڭ، ھەر بىرسىنى ئىككى نۇسخىدىن چىقىرىپ بەرسىۇن. بۇلارغا ئادەتتە مىڭ نەچچە يۇەن ئەتراپىدا كىتەر.

    يۇقارقى خزمەتلەر تۈگىگەندىن كىين، بېيجىڭ ئەلچىخانىغا ماتىريال تاپشۇرغىلى  ماڭسىڭىز بۇلىدۇ.

  (1)  بېيجىڭغا چۇشۇپ ئالدى بىلەن 教育部学位与研究生教育发展中心 غا بېرىپ ئۇنىۋېرسىتىت دىپلۇمى ۋە ئوقۇش پۇتتۇرۇش گۇۋاھنامىسىنىڭ راسىتلىغىغا ئائىت ئسپات چىقارغۇزىسىز. 180يۇەن ئەتراپىدا پۇل ئالىدۇ.(كۈلكىلىكتە ، ئۈزى بەرگەن دىپلومغا ئۈزى ئىسپات چىقىرىپ)  ئۇ ئۇرۇننىڭ ئورنى :

北京市海淀区王庄路 1 号同方科技广场 B 18

بۇيەر چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتىتغا يېقىن، بېيجىڭ ئورمانچىىلق ئۇنىۋېرستىتىنڭ يان ئۇدۇلىدا.

    (2)  ئاندىن تاشىقى ئىشلار مىنىستىرلىگىدىكى گۇۋالىق ئورنى   中国外交部领事司认证处 غا بېرىپ جامائەت گۇۋالىغىدىن ئۆتكۇزگەن ماتىرياللارنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ تامغىسىنى ئۇرغۇزىسىز (بەلكىم 3 كۇن كېتىشى مۇمكىن ھەر بىرسىگە يۇز نەچچە يۇەن ئالىدىغۇ دەيمەن. تەپسىلى ئورنى :

  外交部领事司认证处

  地址:北京市朝外大街22号泛利大厦708室

  邮政编码: 100020

  对外办公时间:上午 9 00 11 30 星期一至星期五  

  国家法定公休日除外

  咨询电话:

  电脑查询: 65889761 65889762

  人工咨询: 65889906 65889763

مەن توردا ئۇلارنىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلەردە ئىش بىجىرىش ئورۇنلىرنى قۇرغانلىغىنى كۈرۇپ قالدىم . ئۈرۇمچىدىمۇ بار ئوخشايدۇ. تۇۋەندىكى ئادرىسقا قاراڭ .

新疆外办

0991-2804131

0991-2815777

新疆乌鲁木齐市中山路 2

http://www.chinaruslaw.com/CN/LawsuitArbitrate/002/2007425121635_889003.htm

ئەگەر ئۈرۈمچىدە قىلغۇزالىسىڭىز تېخى ياخشى ، بېيجىڭدا تۇرىدىغان ۋاقىتنى قىسقارتتپ، پۇل تىجەپ قالىسىز .

(3) تاشىقى ئىشلار مىنىستىرلىگىدىكى گۇۋالىق (ئسپات) ئاخىرلاشقاندىن كىين ئىتالىيەنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىخانىسى مەدىنيەت مەركىزىگە( 意大利大使馆文化处 ) كىرىپ، ئۇلارنىڭ گۇۋالىقىنى ئالىسىز.بۇ يۇقارقىسى بىلەن قۇشۇلۇپ قوش گۇۋالىق دەپ ئاتىلىدۇ ( 双认证( ئۇ يەردە ئىتالىيەلىكلەر بلەن تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىسىز. لېكىن ئەنسىرىمەڭ ، ئۇلارغا ئېنگىلىزچە ياكى خەنزۇچە گەپ قىلسىېڭىز بۇلىدۇ. دىققەت قىلىدىغان بىر يېرى باركى، ئۇ مەركەزدە بىر قېرى خەنزۇ ئايال بار، ئالدىراپ ئاچچىغىنى كەلتۇرۇپ قويماڭ، كالتا قالغان يەرلىرى بولساچىرايلىق گەپ قىلىڭ، ئۇ خەنزۇ بولغان بىلەن ئىتالىيەلىك، ئۇ يەردىمۇ پۇل ئالىدۇ ، بىر ۋاراققا 100نەچچە يۇەن (جەمئى 1000يۇەن ئەتراپىدا)، ناۋادا ئاچچىغىنى كەلتۇرۇپ قويسىڭىز جىق ئېلىۋېىلشى مۇمكىېن (ئامال يوق ، چىدىمىسىڭىز بولمايدۇ)، بۇ ماتىريال بىر ھەپتىدە چىقىشى مۇمكىن.

ئىتالىيەنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىخانىسى مەدىنيەت مەركىزىى  ( 意大利大使馆文化处 ) نىڭ ئادرىسى :(باش ئەلچىخانىىنڭ يېنىدىلا)

意大利使馆文化处

三里屯东二街 2

100600 北京

电话 : 0086 10 65322187

传真 : 0086 10 65325070

电子邮箱 : iicpechino@esteri.it

开放时间:

秘书处:

周一至周五每天上午 09.30-12.30 ,下午 14.30-16.30

     دىمەك، يۇقارقىلارنى ھىساپلىسىڭىز ، بېجىڭغا بېرىپ ئاز يول ماڭمايسىز، تەلىيىڭىز بولسا 8 كۈن ئەتراپىدا، بولمىسا بىر ئايدا ئاران تەييار بۇلشى مۈمكىن. ھەم بېجىڭدا ياتاق ، تاماق ئۈچۈن پۇل خەجلەيسىز ، تەلىيڭىز بولسا ساۋاغداش ياكى تۇنۇشلار بولسا شۇلارنىڭكىدە تۇرسىڭىز بۇلىدۇ. بولمىسا، بېيجىڭ گىولوگىيە داشۆسىنىڭ ئەتراپىدا ئەرزان باھالىق ياتاقلار بار ، شۇلارنى كۈنىگە 30-40 يۇەندىن ئېىلپ ياتسىڭىز بۇلىدۇ.

يۇقارقى چىقىملارنى بېيجىڭغا بېرىپ كىلىش سەپىرى (ئېككى قېىتىم ) بىلەن قۇشۇپ ھىساپلىساق ھەم كىينكى قەدەمدىكى ۋىزا ئشلىرى بىلەن قۇشۇپ ھىساپلىساق  ئون مىڭ يۇەن ئەتراپىدا كىتىدۇ.  

3.باسقۇچ: ۋىزا ئېلىش باسقۇچى ،

يۇقارقى قەدەملەر ئوڭۇشلۇق بولسا ، 8-ئاينڭ ئاخرلىرىدىن باشلاپ، ۋىزا ئېلىشقا ئلتىماس قىلشقا كىرىشسىڭىز بۇلىدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە بېيجىڭغا بېرىشىڭزغا توغرا كىلىدۇ. ناۋادا ئالدنقى قەدەم بىلەن بۇ قەدەمنى تەڭ باسىمەن دىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ، لېكىن ، بېيجىڭدا ئۇزۇنراق تۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. ھەم ۋىزا ئۈچۇن ئايرىم ماتىريال تەييارلايسىز.

تەييارلايدىغان ماتىرياللار:

1. ئالدىنقى قەدەمدىكى ماتىرياللار

2.پاسپورت چوڭلىقتىكى رەسىمدىن 4 پارچە.

3.ئىتاليەگە ئۇچىدىغان ئايرۇپىلاننىڭ زاكاس ئسپاتى ياكى بىلەت ( ئەڭ ياخشىسى ئۈرۈمچىدىكى چاغدىلا ئېلىۋېلىڭ، ئەزەربەيجان ئاۋىئاتسىيەسىىنڭ ئۈرۈمچىدە بىر ئىش بىجىرش ئورنى بار، ئورنى يىپەك يۇلى مېھمانخانىسى ( 丝绸之路宾馆( نىڭ 4-قەۋتىدە، ئۇلارغا دەپ زاكاس قەغىزىنى ئالسىڭىز بۇلىدۇ، ماڭىدىغان ۋاقىتنى مەكتەپنىڭ مەلۇم قىلىش ۋاختىغا ئاساسەن كەڭرەك مۆلچەرلىسىڭىز بۇلىدۇ.ھەم ۋىزا ئېلىپ بولغاندىن كيىن مۇشۇلارنىڭ ئايرۇپىلانىدا ئۈرۈمچىدىن ئۇچقىنىڭىز ياخشى ، بېيجېڭدىن ئۇچقاندىن جىق ئەرزان ھەم قۇلاي ( تاق يول تۆتمىڭ نەچچە يۈز يۇەن )

4. 5000 ياۋرولۇق (50000مىڭ يۇەن) ئختىسادى كاپالەت ئسپاتى ( ساياھەت چىكى ياكى كارتا ) . ئوقۇش مۇكاپاتى بولسا بۇنچە كۆپ كەتمەيدۇ  1000 ياۋرو ئەتراپدا (10000يۇەن) بولسا بۇلىدۇ (مەن ئەينى يىلى 500 ياۋرو ساياھەت چىكىنىڭ كوپىيىسىنى كۆرسەتكەن)

5. ئىتالىيەدىكى تۇرىدىغان ئۇرۇننىڭ ئسپاتى. ئەگەر ئوقۇش مۇكاپاتىڭىز بولسا، بۇنى مەكتەپتىن سىزگە ئەۋەتىپ بىرىدۇ ، بولمىسا، مەكتەپدىن ئوي ئجارە ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزىدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن مۇۋاپىق ئۆينى تاللاپ ( رەنە پۇل ئەۋەتىپ ) بىكىتسىڭىز بۇلىدۇ.

    بۇ مەركەز ئەمىليەتتە بىر ئوتتىردىكى جۇڭگولقلار ئاچقان شىركەت، قۇبۇل قىلىدىغانلارمۇ ھەممىسى جۇڭگولۇقلار ، خىجىل بولماي ماتىرياللارنى بىر بىرلەپ كۆرسەتسىڭىز بۇلىدۇ. بۇ يەرگە بىجىرىش  ھەققى ئۈچۇن 180 يۇەن ئەتراپىدا تۆلەيسىز. تىز بولسا 3 كۈندە بولمىسا بىرەر ھەپتىلەردە چىىقىشى مۈمكىن.

بۇ ئۇرۇننىڭ ئادرىسى :

北京市东城区东直门外大街 48 号东方银座写字楼 10 A-B 室,

100027 北京

办公时间:周一至周五 8 -15

网址: www.italyvac.cn

电子邮件: infopek@italyvac.cn

 

      يۇقارقى قەدەم باسقۇچلار بېسىلپ بولۇپ ،ئىتالىيەنىڭ ۋىزىسىنى ( سېنگېن ۋىزا ، ياۋرۇپانىڭ ھەممە دۆلەتلىرىگە ئېشلەيدۇ ) قۇلىڭىزغا ئالغاندىلا ئاندىن ئۇھ دەيسىز. بۇ ئۇزۇن مەزگىللىك ،جاپالىق جەريان . سەۋرىچان بولمىسىڭىز بولمايدۇ. بۇ ھەم بىر كۆڭۈللۇك جەريان. ناۋادا داشۆدە  ئوقۇۋاتقاندا بېيجىڭغا بېرىپ باقمىغان بولسىڭىز تازا بىر چۆگلىۋالسىڭىز بۇلىدۇ. بۇ جەرياندا ( ئىتالىيەنىڭ چاقىرىقى ۋە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى خەۋىرى كەلگەن كۈندىن تارتىپ) ئىتاليە تلىنى ئانچە مۇنچە ئۈگۈنشىكە كىرىشسىڭىز بۇلىدۇ . گەرچە دەرسىلىرىڭىز ئېنگىلىز تىلدا بولسىمۇ، سىرتقا چىققاندا پۈتۈنلەي ئىتالىيە تىلى ئشلىتىدىغان گەپ، ھەم بۇ ئىتالىيە پۇخرالىرىنڭ ئېنگىلىزچە سەۋيىسى بەكلا تۈۋەن، كۆپىنچىسى يول سورىسىڭزمۇ جاۋاپ بىرەلمەيدۇ ( مەكتەپتە چاتاق يوق، پىروفېسسورلار ھەم كۆپىنچە ئوقۇغۇچىلار ھەممىسى ئېنگىلىزچە بىلىدۇ ). شۇڭا ، بالدۇرراق ئۈگۈنۈشىنى باشلىسىڭىز ياخشى.( مەكتەپكە كەلگەندە ھەر ماۋسۇمدا 3ئاي ئەتراپىدا ھەقسىز ئىتاليىچە دەرىس بار ،ئختيارى). بۇ كەلگەندىن كىينىكى تۇرمىشڭىزغا پايدا. ئامال بار، مەكتەپ ئوقۇش باشلاشدىن بىرەر ھەپتە بۇرۇن كەلگنىڭىز ياخشى ، بىر جەھەتتىن يېڭى چەتئەل تۇرمىشىغا كۆنشكە ۋاقىت كىتىدۇ. ھەم كام نەرسىلىرىڭىزنى (تاماق ئتىش ئەسۋاپلىرى، ئۇششاق -چۈششەك دىگەندەك)ئېلىۋالالايسىز، ياكى ۋاختىڭىز بولسا قوشنا دۆلەتتىن بىرەرنى چۆرگىلەپ كەلسىڭزمۇ بۇلىدۇ.

     يۇقاردا مەن بۇ جەريانلارنى بىرەر قۇر بايان قىلىپ ئۆتتۈم. بىر يىلدىن بىر يىلغا بەلكىم ئانچە مۇنچە ئۆزگىرىش بۇلۇشى مۈمكىن، لېكىن قەدەم باسقۇچلار ھەم ئاساسى تەلەپلەردە جىق ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئىلتىماس جەريانىدا يەنە ئايدىڭ بولمىغان يەرلەر بولسا ئالدىنىقى بەتلەردە قالدۇرغان خەنزۇچە تور بەتلىرىدىن ئگەللىسىڭىزمۇ ياكى ماڭا ئىلخەت يېزىپ ياردەم سورىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ. مەكتەپتىن قۇبۇل قىلىنىش خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغانىدىن كيىنلا دەرھال مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، مەن كينىكى قەدەم توغۇرلۇق مەسلىھەت بىرىشكە تەييار.

مىنىڭ ئادرىسىم :

مۇزەپپەر.مۇسا

Muzappar .musa

Politecnico Di Milano

Via Coloniola 16

Como  22100, Italy

Tell:+39 3278187989

e-mail: muzappar.musa@gmail.com

   

 ئاخرىدا سىزنىڭ ئىلتىماس سەپىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بۇلۇشىنى تىلەيمەن.

2008-يىلى .نويابىر